گۆشسىز قورۇلغان مور
ئاساسىي ماتاريالى : قارا مور
دورا - دەرمەكلەر : زەنجىۋىل ، سامساق ، غولپىياز، تۇز ، ېتىتقۇ ، كراخمال ، غولپىياز مېيى ، ئاقمۇچ .
تەييارلاش ئۇسۇلى : مورنى ئىشتىن نەچچە سائەت بۇرۇن سوغ سۇغا چىلاپ يۇمشىتىسىز ، ئۇنى يۇيۇپ ساپىقىنى ئېلىپ پارچىلاپ قويىسىز . ئۇنى قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ بىر چۆكۈرۈپ سۈزىۋالىسىز.
قازانغا ئاز ياغ قۇيۇپ، زەنجىۋىل ، سامساق ، غولپىياز سېلىپ قورۇپ ، كۆك- قىزىلمۇچ پارچىلىرىنى سېلىپ قورۇپ ، مورنى سېلىپ ، تۇز ، تېتىتقۇ ، ئاقمۇچ تەمى تەڭشەلگەندىن كېين، ھۆلكراخمال سېلىپ سۈيىنى قويۇلدۇرۇپ . غولپىياز مېيىنى تېمىتىپ تەخسىگە ئالىسىز .
ئالاھىدىلىكى : رەڭلەر ماسلاشقان ، مورنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى بولۇپ قاندىڭى خۇلېتسىرىننى ئىرىتىپ ، قېنىڭىزنى سۇيۇلدۇرۇپ ، 50 ياشلىق ئادەمنى 18 ياشتەك شوخلاشتۇرىۋېتىدۇ .
[ بۇ يازماaxtuziتەرپىدىن2011-10-08 15:00دە قايتا تەھ ]