گۆش كۇمىلىچى ناھايىتى يىيىشلىك ، تېخنىكىلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك ، قۇۋۋەتلىك بولۇپ تۈرى 300 خىلدىن ئاشۇدۇ
1. گۆشنى پارچە - پارچە قىلىپ توغرىۋالىسىز .
[attachment=404]
2. گۆشنى گۆش قىيمىلاش ماشىنىسى ياكى مىۋە شەربىتى چىقىرىش ماشىنىسى ( زا جى جى ) غا سېلىپ ياكى چاناپ ناھايىتى يۇمشاق قىيما قىلىسىز ، گۆش قانچە يۈمشاق تەييارلانسا ، گۆش كۇمىلىچى شۇنچە نەپىس چىقىدۇ .
[attachment=405]
3. نىلۇپەر غولىنى ئۇششاق توغرايسىز
[attachment=406]
4. ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرىسىز
[attachment=407]
[attachment=408]
5. ئۇنىڭغا تۇخۇم ، تۇز ، غولپىياز زەنجىۋىل سۈيى ، توخۇ شورپىسى ياكى گۆش شورپىسى ، بولكا ئۇۋىقى ( ياكى نان ئۇۋىقى بولسىمۇ بولىدۇ ) سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ ياخشى ئارىلاشتۇرىسىز .
رەسىمدىكى ئاق تۇرغىنى بولكا تالقىنى ( ئۇۋىقى ) مىيەنباۋكاڭ ،
[attachment=409]
[attachment=410]
[attachment=412]
[attachment=413]
6. تەييارلانغان قىيمىنى قولىڭىز بىلەن سىقىپ ، ياكى ئالقىنىڭىز بىلەپ ئۇۋىلاپ كۆملاچ شەكىلگە كەلتۈرۈپ قىززىق ياغقا سېلىپ ئالدىرىماي پىشۇرىسىز !
ياغدا پىشىپ بولغاندىن كېيىن شۇ پېتى ئىستىمال قىلىسىمۇ ياكى تەمىنى ھەرخىل تەڭشەپ ئۈستىگە شىرنە قۇيۇپ يىيىلسىمۇ بولىدۇ . [
[ بۇ يازماaxtuziتەرپىدىن2010-06-05 16:04دە قايتا تەھ ]