oznur.cn abduheni
ئەنگەر
http://angar0995.blogbus.com

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 746
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 657
شۆھرىتى: 6945 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7620 دوللار
تۆھپە: 13 ھەسسە
ياخشى باھا: 808 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 393(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەمەت تەرسا



ھىكايە


   -ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم جامائەت،-كەنىت مۇدىرىنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا بەرگەن سالىمىدىن ئۆيلىرىگە ئالدىراپ مېڭىشقان جامائەت كەنت مۇدىرىنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى.كەنت مۇدىرى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
-جامائەتكە ئۇقتۇرۇپ قويىدىغان مۇنداق بىر ئىش بار. يېزىلىق پارتىكوم،ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۈشى بويىچە يېزىمىزدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئەپەندىلىرى شەنبە ،يەكشەنبە دەم ئېلىش كۈنىدە   كەنىتىمىزنىڭ پارنىك قۇرلۈشغا ياردەمگە كېلىدىكەن.بۈگۈن شەنبە شۇڭا پارنىكى بار بارلىق ئەزالار سائەت يەتتىگە ئۈلگۈرۈپ ئۆزۈڭلەرنىڭ پارنىكىغا بېرىڭلار،ئېسىڭلاردا بولسۇن، بۇ ئەپەندى دىگەنلەر ۋاقىتقا بەك رىئايە قىلىدۇ،ھەرگىز كېچىكىپ قالماڭلار.بىكارلىق ئەمگەك كۈچى،ئۇلارنىڭ بېشىدا تۇرۇپ ،قىلىپ بولالمىغان ئىشلىرىڭلارنى تەل –تۆكۈس تۈگىتىۋېلىڭلار. ئەگەر يەنە تۈگۈتەلمەي ئېتىتى-پېتىتى ،ئىشىم كۆپىتى دەپ يەنە سۆرەلمىلىك قىلساڭلار يۇقىرىدىن تىل ئاڭلايدىغان ئادەم يەنىلا مەن .ئەگەر مەن تىل ئاڭلاپ قالسام ھەممىڭلار مېنىڭ مىجەزىمنى ئوبدان بىلىسىلەرغۇ-ھە!يىغىن تامام.راس ،بولسا ئازراقتىن نان-پان،سۇ –پۇ ئېلىۋالاسىلەر.بۇ ئەپەندى دىگەنلەرگە ئازراق كۆڭۇل بىلدۈرۈپ قويساڭلار تەسىرلىنىپ ئۆرۈلۈپلا كېتىدىغان خەق ئۇ.ئىشىڭلارنى راۋرۇس قىلىپ بېرىدۇ.
كەنت مۇدىرىنىڭ گېپى تۈگۈشى بىلەن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىكارلىق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن ئانچە خۇش بولۇپ كەتمىگەندەك ئۆزلىرىچە نىمىلەرنىدۇ غۇدۇرۇشۇپ ئۆيلىرىگە مېڭىشتى.بولۇپمۇ ئەمەت تەرساغا بەكرەك خۇش ياقمىغانتى.ئەگەر پارنىككا چىقىدىغان ئىش بولۇپ قالسا ئۇنىڭ خوشنا يېزىدا بولىدىغان شەنبە بازىرىدا قىلىدىغان سودا ئىشى سۈغا چىلىشاتتى.ئۇ كېچىچە ئۇخلىماي دىگۈدەك يازىچە باققان ماللىرىنى  قانچىدىن ساتسا قانچىلىك پايدا قىلدىغانلىقى،ئاندىن قالغان پايدىنى قانداق قىلىش...قاتارلىق بىرقاتار پىلانلارنى ئاللىقاچان تۈزەپ بولغانىدى.
-نەدىن ئاررىغى كەلدى بۇ پارنىك دىگەن ،-ئەمەت تەرسانىڭ تەرسالىقى يەنە تۇتقىلى تۇردى،-يەنە مۇنۇ ئەپەندىلەرنى دەيمەن،شەنبە يەكشەنبە ئۆزلىرىنىڭ دەم ئېلىشى بولغاندىكىن ئۆيىدە ئارامىنى ئالماي نىمە باردۇ دەيمەن بۇ پارنىكتا،ئۆيلىرىدە قىلىدىغان ئىش-كۈشلىرى يوقمىكىنە ئۇ خەقنىڭ.ئىشى بولمىسا باللىرىنى ئويناتسا ياكى ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ ياتسا بولمامدىغاندۇ.ئەجەپ نەس باستا ،باشقا كەلگەننى كۆرەي زادى ،بازارنى قولدىن بەرسەم بولمايدۇ،ھازىر مال باھاسى تازا يۇقىرىلاۋاتقان چاغ بۇ.ھەر شەنبە يەكشەنبە كېلىۋاتىدىغۇ ئۇ "بىكالىق ئەمگەك كۈچلىرى".كىيىنكى ھەپتىدە قىلدۇرۋالامەن.
ئەمەت تەرسا بىر قارارغا كەلگەندىن  كېيىن ئۆيىگە قاراپ تېز مېڭىپ كەتتى.
-ھوي ئاپىسى ،بالىنى چاقىر -،ئەمەت تەرسا ئۆيىگە كىرە كىرمەيلا ئايالىنى ئالدىراتتى،-تېزراق چاي تەييار قىل.چېيىنى دەرھال ئىچسۇندە قويلارنى تىرەكتۇرغا باسسۇن ،شەنبە بازىرىغا بارىمىز.
-ئوغلىمىز چېيىنى ئىچىپ چىقىپ كەتكىلى خېلى بولدى.
-نەگە چىقىپ كەتتى؟
-بىلمىدىم .
-توۋۋا ماۋۇ خوتۇننىڭ دەۋەتقان گېپىنى ،ئەتتىگەندە سىرتقا ماڭسا نەگە ماڭدىڭ دەپ سورىمىدىڭما؟
-مەن قويلارغا يەم بېرىش ئۈچۈن ئېغىلغا كىرىپ كەتكەنتىم.چىقسام يوق تۇرىدۇ.تىرەكتۇرنىمۇ ئەپ چىقىپ كېتىپتۇ.
-نىمە،ئەستەغپۇرلا ،ئەستەغپۇرلا.نىمە قىلىۋەتسەم بولا ئۇ گۇينى.مەن نىمە كويدا ئۇ نىمە ئويدا يۈرۈيدىغاندۇ.خەپ سېنى خەپ سېنى،كىرەسەن ھېلى ،كۆرگۈلۈكىڭنى كۆرسەتمىسەم.-ئەمەت تەرسا يوق ئوغلىنى بىر ھازا تىللىۋەتكەندىن كېيىن چېيىنى ئىچىشكە باشلىدى.
ئەمەت تەرسا بىر ئىشىككە قارىسا بىر ئىگىزلەپ چىقىپ كېتىۋاتقان كۈنگە قاراپ تىت-تىت بولاتتى.بىراق ئوغلىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.ساقلاۋېرىشكە تاقىتى قالمىغان ئەمەت تەرسا ئوغلىنى ئىزلەپ تېپىش ئۈچۈن سىرتقا ماڭدى.مۇشۇ ئاچچىقىدا ئوغلىنى تېپىۋالسا بىر نىمە قىلىۋېتىدىغاندەكلا ئەلپازدا ئىدى.ھەم تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ بىرلا پەرزەنتلىك بولغىنىدىن ئۆزىنىمۇ مىڭنى تىللاپ كەتتى.
ئۇ ئوغلىنىڭ بېرىش ئېھتىمالى بار دەپ ئويلىغان بىر قانچە يەرگە بارغان بولسىمۇ ئوغلى ئۇ يەردىمۇ يوق بولۇپ چىقتى.-چوقۇم پارنىككا كەتتى بۇ ئەبگا،-ئەمەت تەرسا  قەدىمىنى تېزلىتىپ پارنىك مەيدانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
نەچچە ۋاقىتتىن بېرى باشقىلارنىڭ ئىسىدىن كۆتىرىلىپ كەتكەندەك جىمجىت تۇرىدىغان پارنىك مەيدانى بۈگۈن بۆلەكچىلا جانلىنىپ كەتكەن ئىدى.يول ياقىسىغا توختۇتۇپ قويۇلغان ماشىنا -موتوسىكىلىتلاردىنلا ئەمگەككە كەلگەن"بىكالىق ئەمگەك كۈچلىرى"نىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولاتتى.پارنىك مەيدانى بىلەكچىلا جانلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمەت تەرساغا بۇ قىزغىن كەيپىيات ئازراقمۇ تەسىر قىلمىدى.ئۇ ئۆز پارنىكىغا قاراپ قەدەملەرىنى تېزلەتتى.
ئۇ ئۆز پارنىكىكلىقىغا كەلگەندە 15 -20 دەك ئادەم ئۇنىڭ پارنىكىدائىشلەۋاتاتتى،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئېرىق تارتارتسا ،بەزىلىرى پارنىك ئىچىنى تۈزلەۋاتاتتى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،بۇ پارنىك سېلىنىڭكىمۇ؟-ئارىدىن ئوتتۇرا ياش،سالاپەتلىك كەلگەن بىرەيلەن ئالدىغا چىقىپ سالام بەردى.تۇرقىدىن باشلىقلىقى چىقىپ تۇراتتى.
-ھە.-ئەمەت تەرسا خۇش ياقمىغاندەك جاۋاپ بەردى.
-بىز ئادەتتە پارنىك ئىشلىرىنى ئانچە قىلىپ كەتمىگەچكە دىگەندەك ياخشى قىلىپ كېتەلمەيۋاتىمىز،بولمىغان يەرلىرى بولسا دەۋەرسىلە،بىز تۈزەپ قويايلى !
-ھە،-ئەمەت تەرسا ئادەملەر توپى ئىچىدىن ئوغلىنى ئىزلەۋاتاتتى.بۇ باشلىقنىڭ دىگەن گەپلىرى ئۇنىڭ قۇلغىقىغىمۇ ئانچە كىرىپ كەتمىدى.
ئەمەت تەرسا بىر چەتتە بىرنەچچەيلەن بىلەن بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي ئىشلەۋاتقان ئوغلىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ قېشىغا باردى-دە ،ئوغلىغا ۋارقىراشقا باشلىدى:
-ھۇ ئەبگا،مەن ئاخشام ساڭا نىمە دىگەن –ھە!قېنى دىگىنە زادى نىمە دىگەن؟
-دادا ،مەن...مەن...بۇ....
-نىمىگە دۇدۇقلايسەن ،قارىغىنە ،قايسى ۋاقىت بولدى .ئەتە شەنبە بازىرىغا ماللارنى ئەپ بارىمىز دىگىنىم ئېسىڭدىمۇ زادى؟
-ئېسىمدە دادا،بىراق...بۇ پارنىكنىڭ ئىشى...
-نىمە بىراق،ھۇ ئاخماق.نىمە پارنىك،نىمە ئىشكەن ئۇ.بۇ ئىشنى سەن قىلمىساڭمۇ قىلىدىغان ئادەم باركەنغۇ مانا.ئۆزۈڭنى نىمە چاغلاپ قالدىڭ ؟يا سەن پارنىكتا ئىشلەيدىغان ئەپەندىممىتىڭ ،يا كادىرمىتىڭ؟!بۇ سېنىڭ ئىشىڭمىتى؟!ماڭ ئويگە ،بازارغا بارىمىز،سودا قىلىمىز سودا.
ئەمەت تەرسا ئوغلىنى تارتىشتۇرۇپ ئېلىپ كەتتى،بايامتىن بېرى قىزىپ كەتكەن پارنىك ئىچى تىمتاسلىققا پاتتى،بايىقى سالاپەتلىك باشلىقنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ چىرايىدا بىرخىل ئېچىنىش ،ئەپسۇسلۇق ئەكىس ئەتمەكتە ئىدى.ئۇلارنىڭ نىمىگە ،كىمگە ئىچىنىۋاتقانلىقىنى،نىمىدىن ئەپسۇسلىنىۋاتقانلىقىنى بەلكىم ئۇلارنىڭ ئۆزىلا بىلىشى مۆمكىن.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-02 21:21 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەنگەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەنگەر
http://angar0995.blogbus.com

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 746
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 657
شۆھرىتى: 6945 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7620 دوللار
تۆھپە: 13 ھەسسە
ياخشى باھا: 808 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 393(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەقىل
بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىنىفىتنىڭ2011-10-02 22:19دە يوللىغان يازمىسى  :
راس گەپنى قىلسام ھىكايە ياخشى چىقىپتۇ م ھەقىقى يىزا تۇرمۇشى ئەكىس ئىتىپتۇ ، لىكىن چۇشىنەلمىدىم !!!

-نىمە بىراق،ھۇ ئاخماق.نىمە پارنىك،نىمە ئىشكەن ئۇ.بۇ ئىشنى سەن قىلمىساڭمۇ قىلىدىغان ئادەم باركەنغۇ مانا.ئۆزۈڭنى نىمە چاغلاپ قالدىڭ ؟يا سەن پارنىكتا ئىشلەيدىغان ئەپەندىممىتىڭ ،يا كادىرمىتىڭ؟!بۇ سېنىڭ ئىشىڭمىتى؟!ماڭ ئويگە ،بازارغا بارىمىز،سودا قىلىمىز سودا.

بۇ ھىكايىنىڭ يىشىمى مۇشۇ يەردە ،ئۆزىڭىزنى شۇ پارنىكتا ئىشلەۋاتقان مۇئەللىم ياكى كادىر دەپ ئويلىسىڭىز،نىمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشۈنەلەيسىزغۇ دەيمەن.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-02 22:44 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەنگەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەنگەر
http://angar0995.blogbus.com

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 746
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 657
شۆھرىتى: 6945 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7620 دوللار
تۆھپە: 13 ھەسسە
ياخشى باھا: 808 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 393(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

قۇياش ئېنىرگىيىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش،سۇ تىجەشچان جەمىيەت بەرپا قىلىش،پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئاساسى مەقسەت قىلىنغان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلكى قۇرلۇشى كۆپ قىسىم دېھقانلارغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى.ئەمما ئەنئەنىۋىي تېرىقچىلىققا كۈنۈپ قالغان .يېڭى،يۇقىرى ئۈنۈملۈك دېھقانچىلىك پەن -تېخنىكىسىنى ئېتىزلىقىغا ئېلىپ كىرەلمىگەن ئاز ساندىكى  دېھقانلار ۋە كەنت كادىرلىرىدا ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قۇرلۇشىغا گۇمانىي نەزەردە قارايدىغان ،پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتىدىغان ئەھۋاللار ساقلانماقتا.شۇنىڭ بىلەن ھەر ساھە،ھەر كەسىپتىكى بارلىق ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش،بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرى بۇنىڭ كاساپىتىگە كېتىپ بارماقتا.ھۆكۈمەت ئەسلىھەلىك  يېزا ئىگىلىكىگە نۇرغۇن مەبلەغ،ئادەم كۇچى ئاجراتتى .شۇنداق بولسىمۇ يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ئىشلار،گەپ سۆزلەر داۋاملىق بولۇپ تۇرماقتا.بۇ توغرىسىدىكى قىززىق پاراڭلار خېلى كۆپ .بولغۇلۇق يەنىلا ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بولىۋاتىدۇ.ياردەمگە كەلگەنلەر پارنىكنىڭ ئىگىسىنى تاپالماي تۇرۇپ كەتكەن.ئۇنىڭ ئۇستىگە ئەمگەككە تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ قارا-قۇيۇق بويرۇق چۈشۈرۈشنى بىلىپ،ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرماسلىقى ،ئەتراپلىق پىلان تۈزۈمەسلىكى سەۋەبىدىنمۇ خېلى ۋاققىچە نىمە قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەيمۇ نۇرغۇن ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولۇپ  تۇرىدۇ.ھەتتا بەزىدە ئەمگەك ئورنىمىزنى تاپالماي چۈش قىلغان ۋاقلىرىمىزمۇ بار.«پارنىكتا ئىشلەيدىغانغا سەن كادىرمىتىڭ»دىگەن گەپ ھەقىقىي دىيىلگەن گەپ.ئىگىسىمۇ يوق پارنىكلاردا ئىشلەپ كېتىمىز،ئەمگەككە بىز تەييار،باشقا ماددىي نەرسىلەرنى مەسىلەن كۆكتان كۆچىتى،ئوغۇت ،سۇلياۋ يۇپۇق ...دىگەنلەرنى ھۆكۈمەت تەمىنلەيدۇ.بىز پەقەت چىققان مەھسۇلاتلارنى سېغىش،سېتىشقىلا قاتناشمايمىز.ياخشى بولغىنى مەكتەپلەردە ئوقۇش توختىتىپ باقمىدۇق.چۇنكى بىز شەنبە يەكشەنبە دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ «خالىس»ياردەم قىلىمىز ئەمەسمۇ!دۆلەت بايرىمىلىق 7 كۈن دەم ئېلىشتىمۇ ئىككى كۈن دەم ئېلىپ 5 كۈن ئاشۇ«خالىس»پارنىك ئەمگىكىگە قاتنىشىمىز.راس ھازىر شەھەر باشلىقلىرىدىن تارتىپ ئىدارە ئورگانلارنىڭ مەسئوللىرىمۇ پارنىك قۇرلۇشى ئۈچۈن پارنىك مەيدانىدا مەخسۇس قۇماندانلىق شىتاۋى قۇرۇپ شۇ يەردە يېتىپ قوپىدۇ تېخى.لېكىن ئۇلارنىڭ ياتقان ۋاقتىنىلا كۆرۈمىز.ئۇخلاپ ئۇيقۇسى قانغاندا قانداق ئىشلەۋاتقانلىقىمىزنى تەكشۈرۈپ چىقىپ قويىدۇ.
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-03 16:57 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەنگەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ھېكمەتلەر ، دۇردانىلەر ،تەپەككۇر تامچىلىرى،
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/