hantagri illikdunya.biz sohpat
axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2774
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 810(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانى
426-نۇمۇرلۇق
«دىن ئىشلىرى نىزامى» 2004 -يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 57-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلدىم، 2005-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
زۇڭلى ۋېن جىياباۋ
2004-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
1-باپ ئومۇمى پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ نىزام پۇقرالارنىڭ دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دىنلار ئىناقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقنى ساقلاش، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، ئاساسى قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلارغا بىنائەن چىقىرىلىدى.
2-ماددا پۇقرالار دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە. ھەر قانداق تەشكلات ياكى شەخسىنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئىتىقاد قىلىشقا ياكى دىنغا ئىتىقاد قىلماسلىققا زورلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دىنغا ئىتقاد قىلىدىغان پۇقرالارنى ياكى دىنغا ئىتقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.  
دىنغا ئىتقاد قىلىدىغان پۇقرالار بىلەن دىنغا ئىتقاد قىلمايدىغان پۇقرالار، باشقا-باشقا دىنغا ئىتقاد قىلىدغان پۇقرالار ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشى، ئىناق ئۆتۈشى كېرەك.
3-ماددا دۆلەت قانۇنى بۇيىچە نورمال دىنى پائالىيەتنى قوغدايدۇ، دىنى تەشكىلات، دىنى سورۇن ۋە دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ قانۇنى ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغدايدۇ.
دىنى تەشكىلات، دىنى سورۇن ۋە دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ئاساسى قانۇن، قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك.
ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ ئىجىتىمائى تەرتىپنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە دەخلى قىلىدىغان ھەركەتلەردە بولۇشىغا، شۇنداقلا دۆلەت مەنپەئىتى، جامەئەت مەنپەئەتى ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنى ھوقۇق-مەنپەئەتىگەزىيان يەتكۈزىدىغان باشقا ھەركەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
4-ماددا  دىنلار مۇستەقىل بولۇش ۋە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، دىنى تەشكىلاتلار، دىنى سورۇنلار ۋە دىنى ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ.  
دىنى تەشكىلات، دىنى سورۇن ۋە دىنى خادىملار دوسىتلۇق، باراۋەرلىك ئاساسىدىكى تاشقى ئالاقىنى يولغا قويىدۇ؛ باشقا تەشكىلات ياكى شەخىسنىڭ تاشقى ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتتىكى ھەمكارلىق ۋە ئالاقىدە قۇشۇمچە دىنى شەرتلەرنى قۇبۇل قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى دۆلەت مەنپەئەتى ۋە جامائەت مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان دىن ئىشلىرىنى قانۇن بۇيىچە مەمۇرى جەھەتتىن باشقۇرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكىتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار مەمۇرى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيتى دائىرىسىدە قانۇن بۇيىچە مەسئۇل بولىدۇ.  
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دىنى تەشكىلات، دىنى سورۇن ۋە دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىشى، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.
2-باب دىني تەشكىلات
6-ماددا دىنى تەشكىلاتنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە رويخەتتىن ئۆچۈرۈشتە<<ئىجتىمائى تەشكىلاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى>>دىكى بەلگىلمىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.  
  دىنى تەشكىلات نىزامنامىسى <<ئىجتىمائى تەشكىلاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى>>دىكى ئالاقىدار بەلگىلمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
دىنى تەشكىلاتنىڭ ئۆز نىزامنامىسى بۇيىچە قانات يايدۇرغان پائالىيتىنى قانۇن قوغدايدۇ.
7-ماددا دىنى تەشكىلاتلار دىنغا ئائىت ئىچكى نەشىر بويۇمىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بۇيىچە تۈزۈپ باستۇرسا بولىدۇ. ئاشكارا تارقىتىلىدىغان دىنى نەشىر بويۇمىنى نەشىر قىلىشتا، دۆلەتنىڭ نەشىرىياتچىلىقنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلمىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.
دىنى مەزمۇن بار نەشىر بويۇملىرى <<نەشىرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش نىزامى>> دىكى بەلگىلمىگە ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە ئۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار بولماسىلىقى كېرەك:
(1)دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار بىلەن دىنغا ئىتقاد قىلمايدىغان پۇقرالار ئارسىدا ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىدىغان؛
(2)باشقا-باشقا دىنلار ئارسىدا ۋە دىننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىدىغان؛
(3)دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنى ياكى دىنغا ئىتقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان؛
(4)دىنى ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان؛
(5)دىننىڭ مۇستەقىل بولۇش ۋە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش پىرنىسپىغا  خىلاپ كېلىدىغان.
8-ماددا  دىنى مەكتەپ قۇرۇشتا، مەملىكەتلىك دىنى تەشكىلات گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك دىنىي تەشكىلات، دىني مەكتەپ قۇرۇلىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 30كۈن ئىچىدە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشى، قوشۇلىدىغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.
گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى مەملىكەتلىك دىنى تەشكىلاتنىڭ  ئىلتىماسىنى ياكى ئۆلىكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ دىنى مەكتەپ قۇرۇش ھەققىدىكى دوكىلاتنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 60كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق قارار قىلىشى كېرەك.
9-ماددا قۇرۇلىدىغان دىنى مەكتەپلەر تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:
(1)تەربىيەلەش نىشانى، مەكتەپ نىزامنامىسى ۋە تەسىس قىلىندىغان دەرسىلىك پىلانى ئېنىق بولۇش؛
(2)تەربيەلەش شەرتىگە توشىدىغان ئوقۇغۇچى مەنبەسى بولۇش؛
(3)مەكتەپ قۇرۇشتا زۆرۈر مەبلەغ ۋە مۇقىم خىراجەت مەنبەسى بولۇش؛
(4)ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى ۋە مەكتەپ كۆلمىگە مۇناسىپ ئوقۇتۇش سورۇنى، ئەسلىھە ئۈسكۈنسى بولۇش؛
(5)مەكتەپنىڭ مەخسۇس مەسئۇلى، لاياقەتلىك مەخسۇس ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىچكى باشقۇرغۇچى تەشكىلاتى بولۇش؛
(6)جايلىشىشى مۇۋاپىق بولۇش.
10-ماددا  مەملىكەتلىك دىنى تەشكىلات شۇ  دىننىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، دىن ئوقۇيدىغانلارنى چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتسە ۋە چەت ئەلدىن كەلگەن دىن ئوقۇيدىغانلارنى قۇبۇل قىلسا بولىدۇ.
11-ماددا ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلىدىغان جۇڭگۇ پۇقرالىرىنىڭ ھەج قىلىشنى مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى تەشكىلاتى تەشكىللەيدۇ.
3-باب دىنى سورۇن
12-ماددا  دىنغا ئىتقاد قىلىدىغان پۇقرالار كللېكتىپ دىنى پائالىيەتنى ئومۇمەن تىزىمغا ئېلىنغان دىنى سورۇن(ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت، چېركاۋ ۋە باشقا مۇقىم دىنيدىنى سورۇن)دا ئۆتكۈزۈشى كېرەك، پائالىيەتنى دىنى سورۇن ياكى دىنى تەشكىلات ئۇيۇشتۇردۇ، ئۇ دىنى خادىم ياكى شۇ دىننىڭ  بەلگىلمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا كىشنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، دىنى قائىدە بۇيىچە ئۆتكۈزىلىدۇ.
13-ماددا  دىنى سورۇن قۇرۇشتا، دىنى تەشكىلات دىنى سورۇن قۇرۇلىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمقىغا ئىلتىماس قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 30كۈن ئىچىدە، قوشۇلدىغانلىرىنى رايۇن بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا  تەستىقلىتىشى كېرەك.
رايۇن بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى دىن ئىشلىرى تارمىقنىڭ دوكىلاتنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 30كۈن ئىچىدە ، ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت، چېركاۋ قۇرۇشقا قوشۇلغانلىق پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلىتىشى، باشقا مۇقىم دىنى سورۇن قۇرۇشنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقىنى قارار قىلىشى كېرەك.
دىنى تەشكىلاتلاردىن دىنى سورۇن قۇرۇش ئىلتىماسى تەستقلاتقانلىرى شۇ سورۇننى قۇرۇش تەييارلقىنى قىلسا بولىدۇ.
14-ماددا  قۇرۇلىدىغان دىنى سورۇنلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:
(1)قۇرۇش مەقسىتى مۇشۇ نىزامنىڭ 3-، 4-ماددىسىدىكى بەلگىلمىگە خىلاپ بولماسىلىق؛
(2)شۇ جايدىكى دىنغا ئىتقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دائىم  كوللىكتىپ دىنى پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىياجى بولۇش؛
(3)دىنى پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان دىنى خادىملار ياكى شۇ دىننىڭ بەلگىلمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا كىشى بولۇش؛
(4)زۆرۈر بولغان مەبلىغى بولۇش؛
(5)جايلىشىشى مۇۋاپىق بولۇش، ئەتىراپتىكى ئورۇن ۋە ئاھالىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا دەخلى قىلمايدىغان بولۇش.
15-ماددا  دىنى سورۇن قۇرۇش تەستىقلنىپ تەييارلىقى باشلانغان ھەمدە قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 30كۈن ئىچىدە شۇ دىنى سورۇننىڭ باشقۇرغۇچى تەشكىلاتى، قائىدە-تۈزۈم قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، شەرتكە توشىدىغانلىرىنى تىزىملاپ <<دىنى سورۇننى تىزىملاتقانلىق گۇۋاھنامىسى>> بېرىشى كېرەك. 16-ماددا  دىنى سورۇننى قوشۇۋېتىش، ئايرىش، بىكار قىلىش ياكى ئۇنىڭ تىزىملاتقان مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشتە، ئەسلىدىكى تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگانغا بېرىپ، مۇناسىپ ئۆزگەرتىش رەسمىيتىنى ئۆتەش كېرەك.
17-ماددا  دىنى سورۇنلاردا باشقۇرغۇچى تەشكىلات قۇرۇپ، دېموكېراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. دىنى سورۇننى باشقۇرغۇچى تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى دېموكېراتىك كېڭىشىش ئارقىلىق كۆرسىتىلدۇ، ۋە شۇ سورۇننى تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.
18-ماددا  دىنى سورۇن ئىچكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەردىكى بەلگىلمە بۇيىچە، ئادەم، مالىيە، بۇغالتىرلىق، ئامانلىق، ئوت مۇداپىئەسى، مەدەنىيەت يادىكارلىق مۇھاپىزىتى، سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنىى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتنىڭ ئالاقىدار تارمقىنىڭ يېتەكچىلىكى، نازارىتى ۋە تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك.
19-ماددا  دىن ئىشلىرى تارمىقى دىنى سورۇننىڭ قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش ئەھۋالى، سورۇن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ئىجىرا قىلىش ئەھۋالى، تىزىملاتقان تۈرلىرىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى، دىنى پائالىيتى ۋە چەتكە چېتىشلىق پائالىيەت ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك. دىنى سورۇن دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ نازارىتى ۋە تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك.
20-ماددا  دىنى سورۇن دىنى ئادەت بۇيىچە، پۇقرالارنىڭ ئىئانىسىنى قۇبۇل قىلسا بولىدۇ، لېكىن زورلاشقا ياكى سېلىق سېلىشقا بولمايدۇ.
غەيرى دىنى تەشكىلات، غەيرى دىنى سورۇننىڭ دىنى پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇشىغا، ئۆتكۈزۇشىگە يول قويۇلمايدۇ، دىنى ئىئانىنى قۇبۇل قىلىشغا يول قويۇلمايدۇ.
21-ماددا  دىنى سورۇندا دىنى لازىمەتلىك، دىنى سەنئەت بويۇمى، دىنى نەشىر بويۇمى تىجارىتى قىلىشقا بولىدۇ.
دىنى سورۇن دەپ تىزىمغا ئېلىنغان ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانسى، مەسچىت، چېركاۋلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلمىسى بۇيىچە دىنغا ئائىت ئىچىكى نەشىر بويۇملىرنى تۈزۈپ باستۇرسا بولىدۇ.
22- ماددا  ئۆلكە، ئاپتۇنۇم رايۇن، بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىن ھالقىپ، دىنى سورۇنغا سىغمايدىغان چوڭ دىنى پائالىيەت ئۆتكۈزۈشتە ياكى دىنى سورۇن سىرتىدا چوڭ دىنى پائالىيەت ئۆتكۈزۈشتە، ئۇيۇشتۇرغۇچى دىنى تەشكىلات، ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت، چېركاۋلار پائالىيەت ئۆتكۈزۈشتىن 30كۈن ئىلگىرى، چوڭ دىنى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتنىڭ دىن ئىشلىرى تارمقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە، تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق قارارىنى چىقىرىشى كېرەك.
چوڭ دىنى پائالىيەتلەر تەستىق ئوقتۇرۇشىدىكى تەلەپكە بىنائەن، دىنى قائىدە بۇيىچە  ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك، بۇ نىزامنىڭ 3-، 4-ماددىسىدىكى ئالاقىدار بەلىگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىشقا يول قۇيۇلمايدۇ. ئۇيۇشتۇرغۇچى دىنى تەشكىلات، ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت ۋە چېركاۋلار ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللۇنۇپ، كۈتۈلمىگەن ھادىسلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. چوڭ دىنى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان جايدىكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى مەسئۇلىيتى بۇيىچە ئوبدان باشقۇرۇپ، چوڭ دىنى پائالىيەتنىڭ بىخەتەر ، تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
23-ماددا  دىنى سورۇن شۇ سورۇندا زور ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ ياكى دىنى پەرھىزگە خىلاپلىق قىلىشتەك دىنغا ئىتقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دىنى ھېسسياتىغا ئازار بېرىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقىغا  بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئالىدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ھادىسە ياكى ۋەقە يۈز بەرگەندە، دىنى سورۇن شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك.


مەنبە :    http://www.marip.cn/bbs/
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-07 00:04 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 67
يازما سانى : 1730
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1160(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھەممىمىز بىرلىكتە قانۇن ئۆگۇنۇپ قانۇن ئېڭىمىزنى ئاشۇرايلى!!!!!!!!!!!!!!!!!
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-07 01:22 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » قانۇن ساۋاتلىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا