oznur.cn vip
ئۇدۇم
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 1925
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 146
شۆھرىتى: 1570 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2030 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 252 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 168(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================


لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرىسىگە


ساداقەتجان ھاجى


مەن شۇدەم تۇرىمەن سۈكۈتتە غەمكىن،
قەلبىمنى ئۆرتەيدۇ قايغۇ ۋە ئازاب.
ۋە لېكىن غۇرۇرۇم مەغرۇر ھەم تەمكىن،
ئېسىمدىن چىقمايدۇ «يىللارغا جاۋاب».

مەن بىلەن بىللىدۇر «خىيالچان تىلەك»،
خىيالىم ۋەسلىڭگە تەلپۈنۈپ تۇرار.
ئاھ، سېنى سېغىنغان بۇ ئوتلۇق يۈرەك
سۆيگۈ شامىلىدا يەلپۈنۈپ تۇرار.

ئوقۇسام ھەر دائىم «ياشلىق-ئۆگەن»نى
ياشلىقىم ئۆزىدە بىر كۈچ سېزىدۇ.
سېغىنىپ، يۈرىكىم شېئىر دىگەننى
قەبرەڭگە گۈلدەستە قىلىپ تىزىدۇ.

«مۇھەببەت ۋە نەپرەت»-يۈرىكىمدە ئوت،
بۇ ئوتسىز ئىنسانغا نەدىكەن ھايات؟!
شېئىردىن تاپىمەن ھاياتىمغا قۇت،
ناخشاڭدىن ئويغاندى قەلبىمدە سابات.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ-قاينام ئۆركىشى،
سۆيگۈ دېڭىزىدا دولقۇنۇڭ قالدى.
ئۇنۇتماس ئەبەدىي سېنى ھەر كىشى،
چۈنكى ھەر يۈرەكتە يالقۇنۇڭ قالدى.

(1986-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى. قەشقەر)
«تارىم» ژۇرنىلى 1988-يىللىق 1-سان

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-06 16:58 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇدۇم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » شېئىرىيەت گۈلزارى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/