[attachment=608]
[attachment=609]
جوڭگو تىلىدا زىياپەت ‹ 筵席›دەپ ئاتىلىدۇ. ‹ 筵 ›ئورۇن دېمەكتۇر، ‹ 席 ›بورا دېمەكتۇر. يەنى قەدىمقى زاماندا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى مىللەتلەر زىياپەت ئۆتكۈزگەندە بورا ئۈستىدىكى ئورۇندا ئولتۇرۇپ غازالىناتتى. يالغۇز ياكى ئىككى-ئۈچ كىشى بىر داڭقاندىن غىزالىناتتى. غەربى خەن سولالىسى دەۋرىگە كەلگىچە مۇشۇنداق ئولتۇرۇپ زىياپەت ئۆتكۈزەتتى، غەربى خەن سولا لىسى دەۋرىگە كەلگەندە، غەربى دىيارنىڭ ياسىداق ئورۇندۇقلىرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىلھامىدىن ئاددىراق بولغان ئورۇندۇقلارنى ياسىغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىرە-ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ زىياپەت ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. غەربى دىيارلىقلار جەنۇبى-شىمالى سولالىسى دەۋرىدە كارۋات ‹ 胡床 ›، شىرە، ئورۇندۇقلارنى ئىجات قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلاپ بولغان.
يۇقۇردىكى رەسىم:
نىيە ناھىيەسىنىڭ نىيە خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان ئاسارى ئەتىقە- نەققاشلىق شىرەنىڭ پۇتى.
مەنبە: زىياپەت بىلىملىرى(خەنزۇچە)، شىنجاڭ قەدىمى مەدىنىيىتى(خەنزۇچە) كىتاۋىدىن.
[ بۇ يازماaxtuziتەرپىدىن2009-05-08 18:50دە قايتا تەھ ]