
تەييارلاش  ئۇسۇلى  :  
1.     5 دانە  قوي  بۆرىكىنىڭ  قارنىنى  يېرىپ  سىرتىدىكى  نېپىز  تېرىسى  بىلەن  ئىچىدىكى  بەزلىرىنى  پاكىز  ئېلىپ ،  يۇيۇپ  ، چىللە  تەمىنى  چىقىرۋېتىپ  ،  سىرتى  تەرىپىگە  قىڭراقتا  ئالدى  بىلەن  قىيپاش ئىز  چىقىرىمىز  ، ئىز  چىقارغاندا  بۆرەكنىڭ  ئاستى  كېسىلىپ  كەتمەسلىقكى  لازىم .   ئاندىن  ئالدىدىكى  ئىزغا  تىك  قىلىپ  ئىز  چىقىرىپ  ،  ھەر  3  ئىزنى  بىر  بۆلەك  قىلىپ  كېسىۋېتىمىز  .   شۇنىڭ  بىلەن  قاش  شەكىللىك  توغرالما  ھاسىل  بولىدۇ .   ئۇنى  قايناقسۇغا  بېسىپ  ، سۈزىۋالىمىز .
2.     تەرخەمەكنى  قىيپاش  ياپراقچە  ،  غولپىياز نى ئۇششاق  ، سامساقنى  ئۇششاق ،  قىزىلمۇچنى  ئۇششاق  توغرايمىز !
3.     بىر  پىيالىگە  ئازراق  شورپا  قۇيۇپ  تۇز ، شېكەر ، جاڭيۇ ، ئاچچىقسۇ  ھۆلكراخمال ( سۇيۇلدۇرۇلغان پۇرچاق ئۇنى بولسىمۇ بولىدۇ )  قۇيۇپ  ئارلاشتۇرۇپ  تەڭشەلگەن  شورپا  تەييارلىۋالىسىز ! 
4.  قازانغا  ئاز  ماي قۇيۇپ  غولپىياز ، سامساق ، تەرخەمەك ،  قىزىلمۇچلارنى  سېلىپ ، تېزى قورۇپ ،  بۆرەكنى  سېلىپ ،  ئىككى  - ئۈچ  ئارىلاشتۇرۇپ  ،  تەڭشەلگەن  شورپىنى  قۇيۇپ  ، شورپىسى  قويۇقلاشقاندا  پاقىرتىش  مېيى  قۇيۇپ  تەخسىگە ئالىسىز !
ئاندىن  كانايغا  سالىسىز !
يىمىسىڭىز  ئارماندا  قالىسىز !
ئالاھىدىلىكى  :   بۆرەكنىڭ  توغرىلىشى  ئالاھىدە  زىننەتلىك  ،  قورۇمىنىڭ  ئومۇمى  سۈپىتى كۆركەم ،  شورپىسى  يېپىشقان  ، تەمى  تۇزلۇق  ، تاتلىق سۇس  ئاچچىق  چۈچۈمەل ،  بۆرەك  گۆشى  چۈرۈك  يىيىشلىك  بولىدۇ !
مەنبە :   مەن