ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم
خىزمەتچى بوپ ئاتالغاچ ماشىمىز بار بىر ئۇچۇم،
شۇنداق بولغاچ بويرۇققا بويسىنىمىز بىز چوقۇم،
بەزى ئىشلار ئۈستىدە كۆپلەپ قالدى ھەم ئويۇم،
سۆزلەپ بېرەي سىلەرگە تۇتۇپ قالدى بەك خۇيۇم،
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم.
دۇشەنبىدە ياڭرىتىپ ئوقۇتۇشنىڭ مارشىنى،
نادانلىققا ئاتىمىز ئىلىم -ئېرپان ئوقۇنى،
سەيشەنبىدە باشلايمىز تاپشۇرۇقنىڭ جېڭىنى،
تەكشۈرەيمىز زېرىكمەي بەرگەن بىلىم يۇقىنى،
كۆرۈنمەيدۇ قارىسى ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم،
چارشەنبىدە ئۆگۈنۈپ سىياسەتنىڭ بېشىنى،
قىزىل قىلىپ كاللىنىڭ ئىچى بىلەن تېشىنى،
پەيشەنبىدە قىلىشىپ كەسپىي بىلىم گېپىنى،
سۆزلىشىمىز ئۆز ئارا يۇقۇرلىتىش ئېپىنى،
قالمىدى ھېچ مەنىسى ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم.
جۈمە تىنەش بولىمىز تۈگمەي ئىشنىڭ چالىسى،
ئارام كۈنگە قېپ قالار تەكشۈرۈشنىڭ ئارخىپى،
بىرى تۈگسە بىرىگە كېلەر ئىشلەش نۆۋىتى،
ھارام بولار ئارام كۈن چىقماي ھېچكىم ھاردۇقى،
تۇگمەيدىغان بانىسى ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم.
شەنبىلەردە تۈگەتسەك ئارخىپلارنى مىڭ تەستە،
يەكشەنبىدە كۆرىمىز ئۆزىمىزنى ئەمگەكتە،
دۇشەنبىدىن جۇمەگە يەنە ئوخشاش ھەركەتتە،
چۈشەنمدىم زادىلا قالدۇق شۇنداق قىسمەتكە،
بەكمۇ جىقكەن ئىگىسى ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم.
ئېچىلىدۇ يىغىنلار شەنبە ياكى يەكشەنبە،
پات-پات كېلەر تەكشۇرۇش بەكمۇ ھەيۋەت دەبدەبە،
ئارام كۈندە ئىشلىسە بولار ئېسىل ئەنئەنە،
بىز ئىشلىسەك ئۈن-تۈنسىز ھەممە بولار ھەيرانە،
تەكرارلانغان قىش-يېزى ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم.
ئۆيدە خوتۇن سوقۇشار كۆچۈپ كەت دەپ مەكتەپكە،
جىدەل قىلار باللىرىم ئاپارغىن دەپ مەشرەپكە،
رەنجىپ ئاتا-ئاناممۇ قالدىم مانا ئەيىپكە،
كىمگە ئېيتاي دەردىمنى پاتتىم ئېغىر ھەسرەتكە،
قالدى گېپىم چالىسى ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم.
چىدىماسكەن دەپ قالماڭ ئارام كۈندىن زارلىسام،
ھەرگىز ئىچىم بوشىماس ئويلىغاننى يازمىسام،
چوقۇم ساراڭ بولىمەن ئەمدى ئارام ئالمىسام،
ئارام ئالغان شۇ كۈنى ئىككى ئۈچ كۈن ياتمىسام،
يوقاپ كەتكەن خىسلىتى ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم.