hantagri illikdunya.biz sohpat
سەردار
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 93
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 181
شۆھرىتى: 2080 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1589 دوللار
تۆھپە: 133 ھەسسە
ياخشى باھا: 356 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 132(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-02-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر زادى قانداق؟
     رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر زادى قانداق؟
ئۇيغۇرلارنىڭ رىئاللىقى پۈتمەس- تۈگىمەس ھىكايە. تۆۋەندىكىلىرى مەن بىلىدىغان بەزى كۆرۈنۈشلەر. تورداشلارنىڭ ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى مەن ئەسلەشكە ئۈلگۈرەلمىگەن باشقا نۇرغۇن ئىشلارنى تەسۋىرلەپ، بۇ تېمىنى تېخىمۇ بېيىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن:
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر بىر تەبىئىي ئىستىمالچى، ئۇ 500 مېتىر يولنى ئارتۇق مېڭىپ، يىراقتىكى ئۇيغۇرنىڭ دۇكىنىدىن مال ئالمايدۇ، بەلكى ئەڭ يېقىندا كىمنىڭ دۇكىنى بولسا شۇنىڭكىدىن ئالىدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر نۇرغۇن نەرسىلەرگە قارشىلىق قىلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىدۇ، باشقىلارنى يۇمشاقباش دەپ تىللايدۇ، ئەمما ئۆزىمۇ قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر توي قىلىشتىن بۇرۇن ھېلىقىدەك ئىشلارغا بېرىلىپ كەتمىسىمۇ، ئەمما چىن مۇھاببەت ۋە چوڭقۇر ھېسسىياتى بىلەن بىر نەچچە قىزنى باغرىغا باسىدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر داشۆدە تازا ياخشى ئوقۇمايدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇرنىڭ ئىشلىرى تازا ئوڭ بولمايدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر مۇنچىدا غۇسلى قىلىۋېتىپ، "ئەي تەڭرىم! سەن پاكسەن، مەندەك ئەمەسسەن!" دەيدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر بۇزۇلۇپ كەتمىسىمۇ، ئەمما چىرايلىق ئاياللارغا چېكەتكىدەك قاراپ كېتىدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر بىرەر پايدا چىقىپ قالامدىكىن دەپ، كومپارتىيىگە ئەزا بولىدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر قېرىغاندا خۇدادىن قورقۇپ مەسچىتكە كىرىدۇ، ئەمما پارتىيىدىن چېكىنمەيدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر سەكراتتا ياتقاندا ئاللا بىر، مۇھەممەد ئۇنىڭ ئەلچىسى دەيدۇ ھەم قىلغان – ئەتكەنلىرىگە چىن دىلىدىن تۆۋە قىلىدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر يىراق جايلارغا كەتكەندە، ئۇيغۇرلارنى ئويلاپ يىغلاپ كېتىدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر جۇڭگولۇقلاردىن قورقىدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇرنىڭ كەم دىگەندە ئىككى بانكا كارتىسى بولىدۇ، بۇنىڭ بىرى ھەقسىز پۇل ئەۋەتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر كىچىك زېرەك تېلېفونى ئىشلىتىدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، ئىجارە ھەققى پار پۇلى ئىچىدە 300 سوم، ئەر- خوتۇن بولسا پار پۇلى ئىچىدە 600 سوم. باھا مۇقىم، ئۆسسە بىراق ئۆسىدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر سىياسىيغا بەك قىزىقىدۇ، ئەمما سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشمايدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر ئاللاغا شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، روزىنى تولۇق تۇتىدۇ، تارقاق ھەج قىلىدۇ، بىر ئايدا كەم دېگەندە ئۈچ كۈن ناماز تاشلايدۇ، زاكاتقا كەلسەك پۇلى زاكاتقا توشمايدۇ، شۇنداق بولسىمۇ پارچە- پۇرات سەدىقە بېرىپ تۇرىدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر مۇنچىغا كىرسە يىرىم سائەتتىن بۇرۇن چىقمايدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا نەق پۇل تۆلەپ چىقىدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر پەيشەنبە كۈنى ئۆيىدە شورپا قاينىتىدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر 25 ياشتىن بۇرۇن توي قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ سۈپەتلىك تۇغۇشقا زىيانلىق.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر چۈشىدە ئۇچۇپ ئامېرىكىغا بارىدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇرنىڭ پاسپورتىنى ھۆكۈمەت ساقلاپ بېرىدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر رىياسەتچى قىزلار توي قىلمىسىكەن دەپ ئويلايدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر ئەرزان باھادا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى تاماقلارنى يەيدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر نۇرغۇن پۇل تېپىشنى ئويلايدۇ، پۇل يۆتكەش ماشىنىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئالىيىپ قاراپ قويىدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر جۈمە كۈنى سائەت 12:30 دا يىغىنغا قاتنىشىدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر شىركەت قۇرۇپ بىر يىلغىچە رەسمىيەت بېجىرىدۇ، ئاندىن ئىشخانىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، شىركەتنى يانچۇقىغا سېلىۋالىدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر جىنايەت يولىغا مېڭىپ، پىيادىلەر يولىدا مىۋە- چىۋە ساتىدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر رەسمىيەت بېجىرگىلى بارغاندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى چاندۇرماسلىققا تىرىشىدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر پىكاپتىن ئاپتوبۇس ياخشى دەپ قارايدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر بېشىغا خالتا كىيىپ، شەھەرنىڭ چېتىگە چىقىشقا ئامراق، چۈنكى ئۇنى ئۆيىگە ئەكىلىپ قويىدىغان ئادەم بار.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر پىلانلىق تۇغۇتقا رىئايە قىلىدۇ، ئەمما گاندۇن ئىشلەتمەيدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر بىر خەنزۇ بۇۋاقنى بېقىۋىلىپ، ئىشلىرىنى رەتكە سېلىۋىلىشنى ئويلايدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر "ئانا يۇرت" رومانىنىڭ داۋامىنى ئوقۇسام دەيدۇ.
رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر ئۆز مەدىنىيتى ئۈچۈن تىما ، ئىنكاس يېزىشنى ئاۋارچىلىق دەپ قارايدۇ .

مەنبە
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-07 16:28 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سەردار ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
تۇز
مۇنبەر نازارەتچىسى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 3
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 641
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 344(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەخمەت سىزگە راستىنلا رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر كەنمىز.
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-07 17:55 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( تۇز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2774
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 810(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رېئاللىقتىكى  ئۇيغۇر    مۇنبەرگە  پايدىلىق  تېما  يوللايدۇ .
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-07 18:12 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2774
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 810(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەركەك  شىرلار  ياۋاشلاپ  كېتىپتۇ  ، جۇما  ؟!!!

چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-07 18:14 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2134
شۆھرىتى: 21484 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26320 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2485 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

دەل توغرا دەيسىز بۇ ھەقىقەتەنمۇ رىيانلىقتا يۇز بىرۋاتقان ۋەقەدۇر .

ئاللاھ ئىگەم بۇ رىيانلىقتىكى ئۇيغۇر لىرىمىزنىڭ كۇڭلىگە ئىنساپ بەرگەرسەن ئامىن......                         
[ بۇ يازماتۇزتەرپىدىن2009-05-07 20:47دە قايتا تەھرىر ]
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-07 20:09 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

140
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 458 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەن پىكىرىڭىزگە ھۆرمەت قىلىمەن ، بەزى ئىشلار سىز دىگەندەك ھەقىقەتەن مەۋجۇت ، لېكىن سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-07 22:32 | 新疆哈密地区

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( 140 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئــــۇيــــغــــۇرلار
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا