ئىلىم - پەن ئۇچقاندەك تەرەققي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىلىم - پەن دۇنياسىنىڭ ﻫەر قايسى ساﻫەلىرىدە نەتىجىدە قازىنىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا تۆﻫپە قوشۇۋاتقان ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزمۇ بارغانچە كۆپەيمەكتە. تەرەققىياتىمىزدا كىرزىس كۆپىيىۋاتقان، ھەممىمىز خاتىرجەمسىزلىنىۋاتقان مۇشۇ مەزگىللەردە، «مەھمۇدىيە روھى»نى قايتا نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئېزدىنىۋاتقان ياشلىرىمىزمۇ شۇنىڭغا ئاز ئەمەس. 20-30 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئۇيغۇرلاردا دوكتۇر،تەتقىقاتچىلار ئاز بولۇشتەك ئەھۋالدىن، ھازىرقىدەك دۆلەت ئىچىدە ۋە باشقا تەرەققي تاپقان دۆلەتلەردە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ياكى پۈتتۈرۈپ شۇ دۆلەتتە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ سانى مىڭدىن كۆپ بولۇشتەك ياخشى ئەھۋال شەكىللەندى. تۆۋەندە مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان ئىككەيلەن ئاشۇ ئۈن-تىنسىز ئېزدىنىۋاتقان، بەزىللىرىمىز بىلمەيدىغان، ئۈلگە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان ئالىملىرىمىزدىن. بۇلانىڭ ئىش-ئىزلىرىنىمۇ بىلىپ قويايلى ئۆزىمىزمۇ شۇلاردەك بولۇشقا تېرىشايلى دىگەن مەقسەتتە بۇ يازمىنى يوللىدىم. ئولۇغ بوۋىمىزنىڭ «مەھمۇدىيە روھى» ھەممىمىزنىڭ مىللەت ئۈچۈن ئاغزىمىز بىلەن ئەمەس بەلكى ئەمىلي ھەركىتىمىز بىلەن كۈچ چىقىرىشىمىزغا مۇھتاج.
تۆۋەندىكى ئىككەيلەن كەسىپ جەھەتتىن مەن بىلەن يېقىن كىلىدىغان بولغاچقا، تورلاردىن يىغقان شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا ئاساسەن يېزىلدى،خاتا يەرلىرى بولسا كەچۈرەسىلەر! ,,
1.ئابدۇۋاسىت غولام
ئامرىكا سايىنت لۇئىس ئۇنۋېرسىتىتى «Saint Louis University» مۇھېت پەنلىرى تەتقېقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئابدۇۋاسىت غولام 1975-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى يۇرتىدا تاماملىغاندىن كىيىن 1994-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكۇلتېتى (ھازىرقى بايلىق، مۇھېت، ئۇچۇر ئېلمي ئېنىستىتۇتى) غا قوبۇل قىلىنغان. 1998-يىلى تولۇق كۇرسنى تاماملىغاندىن كىيىن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى بايلىق، مۇھېت، ئۇچۇر ئېلمي ئېنىستىتۇتى «يېراقتىن سېزىش ۋە جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سېستىمىسى» كەسپىگە ماگېستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان ۋە 2001-يىلى ماگېستىرلىق ئېلمي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلدىن باشلاپ 2006-يىلغىچە بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى «يېراقتىن سېزىش ۋە جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سېستىمىسى» كەسپىدە دوكتۇر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، 2006-يىلى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2006-يىلدىن 2007-يىلغىچە فىرانسىيە لۇيىس پاستىر ئۇنۋېرسىتىتىدا پوستدوكتۇرلۇق تەتقېقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2007-يىلدىن ھازىرغىچە ئامرېكا سەينت لۇئىس ئۇنۋېرسىتىتى مۇھېت پەنلىرى تەتقېقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەپ كىلىۋاتىدۇ. شۇغۇللىنىدىغان ئاساسلىق تەتقېقات يۆنىلىشى: سۈنئېي ھەمرا ئارقىلىق يېراقتىن سېزىش تېخنىكىسى«Remote Sensing» ۋە جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سېستىمىسى«Geographical
ئابدۇۋاسىت غولام تەتقېقات جەريانىدا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورناللاردا 20 نەچچە پارچە يۇقۇرى سەۋىيەلىك تەتقېقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان ۋە ئۆز ساھەسىدىكلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. شۇ ۋەجىدىن ئوقۇش پۇتتۈرگەندە تەكلىپكە ئاساسەن ئامرىكىغا كىلىپ خىزمەت قىلغان. 2008-يىلى «دۆلەتلىك مۇنەۋۋەر دوكتۇرلۇق ماقالىسى» مۇكاپاتىغا، 2006-يىلى «مۇنەۋۋەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقوغۇچى» مۇكاپاتىغا، 2004-يىلى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى تەرىپىدىن «ئىلمي يېڭىلىق يارىتىش» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2.پەيزۇللا زەيدۇن
ياپونىيە رىسسو ئۇنۋېرسىتىتى«Rissho University» يەرشارى مۇھېت پەنلىرى فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى پەيزۇللا زەيدۇن 1966-يىلى كورلىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1993-يىلدىن 1996-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى بايلىق، مۇھېت، ئۇچۇر ئېلمي ئېنىستىتۇتىدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. ماگېستىرلىق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كىيىن 1997 - يىلغىچە شەرقي شىمال پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتىدا ياپون تىلى ئۈگەنگەن. 1998-يىلدىن 2000-يىلغىچە ياپونىيە رىسسو ئۇنۋېرسىتىتىدا تەتقىقاتچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.2000-يىلدىن 2004-يىلغىچە ياپونىيە رىسسو ئۇنۋېرسىتىتىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغان ۋە يەرشارى مۇھېت پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ياپونىيە رىسسو ئۇنۋېرسىتىتىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
«تېرىشمىغان ياش، تام تۈۋىدىكى تاش!» دەيتى بوۋام!!!
ئاتوم!!!
مەنبە:شەبنەم
[ بۇ يازماaxtuziتەرپىدىن2009-04-27 12:38دە قايتا تەھ ]