oznur.cn vip
ئەنگەر
http://angar0995.blogbus.com

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 746
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 659
شۆھرىتى: 6965 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7640 دوللار
تۆھپە: 13 ھەسسە
ياخشى باھا: 810 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 394(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم




خىزمەتچى بوپ ئاتالغاچ ماشىمىز بار بىر ئۇچۇم،
شۇنداق بولغاچ بويرۇققا بويسىنىمىز بىز چوقۇم،
بەزى ئىشلار ئۈستىدە كۆپلەپ قالدى ھەم ئويۇم،
سۆزلەپ بېرەي سىلەرگە تۇتۇپ قالدى بەك خۇيۇم،
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى  ئارام كۈنگە  ئۆچ بولدۇم.

دۇشەنبىدە ياڭرىتىپ  ئوقۇتۇشنىڭ مارشىنى،
نادانلىققا ئاتىمىز ئىلىم -ئېرپان  ئوقۇنى،
سەيشەنبىدە باشلايمىز تاپشۇرۇقنىڭ جېڭىنى،
تەكشۈرەيمىز زېرىكمەي بەرگەن بىلىم يۇقىنى،
كۆرۈنمەيدۇ قارىسى  ئارام كۈنگە  ئۆچ بولدۇم،

چارشەنبىدە ئۆگۈنۈپ سىياسەتنىڭ بېشىنى،
قىزىل قىلىپ كاللىنىڭ ئىچى بىلەن تېشىنى،
پەيشەنبىدە قىلىشىپ كەسپىي بىلىم گېپىنى،
سۆزلىشىمىز ئۆز ئارا يۇقۇرلىتىش ئېپىنى،
قالمىدى ھېچ  مەنىسى ئارام كۈنگە  ئۆچ بولدۇم.

جۈمە تىنەش بولىمىز تۈگمەي ئىشنىڭ چالىسى،
ئارام كۈنگە قېپ قالار تەكشۈرۈشنىڭ ئارخىپى،
بىرى تۈگسە بىرىگە كېلەر ئىشلەش نۆۋىتى،
ھارام بولار ئارام كۈن چىقماي ھېچكىم ھاردۇقى،
تۇگمەيدىغان بانىسى ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم.

شەنبىلەردە تۈگەتسەك ئارخىپلارنى مىڭ تەستە،
يەكشەنبىدە كۆرىمىز ئۆزىمىزنى ئەمگەكتە،
دۇشەنبىدىن جۇمەگە يەنە ئوخشاش ھەركەتتە،
چۈشەنمدىم زادىلا قالدۇق شۇنداق قىسمەتكە،
بەكمۇ جىقكەن ئىگىسى ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم.

ئېچىلىدۇ يىغىنلار شەنبە ياكى يەكشەنبە،
پات-پات كېلەر تەكشۇرۇش بەكمۇ ھەيۋەت دەبدەبە،
ئارام كۈندە ئىشلىسە بولار ئېسىل ئەنئەنە،
بىز ئىشلىسەك ئۈن-تۈنسىز ھەممە بولار ھەيرانە،
تەكرارلانغان قىش-يېزى ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم.

ئۆيدە خوتۇن سوقۇشار كۆچۈپ كەت دەپ مەكتەپكە،
جىدەل قىلار باللىرىم ئاپارغىن دەپ مەشرەپكە،
رەنجىپ ئاتا-ئاناممۇ قالدىم مانا ئەيىپكە،
كىمگە ئېيتاي دەردىمنى پاتتىم ئېغىر ھەسرەتكە،
قالدى گېپىم چالىسى ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم.

چىدىماسكەن دەپ قالماڭ ئارام كۈندىن زارلىسام،
ھەرگىز ئىچىم بوشىماس ئويلىغاننى يازمىسام،
چوقۇم ساراڭ بولىمەن ئەمدى ئارام ئالمىسام،
ئارام ئالغان شۇ كۈنى ئىككى ئۈچ كۈن ياتمىسام،
يوقاپ كەتكەن خىسلىتى ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم.



چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-03 22:27 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەنگەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەنگەر
http://angar0995.blogbus.com

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 746
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 659
شۆھرىتى: 6965 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7640 دوللار
تۆھپە: 13 ھەسسە
ياخشى باھا: 810 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 394(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەقىل
بۇ مەزمون8قەۋەتتىكىرەھىمسىزنىڭ2011-10-08 21:50دە يوللىغان يازمىسى  :
ما ئۈستىدىكى ئىنكاسنى باشقۇرغۇچىلار ئۆچۈرۋەتسەڭلا قانداق؟؟؟؟؟

سىز دىگەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس ئۆچۈرۈلدى.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-11 00:22 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەنگەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » شېئىرىيەت گۈلزارى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/