خوتەن خەلقى ياڭاقنى ئايرىم ئىستېمال قىلىپلا قالماي، يەنە ياڭاق خام ئەشيا قىلىنغان تۈرلۈك تائاملارنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن . ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە :
كۆك ياڭاق چۆچۈرىسى : كۆك ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستىنى سويىۋەتكەندىن كېيىن ئۇششاق ئېزىپ، چانالغان پىياز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ . قىيما تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن چۆچۈرە تۈگۈلۈپ قايناپ تۇرغان قازانغا سېلىپ پۇشۇرىلىدۇ. قوناق ئۇنىدا ئېتىلگەن كۆك ياڭاق چۆچۈرىسى تېخىمۇ ئالاھىدە بولىدۇ .
كۆك ياڭاق مانتىسى: تەييارلىنىدىغان قىيما كۆك ياڭاق چۆچۈرىسىنىڭ قىيمىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ ، كۆك ياڭاق چۆچۈرىسى سۇدا پىشۇرسا، كۆك ياڭاق مانتىسى قاسقاندا پىشۇرىلىدۇ .
كۆك ياڭاق كۆمىچى: كۆك ياڭاق پوستىنى سويىۋەتكەندىن كېيىن ، ئۇششاق ئېزىپ ، چانالغان پىياز ۋە گۆش بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ. قىيما تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن كۆمەچ راسىنىپ ، قىززىتىلغان مايدا ياكى قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرىلىدۇ .
كۆك ياڭاق سامسىسى: كۆك ياڭاق كۆمىچىنىڭ قىيمىسى بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا قىيما تەييارلىنىپ، سامسا تۈگۈلگەندىن كېيىن تونۇرغا يېقىلىدۇ .
ياڭاق مانتىسى: ياڭاق مېغىزى ئۈششاق ئېزىلگەندىن كېيىن شېكەر، قوي يېغى ئارىلاشتۇرلۇپ قىيما قىلىنىدۇ. قيما تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، مانتا تۈگۈلۈپ قاسقاندا پىشۇرىلىدۇ .
ياڭاق نېنى: ياڭاق ، سۈت ، تۇخۇم ، ھەسەل ، ماي قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپخېمىر يۇغۇرلۇپ تىندۇرۇلغاندىن كېيىن نان ياسىلىپ ، تونۇرغا يېقىلىدۇ . بۇ خىل نان ئادەتتە « سەپەر نېنى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، ئىنتايىن چۈرۈك ۋە مەزىلىك بولىدۇ . ئۇزاققىچە قېتىپ قالمايدۇ .
ياڭاق چېيى: ياڭاق قىزىتىلغان تونۇردا ساغارتىلغاندىن كېيىن ، ئۇششاق ئېزىپ ئۈستىگە قايناقسۇ ۋە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قۇيۇپ تەييارلىنىدۇ.
ياڭاق مۇرابباسى: كۆك ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستى سويۇۋىتىلگەندىن كېيىن ، مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر ياكى ھەسەل ئارىلاشتۇرلۇپ ، قاچىنىڭ ئېغىزى خام قەغەزدە ئورىلىپ ، كۈن نۇرى بىۋاستە چۈشىدىغان جايدا قويۇپ 30 كۈن ئەتراپىدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدۇ .
سوقماق: ياڭاق بىلەن قۇرۇق ئۈزۈم ئۇششاق ئېزىلىپ ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ، يومىلاقلىنىپ تەييارلىنىدۇ . سوقماقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ ، يىراق سەپەرگە چىققاندا ياكى ئادەتتىكى كۈنلەردە ئازراقتىن ئىستېمال قىلغاندا قورساق ئاچۇرمايدۇ ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ .
مەنبەنى ئەسكەرتىڭ[ بۇ يازماتۇزتەرپىدىن2009-05-02 00:13دە قايتا تەھرىر ]