oznur.cn vip
لەييان
بىر مىللەت ئۇرۇشتا ئەمەس،سۈكۇتتە قىرىلىپ تۇگەيد ..
دەرىجىسى : VIP ئەزا


UID نۇمۇرى : 4088
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 273
شۆھرىتى: 2810 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2810 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 333 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 109(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەسىم:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق قىرىنداشلار تور ئارلاۋىتىپ بۇ شىئېرنى كورۇپ قالدىم ،بەكلا ياخشى يىزىلغانكەن .

ياغلىقىمغا چېقىلما
(ئەتىر)

كەلدى مەكتەپتىن بۇيرۇق،
ياغلىقىڭنى ئارتما دەپ.
ئۆرۈپ -ئادەت ئەمەس ئۇ،
يېڭىلىققا كۆچكىن دەپ.

ھەيران قالدىم ئۇلارغا،
دىگەنلەرمۇ ئۇيغۇرغۇ.
تۇتۇپ قالدىم ياقامنى،
مۇسۇلمانمۇ ئەمەسمۇ؟

نوۋەت كەلدى ماڭىمۇ،
ياغلىقىڭنى سەن ئارتما.
دىدىم مەنمۇ ئۇلارغا ،
ياغلىقىمغا چېقىلما.

كۆرسەتتىم كۆپ باھانە،
چۈشەندۈرۈپ توغرىنى.
چۈشەنمىدى پەقەتلا،
ئارتىپ ماڭا گۇناھنى.

قىل ھارمىدى ئۇلارمۇ،
كۈندە كەلدى قېشىمغا.
ياغلىقىڭنى ئالغىن دەپ.
بېسىم قىلدى كۆپ ماڭا.

كۆنۈپ قالدىم مەنمۇ ھەم،
تىل ئاھانەت دەشنەمغا .
تۇرۇپ كۇففار يېنىدا ،
ھەم كۈچەيدى ئىتقاتلار.

ئازاربەرسە دىلىمغا ،
اللاھتىن سىناق دىدىم.
ياغلىغىڭنى ئال دىسە،
ئۇ مىنىڭ جېنىم دىدىم.

كەلگەنتىمغۇ داشۆگە،
پۈكۈپ ئارزۇ ئارماننى.
يول قويمىدى پەقەتلا،
ئەركىن ئۈچۈپ يۈرۈشنى.

ئۈمۈدلىرىم ئۈزۈلدى،
ئارزۇلارمۇ كۆپۈككە.
مەكتەپتىكى ئارمانىم ،
ئايلاندىغۇ نەپرەتكە.

راسلا جاھىل قىز سەن دەپ،
دىيىشتىغۇ بەزىلەر.
ئىدىيىسى قاتمال دەپ،
كۈلىشتىغۇ بەزىلەر.

سىرداش يېقىن دوستۇمغا،
تۆكتۈم دەردۇ ھالىمنى.
قويدى مېنى نائۈمىد.
ئاڭلاپ ئۇشبۇ سۆزۈمنى.

بولدى ئەمدى ئېتىشما،
ھاردۇرمىغىن ئۆزۈڭنى.
يەكچەشمىنىڭ شەھرىدە ،
قىسىۋالغىن كۆزۈڭنى.

يۈرەكلىرىم ئېزىلدى،
يوقمۇ بىرمۇ سىردىشىم.
ئۈمىدىمنى ئۈزمىدىم،
باردۇر مېنىڭ ئاللاھىم.

ھايۋانلارمۇ جېنىدا ،
ئېگىسىنى تۇنۇيدۇ.
جاھىليەتتە كېشىلەر،
كېم ياراتتى بىلمەيدۇ.

ھەمدۇسانالار ئېيتتىم،
شۈكرى قىلىپ خۇداغا.
يىغلاپ قولنى كۆتۈردۈم،
دۇئا قىلدىم ئااللاھغا.

قۇتقۇزغايسەن ئىھ اللاھ،
شۇلارنىمۇ زۇلمەتتىن.
تۇنۇتقۇزغىن ئاق يولنى .
قۇتقۇز سىڭگەن خۇيىدىن.

مەدەت بەرگىن ھەم اللاھ،
ھىدايەتنى ئايىما.
ئۇچۇق قىلىب يۇلۇمنى،
مېنى ھەرگىز ئازدۇرما.

مەدەت بەرگىن ئەي اللاھ،
ھېجرەتكە يول ئېلىشقا.
ئېمانىمدا چىڭ تۇرۇپ،
موئمىن بەندە بولىشقا.

ئۇقۇپ ئۇشبۇ شېئىرنى ،
يالغانمېكىن دەپ قالما.
توۋلاپ شۇنداق دىگم بار ،
ياغلىقىمغا چېقىلما.

http://bbs.alkin.cn/read.php?tid=2093


تېما تەستىقلىغۇچى : ئاشپەز
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-02, 16:47

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( لەييان )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-02 22:31 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( لەييان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

mastana
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 908
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 52
شۆھرىتى: 735 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3039 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 91 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 38(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاشپەزلەرمۇ ئاشپەز پۇسمىلىرىنى ئىلۋىتىپ يۈرسە بولامدۇ نىمە ؟
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-03 22:14 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( mastana ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » شېئىرىيەت گۈلزارى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/