تەييارلاش ئۇسۇلى ؛ باچكا  2دانە  پاكىز يۇيۇپ تەييارلايمىز.  زەنجىۋىل بەشمەرەك بارماقچىلىك  چوڭ چوڭ قىلىپ  توغرايمىز.  نوقۇت مۇۋاپىق مىقداردا.  شىئاڭسەي  يەنى  يۇمغاقسۈت  مۇۋاپىق مىقداردا  يۇيۇپ  ئۇششاق چانايمىز . تۇز  مۇۋاپىق مىقداردا  ،  ئارپا  تېتىتقۇسى   بىر قۇشۇق .  قارا مۇچ ، ئاق مۇچ ، زېرە  بۇئۈچىنى مۇۋاپىق مىقداردا  تەڭشەيمىز .                                             
 ماتىرىياللار نى تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن قازانغا  سۇ قۇيۇپ  باچكا گۆشىنى سالىمىز  .  ئاندىن  توغراپ قويغان زەنجىۋىلنى سېلىپ  نورمال ئوتتا  باچكا پىشقۇچە  قاينىتىمىز. باچكا پىشقاندا  تۇز تەمىنى ياخشى تېتىپ  ئارپا تېتىتقۇسىنى سالىمىز. ئاندىن قاچىغا ئۇسۇپ   تەڭشەلگەن قارا مۇچ، ئاق مۇچ ، زىرىنى ئازراق سىپىمىز .ئاندىن  چاناپ قويۇلغان شاڭسەينى سېلىپ ئېستىمال قىلساق بولىدۇ .    باچكا گۆشىنى پۇشۇرغاندا  يۇقىرى بېسېملىق قازاندا پۇشۇرساق  باچكا گۆشى يۇمشاق پىشىدۇ.       
 قېنى دوسلا  ئېتىپ بېقىڭلا .ئېتەلمايمىز دەيدىغانلا   ئۈرۈمچىدە بولساڭلا  ماي گۈلى  پولوخانىسىغا ،  خوتەندە  بولساڭلا  خان ئوردا ئالاھىدە  تائاملىرى  تاماقخانىسىغا  بېرىپ تېتىپ باققايسىلە . قىلالمىساڭلا  مەن سىلەگە ئۆگۈتۈپ قوياي .         چ چ 408270963    تېلفون 13779299221
تېما يوللغاندا ئامال بولسا رەسىمىنى بىرگە يوللاپ قۇيۇڭ.
[ بۇ يازماناۋاتتەرپىدىن2010-08-04 10:34دە قايتا تەھر ]