illikdunya.biz abduheni
nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2102
شۆھرىتى: 21484 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26320 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2485 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

. ئەي پەرزەنتىم، ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ياراتقۇچىنى تونۇ.
2. كىمگە پەند- نەسىھەت قىلساڭ ئاۋال ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىل.  
3. سۆزنى ئۆز قەدرىڭگە لايىق قىل.
4. ئادەملەرنىڭ قەدرىنى بىل.  
5. ھەممىنىڭ ھەققى- ھوقوقىنى چۈشەن.  
6. سىرىڭنى مەخپىي تۇت.  
7. دوستۇڭنى قېيىن كۈندە سىنا.  
8. دوستتىن پايدا- زىياندا ئىمتىھان ئال.  
9. ئەخمەق ۋە نادان ئادەملەردىن قاچ.  
10. دانا ۋە زېرەك دوستنى دوست تۇت. '  
11. ياخشى ئىشقا مەھكەم كىرىش.  
12. ئايال كىشىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشەنمە.  
13. ساپ دىل ۋە دانا كىشىلەر بىلەن مەسلىھەت قىل.  
14. سۆزنى ئىسپاتى بىلەن سۆزلە.  
15. ياشلىقنى غەنىيمەت بىل.  
16. ياشلىقتا ئىككى دۇنيا ئىشلىرىنى قىلىۋال.  
17. دوست- يارەنلىرىڭنى ئەزىز بىل.  
18. دوست- دۈشمىنىڭگە يۈزۈڭنى ئوچۇق تۇت.  
19. ئاتا- ئاناڭنى غەنىيمەت بىل.  
20. ئۇستازنى ئاتىدىن ئەزىز بىل.    
21. خەجنى كىرىمگە قاراپ قىل.  
22. ھەممە ئىشتا ئورتاھال يول تۇت.  
23. ئالىيجانابلىقنى ئۆزۈڭگە شۇئار قىل.
24. مېھماننىڭ خىزمىتىنى قائىدىدەك قىل.
25. بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىڭدە كۆز ۋە تىلىڭغا ئېھتىيات قىل.
26. كىيىم- كېچەك ۋە بەدىنىڭنى پاكىز تۇت.  
27. جامائەت بىلەن بىللە بول.  
28. پەرزەنتىڭگە ئىلىم ۋە ئەدەپ ئۆگەت.  
29. ئىلاج بولسا پەرزەنتىڭگە چەۋەندازلىق ۋە مەرگەنلىكنى ئۆگەت.  
30. ئۆتۈك ۋە كەش كىيىشنى ئوڭ پۇتۇڭدىن، سېلىشنى سول پۇتۇڭدىن باشلا.  
31. بىراۋ بىلەن ئىش قىلساڭ شۇ ئادەمگە لايىق ئىش قىل.  
32. كېچىدە سۆزلىسەڭ ئاستا ۋە مۇلايىم سۆزلە، كۈندۈزى سۆزلىسەڭ ئەتراپىڭغا بېقىپ سۆزلە.  
33. ئاز يېيىش ۋە ئاز سۆزلەشنى ئادەت قىل.  
34. ئۆزۈڭگە ياقمىغان نەرسىنى ئۆزگىگە زورلىما.  
35. ھەر ئىشنى ئاۋۋال ئويلاپ چارە- تەدبىر بىلەن قىل.
36. ئۇقماي ئۇستازلىق قىلما.  
37. خوتۇن(خاتۇن) ۋە بالىغا سىر ئېيتما.  
38. باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى تەمە قىلما.
39. پەسكەشتىن ۋاپا كۈتمە.
40. ھەرقانداق ئىشنى كەم- كوتسىز دېمە.  
41. قىلمىغان ئىشنى ھېسابقا ئالما.  
42. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما.  
43. ئۆزۈڭدىن چوڭغا چاقچاق قىلما.
44. ئۆزۈڭدىن چوڭغا ئارتۇق سۆزلىمە.
45. كىشىلەرگە يامان كۆرۈنمەسلىككە تېرىش.  
46. ھاجەتمەن كىشىلەرنى نائۈمىد قايتۇرما.
47. ئۆتكەن جاڭجالنى ئەسلىمە.
48. باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆز ياخشىلىقىڭ بىلەن ئارىلاشتۇرما.
49. بايلىقىڭنىڭ مىقدارىنى دوست- دۈشمىنىڭگە بىلدۈرمە.
50. قېرىنداشنى قېرىنداشتىن ئايرىما.
51. ياخشى ئادەمنىڭ غەيۋىتىنى قىلما.
52. پەقەت ئۆزەڭنىلا ئويلىما.
53. كۆپچىلىك قوزغالسا سەنمۇ ئۇلارغا ئەگەش.
54. بارماقلىرىڭنى ئېغىز ۋە بۇرنۇڭغا تەگكۈزمە.
55. ئادەملەرنىڭ ئالدىدا چىش كولىما.
56. تۈكۈرۈك(خەپۈرۈك) ۋە بۇرنۇڭنى يۇقۇرى ئاۋازدا تاشلىما.
57. ئەسنىسەڭ ئېغىزىڭنى قولۇڭ بىلەن توس.
58. ئادەملەرگە قاراپ كېرىلمە.
59. بارمىقىڭنى بۇرنۇڭغا تىقما.
60. بىراۋنى بىراۋ ئالدىدا خېجىل قىلما.
61. جىددىي سۆزنى چاخچاققا ئايلاندۇرما.
62. قاش- كۆزۈڭ بىلەن ئىملاپ، چېقىمچىلىق قىلما.
63. ئېيتقان سۆزۈڭنى تەكرارلىما.
64. بىراۋنى مەنىسىز كۈلدۈرۈشتىن ساقلان.
65. ئۆزۈڭنى ۋە يېقىنلىرىڭنى باشقىلار ئالدىدا ماختىما.
66. ئۆزۈڭنى ئاياللاردەك پەردازلىما.
67. بالىلىرىڭ نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىۋەرمە.
68. تىلنى ئايا.
69. سۆزلەۋاتقاندا قولۇڭنى سىلكىمە.
70. ھەممە ئادەمنى ھۆرمەتلەشنى ئۇنتۇما.
71. ئېغىۋاگەر ئادەم بىلەن ھەمسۆھبەت بولما.
72. ئۆلگەن ئادەمنى يامانلاپ تىلغا ئالما.
73. ئىلاجنىڭ بارىچە بىراۋ بىلەن ئۇرۇشما ۋە خۇسۇمەت ساقلىما.
74. بىراۋنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى سىناپ يۈرمە
75. چوڭلارنىڭ ساۋاقلىرىنى ياخشىلىق بىلەن يادىڭدا تۇت، گۇمانخور بولما.
76. ئۆز نېنىڭنى باشقىلارنىڭ داستىخىنىدا يېمە.
77. ئىشتا ئالدىراقسانلىققا يول قويما.
78. مال- دۇنيا تاپىمەن دەپ ئۆزۈڭنى قىينىما.
79. بىراۋ ئۆزىنى بىلمىسە، سەن ئۇنى بىل.
80. غەزىپىڭ كەلگەندە سۆزنى تاللاپ سۆزلە.
81. ئېتىكىڭ بىلەن بۇرنۇڭنى سۈرتمە.
82. قۇياش چىققۇچە ئۇخلاپ ياتما.
83. باشقىلارنىڭ ئالدىدا نەرسە- كېرەك يېمە.
84. چوڭلارنىڭ ئالدىدا ماڭما.
85. باشقىلار سۆزلىگەندە سۆزىگە قوشۇق سالما.
86. بېشىڭنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرما.
87. كوچىدا ئوڭ- سولغا قاراۋەرمە، ئالدىڭغا قاراپ ماڭ.
88. ئىمكان بار يايتاق ئۇلاغقا مىنمە.
89. مېھماننىڭ ھوزۇرىدا بىراۋغا غەزىپىڭنى چاچما.
90. مېھماننى ئىشقا بۇيرىما.
91. دىۋانە ۋە مەس بىلەن سۆزلەشمە.
92. كوچىلاردا بىكارچى ۋە گەپ ئاڭلىمايدىغانلار بىلەن بىللە ئولتۇرما.
93. پايدا- زىيانغا ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ ئابرويۇڭنى تۆكمە.
94. مەمەدان ۋە تەكەببۇر بولما.
95. باشقىلارنىڭ ساڭا خۇسۇمەت قىلىشىدىن قاچ.
96. جېدەل ۋە پىتنىدىن قاچ
97. پىچاقسىز، ئۈزۈكسىز ۋە پۇلسىز يۈرمە.
98. ئۆزۈڭنى خارلىماسلىققا ئىنتىل.
99. ئاددىي- ساددا، كەمتەر بول.  
100.ئاللاھتىن قورقۇش، خەلققە ئىنساپ قىلىش، چوڭلارغا خىزمەت قىلىش، كىچىكلەرگە شەپقەت قىلىش،
دەرۋىشلەرگە ساخاۋەت قىلىش، دوست- يارانلەرگە نەسىھەت قىلىش، دۈشمىنىڭگىمۇ سىلىق مۇئامىلە قىلىش،
جاھىللارغا سۈكۈت قىلىش، ھۆرمەت قىلىش بىلەن ياشا. بىراۋنىڭ مېلىغا تەمە كۆزى بىلەن قارىما.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-08 05:23 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 69
يازما سانى : 1775
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1213(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەجداتلار نەسىھىتى بىزنى ھەردەم توغرا يولغا باشلىغۇسى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-08 17:05 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

140
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 458 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

يۈز نەسىھەتتىن يېرىمىغا ئەمەل قىلالىغان بولساق ، ئۆزىمىنى خېلى نوچى چاغلىساق بولىدۇ
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-08 17:22 | 新疆哈密地区

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( 140 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
تۇز
مۇنبەر نازارەتچىسى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 3
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 638
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 344(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەخمەت لوقمانجاننىڭ نەسىھىتى گە بىلۋالدىم .
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-08 18:12 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( تۇز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2102
شۆھرىتى: 21484 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26320 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2485 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-03 07:46 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا