oznur.cn vip
nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2071
شۆھرىتى: 21674 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26510 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2505 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 388(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز بېلىق گۆشى تەييارلىندىغان قورىمىلار دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2010-11-06)
كوجا _ ئۇيغۇر تائاملىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئىچىشلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى، ئېتىش ئۇسۇلى بىر قەدەر مۇرەككەپ، تۈجۈپىلەپ ئەتسە ئاجايىپ بىر ياخشى تاماق بولۇپ، مىجەزنى تەڭشەش، ئۈچەيدىكى ماينى سېرىش، قان قويۇقلۇق ۋە زىيادە سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىشتاھانى ئېچىش، زەھەرنى ھەيداش ۋە بادەندىكى ئارتۇقچە ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش قاتارلىق روللارغا ئىگە ئەنئەنىۋىي تائاملىرىمىزدىن بىرى.

كېتەرلىك خۇرۇچلار:

كۆكباش(تولۇق دان تۇتۇپ دېنى تېخى قېتىپ قالمىغان سۈتلۈك قوناق)، سۇ ماي، قوي گۆشى، پىياز، گۈلە، چاقما كاۋا، چامغۇر، پەمىدۇر، تۇز قاتارلىقلار.

ئېتىش ئۇسۇلى:



2.قانزانغا ئازراق سۇ ماي قۇيۇپ كۈچلۈك ئوتتا ياخشى چۈچۈتكەندىن كېيىن، ئۇششاق توغرالغان گۆشنى سېلىپ چالا قورۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ۋە يالپاق توغرالغان پىيازنى سېلىپ سارغايغىچە قورۇيمىز، ئاندىن بىرەر تال پەمىدۇرنى ئۇششاق توغراپ سېلىپ ئېزىلگىچە قورۇپ قازانغا سوغۇق سۇ قۇيىمىز. (ئاز - كۆپلىكىنى ئېھتىياجغا قاراپ ئۆلچىسەك بولىدۇ). قازان قاينىغاندا چاسا توغرالغان كاۋا، چامغۇر، كۆكباش تېلىپى، گۈلە قاتارلىقلارنى سېلىپ پىشقىچە قاينىتىمىز.

3.ئاشنىڭ سۈيى پىشقاندىن كېيىن تۈزىنى تەڭشەپ قوچۇپ تۇرۇپ كۆكباش سۈتىنى ئاۋايلاپ ئاز ئازدىن ئاستا قۇيىمىز. قازاننىڭ تېگىگە تۇتىۋالماسلىق ئۈچۈن توختىماي قوچۇپ يەنە 5-10 مىنۇت ئەتراپىدا بوش ئوتتا قاينىتىمىز. بۇ چاغدا شىرنىلىك، مىزىلىك، كۆركەم كوجا تەييار بولىدۇ. ئوتنى ئۆچۈرۈپ تاماقنى ئۇسسىساق بولىدۇ.

پىشقەدەملەردىن سوراپ ئۈگۈنۈپ ئۆزەمنىڭ ئېتىپ باققىنىم بويىچە يازدىم. پايدىلىنارسىلەر.

ئەنئەنىۋىي تاماقلىرىمىزنىڭ ئېتىلىشىنى، ھېچ بولمىغاندا ئىسىملىرىنى بولسىمۇ ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە بولمايدۇ. ھازىرقىلىرىمىز ئۇنتۇلۇپ كەتسەك كېيىنكىلىرىمىز تېخىمۇ بىلمەي چوڭ بولىدۇ، شۇڭا ئەنئەنىمىزنى، مەدىنىيىتىمىزنى ساغلام ھالەتتە ساقلاپ قېلىش شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ تائام مەدىنىيىتىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن پايدىلىنىپ ساغلاملىقىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولسىمۇ بۇلارنى بىلىۋېلىشىمىز، ئەۋلادلىرىمىزغا بىلدۈرۈشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن.
1.ئالدى بىلەن تەييارلانغان كۆكباشلارنى سويۇپ پاكىز تازىلىغاندىن كېيىن پىچاق بىلەن يۈمشاق، سۈتلۈك دېنىنى پىچاق بىلەن قىرىپ چىقىرىۋالىمىز، چىقىرىلغان داننى تەڭلە ياكى قېلىنراق كورىغا سېلىپ يۇمشاق سوقۇپ ئېزىۋالىمىز، ئاندىن يۇمشىتىلغان داننى چىڭ سىقىپ سۈتى بىلەن تېلىپىنى ئايرىۋالىمىز.



مەنبە ياشلار.
[ بۇ يازماnuzugumتەرپىدىن2010-12-30 05:26دە قايتا تە ]
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-18 07:02 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 73
يازما سانى : 1895
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1397(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تائاملىرىمىزنى ئەۋلاتلارغا يەتكۇزۇشتە بىز ئاشپەزلەرنىڭ
يۇكسەك مەجبۇرىيىتىمىز بار  ئۇيغۇر تائاملىرىنى تەرەققى قىلدۇرايلى ۋە
دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-19 04:20 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئائىلىدە قوناق ئۇن تائاملىرىنى تەييارلاش
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/