illikdunya.biz abduheni
nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2102
شۆھرىتى: 21484 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26320 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2485 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز توخۇ گۆشىدە تەييارلىندىغان قورىمىلار دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2010-11-06)
خوتەن خەلقى ياڭاقنى ئايرىم ئىستېمال قىلىپلا قالماي، يەنە ياڭاق خام ئەشيا قىلىنغان تۈرلۈك تائاملارنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن . ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە :

كۆك ياڭاق چۆچۈرىسى : كۆك ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستىنى سويىۋەتكەندىن كېيىن ئۇششاق ئېزىپ، چانالغان پىياز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ . قىيما تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن چۆچۈرە تۈگۈلۈپ قايناپ تۇرغان قازانغا سېلىپ پۇشۇرىلىدۇ. قوناق ئۇنىدا ئېتىلگەن كۆك ياڭاق چۆچۈرىسى تېخىمۇ ئالاھىدە بولىدۇ .

كۆك ياڭاق مانتىسى: تەييارلىنىدىغان قىيما كۆك ياڭاق چۆچۈرىسىنىڭ قىيمىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ ، كۆك ياڭاق چۆچۈرىسى سۇدا پىشۇرسا، كۆك ياڭاق مانتىسى قاسقاندا پىشۇرىلىدۇ .

كۆك ياڭاق كۆمىچى: كۆك ياڭاق پوستىنى سويىۋەتكەندىن كېيىن ، ئۇششاق ئېزىپ ، چانالغان پىياز ۋە گۆش بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ. قىيما تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن كۆمەچ راسىنىپ ، قىززىتىلغان مايدا ياكى قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرىلىدۇ .

كۆك ياڭاق سامسىسى: كۆك ياڭاق كۆمىچىنىڭ قىيمىسى بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا قىيما تەييارلىنىپ، سامسا تۈگۈلگەندىن كېيىن تونۇرغا يېقىلىدۇ .

ياڭاق مانتىسى: ياڭاق مېغىزى ئۈششاق ئېزىلگەندىن كېيىن شېكەر، قوي يېغى ئارىلاشتۇرلۇپ قىيما قىلىنىدۇ. قيما تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، مانتا تۈگۈلۈپ قاسقاندا پىشۇرىلىدۇ .

ياڭاق نېنى: ياڭاق ، سۈت ، تۇخۇم ، ھەسەل ، ماي قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپخېمىر يۇغۇرلۇپ تىندۇرۇلغاندىن كېيىن نان ياسىلىپ ، تونۇرغا يېقىلىدۇ . بۇ خىل نان ئادەتتە « سەپەر نېنى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، ئىنتايىن چۈرۈك ۋە مەزىلىك بولىدۇ . ئۇزاققىچە قېتىپ قالمايدۇ .

ياڭاق چېيى: ياڭاق قىزىتىلغان تونۇردا ساغارتىلغاندىن كېيىن ، ئۇششاق ئېزىپ ئۈستىگە قايناقسۇ ۋە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قۇيۇپ تەييارلىنىدۇ.

ياڭاق مۇرابباسى: كۆك ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستى سويۇۋىتىلگەندىن كېيىن ، مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر ياكى ھەسەل ئارىلاشتۇرلۇپ ، قاچىنىڭ ئېغىزى خام قەغەزدە ئورىلىپ ، كۈن نۇرى بىۋاستە چۈشىدىغان جايدا قويۇپ 30 كۈن ئەتراپىدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدۇ .

سوقماق: ياڭاق بىلەن قۇرۇق ئۈزۈم ئۇششاق ئېزىلىپ ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ، يومىلاقلىنىپ تەييارلىنىدۇ . سوقماقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ ، يىراق سەپەرگە چىققاندا ياكى ئادەتتىكى كۈنلەردە ئازراقتىن ئىستېمال قىلغاندا قورساق ئاچۇرمايدۇ ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ .


مەنبەنى ئەسكەرتىڭ
[ بۇ يازماتۇزتەرپىدىن2009-05-02 00:13دە قايتا تەھرىر ]
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-01 06:45 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ناۋات
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم.سۇ بۇلايمۇ،يىلتىز مۇ؟

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 506
نادىر تېما : 15
يازما سانى : 589
شۆھرىتى: 214748344 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483627 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388605 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 253(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

پاھ كۈندە بىر يېڭىلىق.

جاپا تارتىپسىز،ئاڭىلىمىغان تائام بۇ.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-19 06:33 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ناۋات ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ناۋات
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم.سۇ بۇلايمۇ،يىلتىز مۇ؟

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 506
نادىر تېما : 15
يازما سانى : 589
شۆھرىتى: 214748344 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483627 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388605 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 253(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئۇزۇقلۇق قىمىتى بەك يۇقىرى شۇنداقمۇ؟
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-19 06:34 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ناۋات ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئائىلىدە بۈغداي ئۇن تائاملىرىنى تەييارلاش
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا