مانتا ئائىلىسىگە _ پېتىر مانتا (گۆش قىيمىلىق مانتا، كاۋا مانتىسى)، بولۇق مانتا (گۆش مانتا، ياڭاق - شېكەر مانتىسى، كۆكتات مانتىسى، كۈدە يەنى جۈسەي مانتىسى،،،،،)، ياغ مانتا (خوشاڭ)، قاتارلىقلار كىرىدۇ. بۇلار ئاساسەن قىيمىلىق تاماق بولۇپ ھوردىتىپ پىشۇرۇلىدۇ.

پېتىر مانتا
1. پېتىر مانتىنىڭ خۇرۇچلىرى:
سۈپەتلىك ئاق ئۇن ..... بىر يېرىم جىڭ
لوق گۆش .....................ئىككى جىڭ
قۇيرۇق ماي .................يېرىم جىڭ
باش پىياز ....................... بىر جىڭ
چۈچىتىلگەن سۇ ماي ........ئىككى قوشۇق
قارامۇچ، زېرە، كاۋاۋىچىنلارنىڭ ئۇنى، تۇز قاتارلىقلار مۇۋاپىق مىقداردا
2. ئېتىش ئۇسۇلى:
( 1 ) ئالدى بىلەن ئاق ئۇنغا تۇز سېلىپ نۇرمال چىڭلىقتا خېمىر يۇغۇرۇپ ياخشى تىندۇرىمىز.
( 2 ) گۆشنى قوناق چوڭلىقىدا توغرايمىز، پىيازنى يمشاق چاناپ توغرالغان گۆشنىڭ ئۈستىگە سالىمىز. ئاندىن زىرە، قارامۇچ، تۇز، ئىككى قوشۇق سوغۇق سۇ، بىر قوشۇق پىششىق سۇ ماينى قۇيۇپ ياخشى ئارلاشتۇرۇپ يۇمشاق قىيما تەييارلىۋالىمىز.
( 3 ) تىندۇرۇلغان خېمىرنى گۈلە چوڭلىقىدا ئۈزۈپ ھەممىسىنى يۇمۇلاق ھالەتكە كەلتۈرىمىز. ئاندىن ئالقىنىمىز بىلەن بېسىپ ياپىلاقلىغاندىن كېيىن، بىر - بىرلەپ پوزا ئارقىلىق نېپىز جىلتە ئاچىمىز. مانتىنى تۈگۈشتىن بۇرۇن جىمبىلگە سىزىقتىن سەل تۆۋەن سۇ قۇيۇپ ئوتنى يېقىۋىتىپ، جىمبىلنىڭ باللىرىنى پىششىق سۇ ماي بىلەن تولۇق مايلاپ تەييارلىۋالىمىز.
ئېچىلغان جىلىت ئىچىگە مۇۋاپىق قىيما سېلىپ ئىككى تەرىپىنى ئوخشاش پۈرۈپ تۈگىمىز. تۈگۈلگەن مانتىلارنى بىر بارماق پاتقۇدەك ئارلىق قالدۇرۇپ جىمبىلنىڭ باللىرىغا رەتلىك تىزىپ، قايناۋاتقان جىمبىلگە سېلىپ ئاغزىنى ھور قاچمىغۇدەك ئېتىپ، كۈچلۈك ئوتتا 18 - 20 مىنۇت دۈملىسەك ياخشى پىشىدۇ. پىشقان مانتىلارنى تەخسىلەرگە ئېلىپ ئۈستىگە يەنە ئازراق قارامۇچ سېپىپ دەستىخانغا كەلتۈرسەك بولىدۇ.
3. ئالاھىدىلىكى: تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل، شەكلى كۆركەم، تەملىك، مېزىلىك، كۈچلۈك تاماقلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، بەدەننى قۈۋەتلەيدۇ. ھۆل سوغۇق مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئەسكەرتىش: ھەركىتى ئاز، قان بېسىمى يۇقۇرى، قان قويۇق ۋە جىگەرنى ماي قاپلىغان كىشىلەر ئازراق ئىستىمال قىلىشى كېرەك.
--------------------------------------------------------------------
كاۋا مانتىسى
1. كاۋا مانتىسىنىڭ كېتەرلىك خۇرۇچلىرى:
سۈپەتلىك ئاق ئۇن _ ئىككى جىڭ
تۆت جىڭ ئېغىرلىقتىكى كاۋا _ بىر دانە
مايلىق پەش گۆش _ بىر جىڭ
باش پىياز _ 200 گرام
قىزىل مۇچ _ 100 گرام
چۈچۈتكەن سۇ ماي _ 200گرام
سوقۇلغان قارا مۇچ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا (ئېھتىياجغا قاراپ تېتىغۇدەك بولسا بولىدۇ)
2. ئېتىش ئۇسۇلى:
( 1 ) خېمىرىنى پېتىر مانتىنىڭ خېمىرى بىلەن ئوخشاش يۇغۇرۇپ تىندۇرىمىز.
( 2 ) كاۋىنىڭ تاشقى پوستىنى سويۇۋېتىپ، ئۇرۇقچىلىرىنى چىقىرىۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ، ئاۋال نېپىز يالپاقلايمىز، ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغرىغاندىن كېيىن پۇرچاق چوڭلۇقىدا ئۇششاقلايمىز. قىزىل مۇچ بىلەن گۆشنىمۇ شۇنداق ئۇششاق توغراپ كاۋا ئۈستىگە سالىمىز. پىيازنى يۇمشاق چاناپ ئۇنىمۇ قوشىمىز. ئۈستىگە چۈچۈتكەن سۇ ماي، قارا مۇچ، تۇز (ئەگەر كاۋا، پىلىكىدە قىزىرىپ پىشمىغان، بالدۇر ئۈزىۋېتىپ كۈن نۇرىدا سارغايتىلغان، خامراق كاۋا بولسا تەخمىنەن 30 گرام ئەتراپىدا ئاق شېكەر سالىمىز) سېلىپ، تولۇق ئارلاشتۇرۇپ كاۋا قىيمىسى تەييارلايمىز.
( 3 ) خېمىرنى پېتىر مانتىنىڭكىدىن سەل چوڭراقتىن ئۈزۈپ يۇمۇلاقلايمىز، ئالقىنىمىز بىلەن بېسىپ ياپىلاقلىغاندىن كېيىن، پوزا بىلەن ئوتتۇرىسى قېلىنراق، ئەتراپىنى نېپىز قىلىپ جىلتا ئاچىمىز. تۈگۈش، پىشۇرۇش جەريانى ۋە ۋاقتى پېتىر مانتا بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
مانتا پىشقاندا ئوتنى ئۆچۈرۈپ، جۈمبىلنىڭ ئاغزىنى ئېچىش بىلەن تەڭ، ھورىنى قاچۇرماي تۇرۇپ پىشقان مانتىلارنىڭ ئۈستىگە بىر سېتەلدىن (جەمئىي يېرىم پىيالە) سوغۇق سۇ سېپىپ ئاندىن تەخسىلەرگە ئالساق بولىدۇ.
3. ئالاھىدىلىكى:
كۆركەم، پارقىراق، تەملىك، قىيمىسى شورپۇلۇق، ھەجمى پېتىر مانتىدىن چوڭراق، يىيىشلىك ھەم سىڭىشلىك تاماق.
كاۋا مانتىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى بولۇپ، دىئابىت كېسىلى، قان بېسىمى يۇقۇرى، قان قويۇق، قاندا ماي ۋە خولىستىرىن كۆپ بىمارلارمۇ خاتىرجەم ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
---------------------------------------------------------------------
. بولۇق مانتىنىڭ كېتەرلىك خۇرۇچلىرى:
ئاق ئۇن _ ئىككى جىڭ
مايلىق پەش گۆش _ئىككى جىڭ
باش پىياز _ 300 گرام
چۈچىتىلگەن سۇ ماي _ئىككى قوشۇق
قارامۇچ، زېرە، كاۋاۋىچىنلارنىڭ ئۇنى، تۇز قاتارلىقلار مۇۋاپىق مىقداردا
2. ئېتىش ئۇسۇلى:
( 1 ) ئالدى بىلەن ئاق ئۇنغا مۇۋاپىق خېمىرتۇرۇچ سېلىپ، ئىلمان سۇ بىلەن بوش خېمىر يۇغۇرۇپ قېلىن چۈمكەپ قويىمىز.
( 2 ) گۆشنى قوناق چوڭلىقىدا توغرايمىز، پىيازنى يۇمشاق چاناپ توغرالغان گۆشنىڭ ئۈستىگە سالىمىز. ئاندىن زىرە، قارامۇچ، تۇز، ئىككى قوشۇق سوغۇق سۇ، بىر قوشۇق پىششىق سۇ ماينى قۇيۇپ ياخشى ئارلاشتۇرۇپ يۇمشاق قىيما تەييارلىۋالىمىز. (چوڭراق قوشۇق ئۆلچەم قىلىنىدۇ).
( 3 ) خېمىر ياخشى بولدۇرۇلۇپ، ئارىسىدا كوۋۇقچىلار كۆرۈنگەندە بىر بال قوشۇق سۇدانى ئىسسىق سۇ بىلەن ئېرىتىپ خېمىرغا ئارلاشتۇرۇپ چەيلەيمىز. خېمىر ئىككىنچى قېتىم كۆپكەندىن كېيىن ياڭاق چوڭلىقىدا تەكشى ئۈزۈپ يۇمۇلاق زۇۋۇلا قىلىۋالغاندىن كېيىن ئەتراپىنى بېسىپ كەڭرىتىپ ئېچىۋالىمىز. ئېچىلغان ھەر بىر خېمىرنىڭ ئىچىگە پېتىر مانتىنىڭكىدىن ئازراق قىيما سېلىپ يۇمۇلاق شەكىلدە پۈرۈپ تۈگىمىز. جىمبىلدىكى سۇ قاينىغاندا تۈگۈلگەن مانتىلارنى جىمبىل باللىرىغا رەتلىك تىزىپ (ھەر مانتىنىڭ ئارلىقى يېرىم مانتا كەڭلىكىدە قالدۇرۇلسا بولىدۇ)، جىمبىلگە سېلىپ، ئاغزىنى ھىم ئېتىپ تەخمىنەن 20 مىنۇتتىن كېيىن ئالساق ياخشى پىشىدۇ. تەخسىلەرگە ئېلىپ داستىخانغا ئاچچىقسۇ ۋە قىزىلمۇچ قىيامى بىلەن بىرلىكتە كەلتۈرۈلسە بولىدۇ.
3. ئالاھىدىلىكى:
شەكلى چىرايلىق، يۇمشاق، يىيىشلىك، قۈۋەتلىك تاماقلىرىمىزنىڭ بىرى.
---------------------------------------------------------------------
ياغ مانتا (خوشاڭ )
1. كىتەرلىك خۇرۇچ بولۇق مانتا بىلەن ئوخشاش، پەقەت سارغايتىش ۋە قاتۇرۇش ئۇچۇن 3 سەر سۇ ماي ئارتۇق.
2. خېمىرى بولوق مانتىنىڭكى بىلەن ئوخشاش يۇغۇرلىدۇ. قىيمىسىمۇ ئوخشاش تەييارلىنىدۇ. پەقەت ئېتىش ئۇسۇلىدا ئازراقلا ئوخشىماسلىق بار قازانغا ماي قۇيۇپ قىززىتىپ ، تۇگۇپ تەييار قىلىنغان مانتىلارنى 3تىن ، 4تىن سېلىپ تەكشى سارغايتىپ، سەل قېتىشقاندا ئاندىن سۇزىۋالىمىز ئاخىردا قازاننىڭ ئاستىدا قالغان ئازراق قالدۇق ماي ئۇستۇگە قىزارتىلغان مانتىلارنى سېلىپ، تۇزى تەڭشەلگەن قايناقسۇدىن 500گىرام قۇيۇپ دۇملەيمىز ، ئوت كۇچىنى تۇۋەنلىتىپ 25_30 مىنۇتتىن كىيىن ئالساق بولىدۇ.
ئالاھىدىلىگى: رەڭگى قىزغۇچ، تەملىك، پۇراغلىق، سىرتى چۇرۇك، ئىچكى قىسمى يۇمشاق، قۇۋەتلىك، تەبىئىتى ئىسسىق، بولوپ ۋىتامىنلارنىڭ سۇمۇرلىشىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ، ئىشتاھانى ئاچىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەر كۆپ يېمەسلىكى ، سوغوق سەي ياكى قېتىق قاتارلىقلارنى بىرلىكتە قوشۇپ ئىستىمال قىلىشى كىرەك.
---------------------------------------------------------------------
كۇدە (جۇسەي) مانتىسى.
خۇرۇچى: كۈدە (جۈسەي) _ بىر جىڭ
مايلىق پەش گۆش _ 300 گرام
مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ۋە دورا - دەرمان
كۇدە مانتىسىنىڭ خېمىرى ۋە ئىتىش ئۇسۇلى پۇتۇنلەي بولوق مانتا بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. پەقەت قىيمىسىلا ئوخشىمايدۇ.
پاكىز ئادالاپ يۇيۇلغان كۇدىنى ئۇششاق توغرايمىز، مايلىق پەش گوش قوناق چوڭلىقىدا توغىرلىنىدۇ ،ئۇستىگە بىر باش پىيازنى ئۇششاق چاناپ سالىمىز ، چۇچۇتكەن سۇ ماي، تۇز، ۋە قارامۇچنى مۇۋاپىق مىقتاردا قوشۇپ ئارلاشتۇرۇپ كۇدە قىيمىسى تەييارلايمىز، باشقا ھەممە جەھەتتە بولۇق مانتا بىلەن پەرقلەنمەيدۇ .
ئالاھىدىلىكى: يۇمشاق، پۇراقلىق، ئۆزگىچە تەمگە ئىگە.
ئەگەر كۆكتات مانتىسى ئەتمەكچى بولساق، سالماقچى بولغان كۆكتاتلارنىۋە مايلىق پەش گۆشنى ئۇششاق توغراپ ئۇنىڭغا مۇۋاپىق تۇز، قارامۇچ، كاۋاۋىچىن - شاكال بەدىيان سۈيى ئارلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلايمىز. باشقا جەريانى بلۇق مانتا ياكى كۈدە مانتىسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
ئالاھىدىلىكى: يۇمشاق، سىڭىشلىك، تەمى ئاچچىق - چۈچۈك، سۇلۇق پىشىدۇ.
---------------------------------------------------------------------
شىكەر ، ياڭاق مانتىسى:
خېمىرى يەنىلا بولۇق مانتا بىلەن ئوخشاش. پەقەت تۇزى كەمرەك يۇغۇرىلىدۇ.
قېيمىسى: بىر جىڭ ئەتراپىدىكى ئاق شىكەرگە 200گىرام ياڭاق مېغىزىنى ئىچكى پوستىنىمۇ ئاقلاپ، چالىراق سوقوپ ئارلاشتۇرىمىز. قوينىڭ قۇيرۇق مېيىدىن 100گىرام ئەتراپىدا ئۇششاق توغراپ سالىمىز. ئېچىپ تەييار قىلىنغان جىلىتلارغا مۇۋاپىق قىيما سېلىپ 3بۇرجەك تۇگۇپ جىمبىلگە سېلىپ15 مىنۇت دۇملەپ پۇشۇرىمىز
ئالاھىدىلىگى: تەمى تاتلىق، يۇمشاق، خورىغان گىلىكوزىنى تولۇقلاش رولىغا ئىگەۋە قەۋزىيەتكە پايدا قىلىدۇ ، مېڭىنى قۇۋەتلەپ نىرۋىنى ياخشىلايدۇ.