hantagri illikdunya.biz sohpat
noruz
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 76
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 182
شۆھرىتى: 1950 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2301 دوللار
تۆھپە: 113 ھەسسە
ياخشى باھا: 260 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى تۇز نادىرلىدى .(2009-04-28)
نورۇز ئېشىنىڭ ئوزۇقلۇقى توغرىسىدا
نورۇز ئېشى›› ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ ‹‹ نورۇز بايرىمى ›› پائالىيىتىدە ئالاھىدە تەييارلىنىدىغان بىرخىل ئالاھىدە ئائامدۇر. ئۇيغۇر تىلى ئىملا لوغىتىدە ‹‹ تەۋرۇز ›› ئەمەس، بەلكى ‹‹ نورۇز ›› دەپ ئېلىنغان. ھۆرمەتلىك ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ‹‹ نورۇز نامە ›› كىتاۋىدا ‹‹ نورۇز ›› سۆزىگە تەبىر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ نورۇز ›› سۆزى ئەسلى ئىران تىلىدىكى ‹‹ نەۋرۇز ›› سۆزىدىن ئۇيغۇرلارغا ئۆزلەشكەن بولۇپ، ‹‹ نەۋ ›› يېڭى دىگەن مەنىنى، ‹‹ رۇز ›› كۈن دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈدۇ، يەنى يېڭى كۈن، يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەنىلىرىنى بىلدۈرۈدۇ.‹‹ نورۇز ئېشى ›› ئېتىش-‹‹ نورۇز بايرىمى ›› دىكى نۇرغۇن پائالىيەتلەرنىڭ بىر تۈرىدۇر، ‹‹ تارىختا، يەنى ئەجداتلىرىمىز ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىشتىن بۇرۇنلا، نورۇز ئېشى- ‹‹ تۇتماچ ››، يەنى تۇتما ئاچ ›› دەپ ئاتىلاتتى، ‹‹ نورۇز بايرىمى ›› دا ئېتىلىدىغان تائام تۈرلىرى ناھايتى كۆپ بولۇپ، بۇلار ‹‹ ق ›› ھەرىپىدىن باشلانغان يەتتە تۈرلۈك تائام- قايماق، قېتىق، قۇرۇت، قۇيماق، قۇيرۇق-بېغىر( دۇمبە-جېگەر)، قوزا گۆشى ( تونۇر كاۋاپ ياكى قورداق). ‹‹ س ›› ھەرىپىدىن باشلانغان توققۇز يىمەكلىك-سىراق-باش، سۈت، سېرىق ياغ، سۇيېغى، سوك-تېرىق، ساغۇن، سىركە، سامساق قاتارلىقلاردىن تەييارلانغان غىزالار. كالا-قوي گۆشى بىلەن بۇغداي يارمىسىدا  ئېتىلىدىغان داشقازان ئېشى-‹‹ ھېلىسە ››. بۇغداي مايسىسى قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك دانلاردىن تەييارلىنىدىغان ‹‹ سومۇلەك ›› قاتالىق تائاملاردىن ئىبارەت ئىدى، ئەجداتلىرىمىز بۇ ئارقىلىق توققۇزى تەل بولۇشنى تىلەيتتى. ››
  دېمەك، بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە كەلگەندىمۇ، خەلقىمىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ بۇ ئېسىل قۇتلۇق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتە. ئىلى دىيارىنى مىسالغا ئالساق، ‹‹ نورۇز بايرىمى ›› ھەرقايسى قاتلاملاردىن تا مەھەللە – ئائىلىلەرگىچە قۇتلۇقلىنىپ كەلمەكتە. ‹‹ تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر، تاپالمىغىنى بىرباش پىياز ›› دېگەندەك، ‹‹ نورۇز ئېشى ›› نى تەييارلاشتىمۇ ئۆز شارائىتىگە قاراپ ئىش كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر ئومۇملاشقان ‹‹ نورۇز ئېشى ›› نىڭ خۇرۇچلىرى ۋە تەييارلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە.
خۇرۇچى: قوي-ياكى كالا گۆشى، ھەرخىل دان، يەنى، بۇغداي ئۈندۈرمىسى ياكى پوستى ئاقلانغان بۇغداي دېنى، نۇقۇت، كۆكۋاش ياكى قوناق يارمىسى، سوك، ماش ( مىقدارى ئازىراق بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئاشنىڭ رەڭگىنى كۆكەرتىۋىتىدۇ )، سېرىق پۇرچاق، قىزىل پۇرچاق، قىزىل كىچىك پۇرچاق، كۆك پۇرچاق، باقىلە، گۈرۈچ، سۇ قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدۇ. غولپىياز، سامساق، سەۋزە، چامغۇر، مۇچ، پەمىدۇر ( ياكى قاقلىرى ) لار قوشۇمچە قىلىنىدۇ. ‹‹ نورۇز ئېسى ›› پىشقاندا، قۇرۇت ياكى قېتىق ئارلاشتۇرۇدىغانلارمۇ بار، تۇزدىن باشقا دورا-دەرمەك ئاساس قىلىنمايدۇ، خۇرۇچلارنىڭ نىسبەت مىقدارى ئەخۋالغا ۋە شارائىتقا قارىتا تەڭشىلىدۇ.
تەييارلاش ئۇسۇلى: گۆش ئەخۋالغا قاراپ پارچىلىنىدۇ، دانلار بىركۈن ئاۋال سۇغا چىلاپ كۆپتۈرۈلۈپ، پاكىز يۇيۇلىدۇ، توغراشقا تېگىشلىك خۇرۇچلار توغراپ تەييارلىنىدۇ. قازانغا كۆپرەك ( تاماق قويۇقلۇقىغا مۇۋاپىق ) سۇ قۇيۇپ، ئاۋال گۆش سېلىنىدۇ، ئاندىن خۇرۇچلار يۇمشاش ئەھۋالى ۋە پىشىش دەرىجىسىگە قاراپ، نۆۋەت بىلەن قازانغا سېلىنىدۇ. ھەم نوغۇچ ياكى باشقا ئەسۋاپ بىلەن داۋاملىق ئارلاشتۇرۇلۇپ، تېگى تۇتۇپ قېلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. قازان قاينىغاندا كۈپۈكلىرى پاكىز ئېلىنىدۇ ۋە ئوت پەسەيتىلىدۇ. تەمى ئاۋال سۇسراق تەڭشىلىدۇ. تاكى خۇرۇچلار ئېزىلىپ پىشىپ، قويۇقلۇقى ئوماچ ھالىتىگە كەلگەندە تەمى قايتا  تەڭشىلىپ ئېلىنىدۇ. ‹‹ نورۇز ئېشى ›› نىڭ يۇزىنى ئايرىم قاچىغا تەڭشىۋېلىپ، ھەربىر قاچىغا تەخسىملەشكىمۇ بولىدۇ.

‹‹ نورۇز ئېشى ›› غا ئىشلىتىدىغان بىرقىسىم خۇرۇچلارنىڭ ئېنىرگىيە مىقدارى، ۋە ئوزۇقلۇق تەركىۋەنىڭ سېلىشتۇرمىسى ( ھەر 100 گىرام بىرلىكتىكى مىقدارى )
ئوزۇقلۇق تۈرى  

خۇرۇچ                    ئىسسىقلىق     ئاقسىل       ياغ         مېنىرال       تالالىق         تەبىئىتى
ئىسمى                    مىقدارى                                       ماددا         ماددا
                             كىلو جوول      گىرام        گىرام          گىرام        گىرام
      
قوي گۆشى                    849         19          14.1           -             -            ھۆل ئىسسىق
كالا گشى                     523        19.9         4.2                2          -             قۇرۇق سوغاق
بۇغداي                       1438      11.2          1.5          73.6        2.1            قۇرۇق سوغاق
كۆممە قوناق                1425     8.1            3.3           75.2        5.6           مۆتىدىل
نۇقۇت                        347.6      28            5               61             5            قۇرۇق ئىسسىق
گۈرۈچ                         485        2.6          0.3           25.9          0.3           مۆتىدىل
ماش                          1321      21.6        0.8             62           6.4            ھۆل سوغاق
سېرىق پۇرچاق            1501      35             16           34.2         15.5          مۆتىدىل
قىزىل كىچىك پۇرچاق    1292     20.2        0.6            63.4         7.7            مۆتىدىل
تېرىق-سوك                  1496    9.0            3.1           75.1          1.6             سوغاق
ئاق باقىلە                  1237      23.4         1.4           57.2          9.8              مۆتىدىل
سەۋزە                         180        1.4           0.2           10.2           1.3             ھۆل ئىسسىق
چامغۇر                       86.7       1.5              -              -               1.4             ھۆل ئىسسىق

‹‹ نورۇز ئېشى ›› غا ئىشلىتىلگەن خۇرۇچلارنىڭ تۈرلىرى ناھايتى كۆپ بولغاچقا ۋە ھەرخىل دانلار ئاساس قىلىنغاچقا، بۇ ئاشتا ئاقسىل، مېنىرال ماددا مول، ماي ماددىسى تۆۋەن، تەنگە زۆرۈر بولغان كالتسىي، يود، ناترىي، كالىي، تۆمۈر، ۋە ھەرخىل ۋىتامىنلار مول بولۇپ، مىجەزنى تەڭشەش، ئاشقازاننى قۇۋەتلەش، ئىشنى بوشۇتۇش، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇش، ئوزۇقلۇقى مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى يىمەكلىرى سۈپۈتىدە ئەۋلاتتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلمەكتە ۋە بۈگۈنكى كۈندىمۇ نورۇزدىن باشقا چاغلاردىمۇ ئېسىل تائاملار سۈپۈتىدە كۈندىلىك داستىخنىمىزنىڭ سەرخىل تائاملىرىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالماقتا.

مەنبە:      ھاياتلىق        جورنىلىنىڭ 2009-يىل 2-سانىدىن.      
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(ئاشپەز) مۇنبەرئۈچۈن ..
  • شۆھرىتى:+10(تۇز) مۇنبەرئۈچۈن ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-27 23:33 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( noruz ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    پارلاق
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرىتى: * كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: * دوللار
    تۆھپە: * ھەسسە
    ياخشى باھا: 446 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    رەخمەت سىزگە جاپا تارتىپ سىز يىزىپ بولغۇچە،نورۇز ئىشى باشقا تائاملارغا ئوخشىمايدۇ.بەك يىيىشلىك ھەم قۇۋەت بولدۇ.
    udum
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-28 01:49 | 新疆哈密地区

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( پارلاق ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ئاشپەز
    ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


    UID نۇمۇرى : 2
    نادىر تېما : 67
    يازما سانى : 1729
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1160(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    كەلگەن قەدىمىڭىزگە  مەرھابا !!!!!!  تور بېتىمىزگە قايتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى
    قىزغىن قارشى ئالىمىز !!
    http://bilimzar.com
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-28 02:02 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    140
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرىتى: * كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: * دوللار
    تۆھپە: * ھەسسە
    ياخشى باھا: 458 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت ، قومۇل رايونىدا ئاساسەن كالا ۋە قوينىڭ باش ، پاقالچاقلىرى سېلىنىپ تەييارلىنىدۇ ، بۇنىڭدا نورۇز ئېشىنىڭ تەمى ئۆزگىچە ، قۇۋىتى ئالاھىدە كۈچلۈك بولىدۇ ، قوشۇمچە سەي - كۆكتاتلار ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدۇ
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-28 17:01 | 新疆哈密地区

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( 140 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    noruz
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 76
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 182
    شۆھرىتى: 1950 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2301 دوللار
    تۆھپە: 113 ھەسسە
    ياخشى باھا: 260 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    3-قۇردىكى                 تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت ، قومۇل رايونىدا ئاساسەن كالا ۋە قوينىڭ باش ، پاقالچاقلىرى سېلىنىپ تەييارلىنىدۇ ، بۇنىڭدا نورۇز ئېشىنىڭ تەمى ئۆزگىچە ، قۇۋىتى ئالاھىدە كۈچلۈك بولىدۇ ، قوشۇمچە سەي - كۆكتاتلار ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدۇ
              
    توغرا دەيسىز، ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئۆز ئالاھىلىككە ئىگە نورۇز ئاشلىرىنى تېتىپ كۆرگىلى ئاللاھ نىسىپ قىلغاي!
    مېنىڭ بىلىشىمچە باش-پاقالچاق تەركىۋىدىكى  ئاقسىللار ئاساسەن چالا ئاقسىل يەنى تويۇنمىغان ئاقسىلدىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ. يەنىلا گۆشتىكى ئاقسىل سۈپۈتىدىن تۆۋەن بولىدۇ.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-28 23:50 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( noruz ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    akram
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرىتى: * كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: * دوللار
    تۆھپە: * ھەسسە
    ياخشى باھا: 68 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    3-قۇردىكى                 تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت ، قومۇل رايونىدا ئاساسەن كالا ۋە قوينىڭ باش ، پاقالچاقلىرى سېلىنىپ تەييارلىنىدۇ ، بۇنىڭدا نورۇز ئېشىنىڭ تەمى ئۆزگىچە ، قۇۋىتى ئالاھىدە كۈچلۈك بولىدۇ ، قوشۇمچە سەي - كۆكتاتلار ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدۇ
              
    توغرا دەيسىز، ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئۆز ئالاھىلىككە ئىگە نورۇز ئاشلىرىنى تېتىپ كۆرگىلى ئاللاھ نىسىپ قىلغاي!
    مېنىڭ بىلىشىمچە باش-پاقالچاق تەركىۋىدىكى  ئاقسىللار ئاساسەن چالا ئاقسىل يەنى تويۇنمىغان ئاقسىلدىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ. يەنىلا گۆشتىكى ئاقسىل سۈپۈتىدىن تۆۋەن بولىدۇ
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 07:06 | 新疆克拉玛依市

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( akram ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    akram
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرىتى: * كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: * دوللار
    تۆھپە: * ھەسسە
    ياخشى باھا: 68 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    نورۇز ئاشلىرىنى تەييارلاش.. قەشقەردە.ئوخشيمايدۇ...
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 07:13 | 新疆克拉玛依市

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( akram ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۇسەن
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرىتى: * كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: * دوللار
    تۆھپە: * ھەسسە
    ياخشى باھا: 233 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    مۇشۇ تاماقنى تەييارلاش بىز ئۇيغۇرلارنىڭ  ئەنئەنىۋى قايىدە-يۇسۇنلىرىنىڭ بىرى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-07 20:11 | 新疆

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۇسەن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۇيغۇرلارنىڭ شىپالىق تائاملىرى
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا