oznur.cn abduheni
تۇز
مۇنبەر نازارەتچىسى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 3
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 655
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 346(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ زارى.

مەن قەشقەر شەھەر بەشكىرەم يېزا سىدىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى  ،   مەن دەرىس مۇنبىردىن ئايرىلماي ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىلى 28 يىل بولدى. 23 يىللىق پارتىيە سىتاجىغا ، 28 يىللىق خىزمەت سىتاجىغا ئىگە  ئوقۇتقۇچى. ئوقۇش تارىخىم ئالى تىخنىكۇم. مەن 28 يىل خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا كوپ قىتىم ئىلغار ئوقۇتقۇچى،ئىلغار سىنىپ مۇدىرى، ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالىنىپ يېزا ۋە مەكتەپ دەرجىلىك مۇكاپاتلانغان .مەكتەپ ئىلمى مۇدۇرلۇق  خىزمەت ۋەزىپىسىنىمۇ ئۈستۈمگە ئىلىپ ئىشلىگەن. خىزمەت ۋەزىپەمنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىپ كىلىۋاتىمەن. مەن 1983-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان ،«باشلانغۇچ 1-دەرجە » ئۇنۋاىنىنى 1999-يىلى  ئالغان.2010-يىللىق باشلانغۇچ ئالى ئۇنۋان تەخسىماتىدا مىنىڭ ھەممە شەرتىم تولۇق چۈشىدىغان تۇرۇغلۇق  ماڭا سان كۆرسەتكۈچى بىرىلمىدى، بەلكىم مەن مەركىزى مەكتەپ مۇدىرىنى ” بولاق”  بىرىپ يوقلىيالمىغانلغىمدىن بولسا كىرەك،  بولاق بىرەيمۇ  دىگەن پارتىيەلىك غۇرۇرۇم بۇنىڭغا يول قويمىدى .مەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ كىرگەن ئىدىم. ئۇلار ئادەم تەشكىللەپ تەكشۈرۈشكە چىققان بولسىمۇ مەركىزى مەكتەپنىڭ قىلغىنىنى توغرا قىلىپ كىرىپ كەتتى.

2011-يىللىق ئىنۋان تەخسىماتىدا يەنىلا شەرىتلىرىم تولۇق ھازىرلانغان بولسىمۇ يەنىلا ئۇنۋان كۆرسەتكۇچىگە ئىرشەلمىدىم. 2009-يىلى كىسەل بولۇپ قېلىپ داۋالانغان ئىدىم . شۇ يىلقى ئۇنۋان باھالاشتا ئۆلچەم بويىچە نومۇر تارتىلىپ ئۇنۋان  كۆرسەتكۈچ  سانى بىرىلمىدى.لىكىم 2010-2011-يىللىرىمۇ ئوخشاشلا نومۇر تارتىلىپ يەنىلا سان كۆرسەتكۈچى بىرىلمىدى .مەن ئويلايمەن ،قاتناش  قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىنغان قىلمىش كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا،دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مال مۈلكىگە ئىغىر زىيانلانى ئىلىپ كىلشى مۇمكىن، قاتناش      قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان شوپۇرلادىن شۇ يىلى بىر قىتىملا نۇمۇر تۇتۇلۇپ  ياندۇرقى يىلى يەنىلا تولۇق نومۇر بىرلىدۇ.مىنىڭ دوختۇرخاندا داۋالانغانلىغىم شوپۇرلانىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئاشۇ قىلمىشىدىنمۇ ئىغىر بولامدۇ؟

دەسلاپكى ئىنۋان تەخسىماتىدا ئامانلىقتا مەسىلە سادىر قىلغان ئىككى مەكتەپتىن 2 كۆرسەتكۇچ قايتۇرۋېلىنىپ مەندىنمۇ نومۇرى تۆۋەن ، خىزمەت سىتاجى 10~11 يىل بولغانلارغا بىرىلدى، بۇ ناھەقچىلىككە مەن تاقەت قىلالمىدىم ،مەن بۇ ئەھۋالنى ئىدارىغا ئىنكاس قىلغان. شۇ كۇنىلا تەخسىماتنى ئۆزگەرتىپ مەسىلە سادىر قىلغان مەكتەپلەرگە يەنىلا  سان بىرلىپ مىنى يەنىلا قالدۇرۇپ قويدى ، بۇ قىلمىشلار ماڭىلا ئىنۋان بەرمەسلىكمۇ قانداق؟،بۇ قانداق خىزمەت ئىستىلى ؟،قانداق خىزمەت پوزىتسىيەسى ؟ بۇ مەسىللەرنى مەن ھەرقانچە ئويلاپمۇ كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم

. يېزىمىزغا چۇشۇرۇلگەن سان كۆرسەتكۈچى 9 بولۇپ دەسلەپكى سان تەخسىم قىلغاندا مىنىڭ ئىرىشكەن نومۇرۇم ئاخىردىكى بىرقانچە ئوقۇتقۇچىدىن يۇقىرى بولسىمۇ ماڭا بىرىلمىگەن.يېزىمىزدا 17 باشلانغۇچ مەكتەپ بار بولۇپ مەركىزى باشلانغۇچقىلا 5 كۆرساتكۈچ بىرىلگەن . بۇ ئەھۋالنى مەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىگە ئىنكاس قىلغان . مائارىپ ئىدارىسى تۆۋەنگە تۇزتۇشنى بۇيرىغان ۋە ماڭا چۇشەنچە بىرىشنى ھاۋالە قىلغان . مەركىزى باشلانغۈچتىكى رەھبەرلەر سان تەخسىماتىنى قايتا قىلغان بولسمۇ مەن يەنىلا سان كۆرسەتكۈچىگە ئىرشەلمىدىم، ئۇلار ماڭا مۇنداق چۈشەنچە بەردى؛  تۈرلۈك باھالاشتا ئارقىدا قالغان ئىككى مەكتەپتىن ئىككى ساننى قايتۇرۋالغان، بۈ ئىككى ساننى نومۇرى سىزنىڭكىدىن تۆۋەن بولسىمۇ ياخشى ئىشلىدى دەپ قارىغان ئىككى ئوقۇتقۇچىغا بەرگەن ،ئەمدى ئىدارە تۈزەت دىگەچكە تۈزەتتۇق دەپ جاۋاپ بەردى.مەن مۇنداق ئويلۇدۇم :  مەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپ يېزا بويىچە ئىلغار مەكتەپ بولۇپ باھالانغان ، مەكتىۋمىزنىڭ ئىلغار بولشىدا مەنمۇ ئاز بولمىغان خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. دەسلەپكى سان تەخسىماتىدا ئارقىدا قالغان مەكتەپتىن قايتۇرۋىلىنغان سان ئىلغار مەكتەپكە تەخسىم قىلنىشى كىرەكمۇ يوق؟،مەن بۇ ئەھۋالنى ئىدارىغا ئىنكاس قىلمىغان بولسام بۇ توغرا بولمىغان ئىنۋان تەخسىماتى مۇشۇ بويىچە كىتىۋىرەمتى يوق؟مەن بۇ ئەھۋالنى ئىدارىغا ئىنكاس قىلغاندىن كىيىن؛ « سەن ئىدارىغا ئەرىز قىلغاندىن كىيىن ساڭا بەرگۈچە ئەسلىدىكى ئورۇنلىرىغا قايتۇرۇپ بەرسەك قانداق قىلاتتىڭ » دىگەندەك سان تەخسىم قىلشى ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟  دەسلاپتە نىمە ئۈچۈن ئارقىدا قالغان مەكتەپتىن  قايتۇرۋىلىندى ؟ كىيىن يەنە نىمە ئۈچۈن ئارقىدا قالغان مەكتەپكە قايتۇرۇپ بىرىلدى؟  مەن ئۆتكەن يىلمۇ مۇشۇنداق ناھەقچىلىككە ئۇچۇراپ ئىدارىغا كىرگەن بۇ شۇنىڭدىن ئۆچ ئىلىشمۇ قانداق ؟

خىزمەت سىتاجىم ئەسلى  333 ئاي بولىشى كىرەككەن بۇ 320 ئاي ،ئىنۋان سىتاجىم ئەسلى 141 ئاي بولىشى كىرەككەن بۇ 120 ئاي دەپ ھىساپلانغان.

ئۈچ يىل جەريانىدىكى كىسەل ۋە سورغان ۋاختىم قوشۇلۇپ جەمى 58 كۈن ئەتراپىدا بولىدىكەن لىكىن بۇ 80 كۈن دەپ ھىساپلىنىپ نومۇر تارتىلغان .

ئۆتكەن يىلى، يەنى 2010 –يىلىمۇ ئۇنۋان تەخسىماتىدا مۇشۇنداق ناھەقچىلىككە ئۇچراپ، ئىدارىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىش ئۇچۈن مەن «ئازراق جىددى ئىشىم چىقىپ قالدى» دەپ تىلپۇندا 2 سائەتلىك  سوراپ  ئىدارىغا كىرگەن ئىدىم،مۇشۇ بىر ئىش ئۈچۈنلا 10.5 نومۇر تارتىلغان يەنى يالغان گەپ قىلىپ سورغان، ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلغان دەپ 2 نومۇر ،بايراق چىقىرىشقا كىچىككەن دەپ 1 نومۇر،  1.5 سائەت دەرىس تاشلىغان دەپ 7.5 نومۇر تارتىلغان.باشقا تۈرلەرگىمۇ ئوخشاش بولمىغان باھانە سەۋەپلەنى كۆرسىتىپ ئازدۇر كۆپتۇر نومۇر تارتىلغان.

بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئېيىتقاندا دەرىس تاشلاشتىنمۇ ئېغىر جىنايەت بولمىسا كىرەك ، دەرىس تاشلىغان ئوقۇتقۇچىنى ئىنۋان بىرىش كاتۇگۇرىيەسىگە نىمە دەپ كىرگۈزىدۇ ؟15 مىنىنۇتتىن ئارتۇق دەرىسكە كىچىكسە بىر سائەت ھىساپلىنىدۇ 1.5 سائەت دەرىس تاشلىدى دىگەن بۇ قانداق گەپتۇ .دەرىس تاشلىغان ئوقۇتقۇچى ئومۇمى ئۇختۇرۇش ئارقىلىق تەنقىتلىنىدۇ ،جىرىمانە ئېلنىدۇ . ئومۇمى ئۇختۇرشىمۇ يوق جىرىمانىسىمۇ يوق نومۇر تارتىلدىغان بۇ قانداق دەرىس تاشلاشكى بۇنىمۇ مەن ھىچ بىلەلمىدىم .بۇ ئەھۋاللارنى شەھەرلىك مائارىپ ئادارىسىگە قايتا ئىنكاس قالدىم ،ئىدارىدىن تەكشۈرۈش گورپىسى چىقىپ تەكشۈردى. مەن قويغان بۇ سۇئاللارغا شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدە ئىسپات كورسىتىپ ،قايىل قىلغىدەك جاۋاپ بىرىشكە ئامالسىز قالدى بولغاي ،بىز بۇ ئاھۋاللارنى ئىدارە رەھبەرلىرگە ئىنكاس قىلىپ شۇلارنىڭ يول يۇرقىغا قاراپ سىللىگە جاۋاپ بىرەيلى دەپ كىرىپ كەتتى.مىنىڭمۇ خەۋىرىم يوق 7 كۈندىن كىيىن چىقىپ قايتا تەكشۇرۇپتىمىش ،ئۇلارنىڭ قىلغىنى توغرا بوپتىمىش. بۇ تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىنى ماڭا ھازىرغىچە ھىچكىم دىمىدى .ئاڭلىسام مەن بۇرۇن ئىشلىگەن مەكتەپلەرگە كىرىپ كوچىلاپ سەۋەنلىك ئىزدەپتۇ .نۇمۇر بىردىغان يەردە بۇرۇن ئىشلىگەن مەكتەپتە ئىرىشكەن نەتىجىلەرنى ئىزدىمەيدۇ .نومۇر تارتىدىغان تۈرلەرنى ھەجەپ ئىزدەيدىكەن .دىمەك مائارىپ ئىدارىسى 7 كۈن ئىچىدە ئۆزەڭنىڭ قىلغىنىنى توغرا قىلغىدەك ئىسپات تولۇقلا دەپ ۋاقىت بىرىپ، شارائىت يارتىپ بىرىپ، ئاندىن تاكشۈرۈشكە بۇيرىدىمۇ بۇنىمۇ مەن بىلمىدىم. ئوقۇتقۇچىلانىڭ دىيشىچە، مەركىزى مەكتەپ مۇدىرى .xx  شۇجىلا بولدىكەن مىنى ھىچنىمە قىلالمايدۇ دىگىدەكمىش.

شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومۇتىتى،ۋىلاياتلىك مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسى قاتارلىقلارغىمۇ، بۇ ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلغان بولساممۇ ھازىرغىچە مىنىڭ ئىنكاسلىرىم جاۋاپسىش قالدى.

ۋىلايەتلىك ۋالى مەھكىمىسى ۋە ۋىلايەتلىك پارتىكوم ئەرزىيەت ئىشخانىللىرگە بېرىپ ئەھۋالىمنى دىسەم، بۇ ئىشلارنى بىز ھەل قىلمايمىز ،مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى ئىزدەڭ دەپ يولغا سىلىپ قويدى.‹قاغا قاغىنىڭ كۆزنى چوقۇمايدۇ› دىگەن راسكەن.

2011-يىلى9-ئاينىڭ 15-كۈنى مەركزى مەكتەپ، يىزىمىزنىڭ ئەڭ يىراق مەكتىۋى بولغان ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋىگە يۆتكىگەنلىك ئۇختۇرشىنى كىرگۈزۈپتۇ .

مىنىڭ ئۆيۈم قەشقەر شەھرىدە، ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋى بىلەن بولغان ئارلىغى ㎞ 30 ئەتراپىدا كىلدۇ .مەن بىر ئايال كىشى تۇرسام ،يىشىممۇ 50  كە يىقىنلىشىپ قالغان، سالامەتلىك ئەھۋالىممۇ دىگەندەك ياخشى بولمىسا .بۇ ئورۇننىڭ  دايىملىق قاتنشمۇ بولمىسا ،مەن قانداقمۇ بۇ مەكتەپكە بىرىپ- كىلىپ ئىشلىيەلەمە؟

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر- ئىككى ئاي ئىچىدە ئاپام ۋە قىينى ئاپام ئىلگىرى كىيىن بولۇپ تۈگەپ كەتتى. 3 يىلنىڭ ئالدىدا سىڭلىم يولدىشى بىلەن بىراقلا قاتناش ھادىسىدە تۈگەپ كىتىپ يەسلى يىشىغىمۇ توشمىغان ئىككى قىزى يىتىم قالغان ئىدى، بۇ بالىلارنىڭ ھالىدىنمۇ مەن خەۋەر ئىلىۋاتاتتىم . ئەمدى بۇ بالىلارنىڭ ھالىدىن قانداقمۇ خەۋەر ئالامەن.

‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋى ئەتراپىدا ئۆيى بار 33 يىل خىزمەت قىلغان بىر خانىمنى ئۆيدىن ㎞ 15 ئەتىراپىدا يىراق بولغان‹ يەقەللە› مەكتەپكە يۆتكەپتۇ ،ئۇ خانىمغىمۇ قولايلىق بولدىغان ماڭىمۇ قولايلىق بولىدىغان قىلىپ مىنىلا‹ يەقەللە› مەكتەپكە يۆتكىسە بولمامدۇ؟.ئاڭلىسام ئۇ خانىممۇ ئىنۋان ئىشى توغرۇلۇق مۇدىر بىلەن ئازراق تەگىشىپ قاپتىكەنمىش.بۇ قىلمىشتىن، مىنى ئەرىز قىلدى دەپ ،ئۇ خانىمنى تەگەشتى دەپ، ئىككىمىزدىن ئالغان ئۆچ ئىكەنلىگىنى بىر قاراپلا بىلۋالغىلى بولىدۇ ئەلۋەتتە.سورسام بۇ خىزمەت ئىھتىياجىمىش .مەندەك بىر قېرىغا چۈشكەن ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ قانداق خىزمىتى باركىن مەن ھىچ بىلمىدىم. ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋىدىكى ھىلىقى خانىم .ئۆز مەكتىۋىدە ئىشلەۋەسە ئۇ خانىمنىڭ ئورنىغا مەن بارسام بولمامدۇ دىسەم ،ئەر خوتۇنلا بىر مەكتەپتە ئىشلىسە بولمايدۇ دەيدۇ. بۇ قەستەن خىزمەتتە قولايسىزلىق پەيدا قىلىشتىن باشقا نەرسە بولمىسا كىرەك.پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىردە بۇنداق تۈرلەنىڭ بارلىغىنى مەن ھىچ ئاڭلىماپتىكەنمەن.

مەن مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرنى ئىزدەپ يەنە ئىدارىگە كىرىپ ئىدارە باشلىغىغا بۇ ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلدىم .ئىدارە باشلىغى مۇدىرنى چاقىرتىپ كىرىپ ئەھۋال ئىگەللىدى، مۇدىر يىزلىق ھۆكۈماتنىڭ قىلغان ئىشى دەپ جاۋاپ بىرىپ چىقىپ كەتتى ،ئىدارە باشلىغى ،يىزلىق ھۆكۈمەت بىلەن بىز تەڭ دەرجىلىك ئورۇن بۇيرۇق چۈشۈرەلمەيمىز، سىز بىر يىل ئىشلەپ تۇرۇڭ ئاندىن يۆتكەپ قويايلى دىدى.

مەن يىزلىق ھۆكۈمەتكە كىرىپ مائارىپقا مەسئۇل يىزا باشلىغىنى ئىزدەپ تېپىپ ئەھۋالىمنى دىدىم .يىزا باشلىغى بۇ ئىشنى مەن ئۇقمايدىكەنمەن يوتكەش تىزىملىگى كىرگەندە مەن قاراپ باقاي .سەن ھازىر ئىشلەپتۇر دىدى.

مەن مۇدىرنى ئىزدەپ مەركىزى يەسلىدىن تىپىپ، يىزلىق ھۆكۈمەتكە تېخى تىزىملىك كىرمەپتۇ مۇمكىن بولسا مەن ئۆز مەكتىۋىمدە ئىشلەپ قالسام .بولمىغاندا ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋىدىكى ھىلىقى خانىم بىلەن مىنى ئالماشتۇرۇپ قويغان بولسىلا دىدىم .مۇدىر ۋاقىراپ جاقىراپ تۇرۇپ كىمنى قەيەرگە يۆتكەش ئۆزەمنىڭ ئىشى مەندە شۇنداق ھوقۇق بار ،كىمنى قەيەرگە يۆتكۈشۈمنى سەن بەلگىلەپ بىرەلمەيسەن دەيدۇ.بۇ گەپنى ئىدارە باشلىغىنىڭ قىشىدا نىمىشقا دىمەيسىز ؟ ئۆتكەندە بىر يىغىندا مىنى چوشقا دەپ تىللاپسىز ؟ مەندىن قاچانغىچە ئۆچ ئالماقچى سىز دىدىم. مۇدىر :چوشقا بولغاندىكىن چوشقا دەيمەن دەيدۇ .مەن ئۆزەمنى قەتئې تۇتىۋالالمىدىم .چىدىمىدىم ،بولالماي. مەن چوشقا بولسام سەنمۇ چوشقا دىدىم ،مۇدىر قوللىرنى ماڭا شىلتاپ تۇرۇپ دىۋەيلاپ ئالدىمغا يۈگۈرەپ ئاناڭنى.......... دەپ تىللىدى. ئانام تۈگەپ كەتكىلى يىگىرمە نەچچە كۈن بولغاچقا ماڭا بۇ گەپ بەك ئىغىر كىلىپ مەنمۇ قول شىلتاپ سالدىم . قولۇم بىلەن مۇدىرنىڭ قولى تىگىشىپ كەتتى ، شۇ ئارلىقتا يولدۇشۇم ئاجىرتىۋەتتى .لىكىن مۇدىر يېزلىق ساقچىخانىغا تىلپۇن قىلىپ بىر خانىم مىنى ئۇرۇپ كەتتى، تىز كىرىڭلا دىدى.ساقچىلا كىرىپ مىنى يولدۇشۇمنى ئىلىپ ساقچىخانىغا ئەكەلدى.يولدۇشۇممۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە  ئوقۇتقۇچى ئىدى، ئۇنىڭ دەرسى باركەن ئۇ كەتتى .شۇ ئارلىقتا مۇدىر 20 گە يىقىن ئوقۇتقۇچىنى باشلاپ كىرىپ ئۆزنى ئۇرغانلىغىم توغرىسىدا گۇۋاچىلىقتىن ئۆتكۈزدى .مەن مۇدىر بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا  مۇدىر ،مەن،يولدۇشۇم،مەركىزى مەكتەپ شۇجىسى بولۇپ 4 لا ئادەم بار ئىدۇق بۇ گۇۋاچىلارنىڭ نەدىن كەلگەنلىگىنىمۇ مەن بىلمىدىم.ساقچىخاندىكى يولداشلار ئەھۋالنى ئىگەلەپ كۆرگەندىن كىيىن  بۇ كىچىكلا بىر ئىشكەن مەكتەپنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزىمى بويىچە ئۆزەڭلا بىر تەرەپ قىلۋىلىڭلا دىسە، مۇدىر قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ بىرىڭلا دەپ تۇرۋالدى.

بىر چوپ -چوڭ ئەركىشى تۇرۇپ ئايال كىشى ئۇردى دەپ ئەرىز قىلىشتىن نومۇس قىلمىغانمىدۇ بۇ مۇدۇر .

ئائىلىدە ئاتا- ئانا پەرزەنىتلىرنى ،مەكتەپلەردە مۇدىرلار ئوقۇتقۇچىلارنى قوغىدايدىغان .لىكىن ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنى جازالاپ سولتىۋەتسەم بولاتتى دەيدىغان بۇ قانداق مۇدىردۇ بۇنى مەن ھىچ بىلمىدىم.

مانا مەن ھازىر ساخچىخانىنىڭ  8 كۈنلۈك توختۇتۇش قەغىزىنى قولۇمغا ئالدىم ، توختۇتۇش ئورنىغا مىڭىش ئالدىدا بۇ دەرىتلىرىمنى تۆككۈم كەلدى .

مىنىڭ دەرىتلىرىمنى ئاڭلايدىغان ئادەممۇ چىقارمۇ ؟مىنىڭ ھالىمغا يىتىدىغان رەھبەرمۇ چىقارمۇ؟

مەن كەتتىم. بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر  .  8 كۈنلۈك تۇرمىدىن قايتىپ چىققۇچە خوش

                     2011-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى.

مەنبە:باغداش تورى

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-30 17:48 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( تۇز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

لەييان
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 4088
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 198
شۆھرىتى: 2010 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2010 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 238 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 71(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ قىسمەتنى ئوقۇپ راستىنلا بەك ئاچچىغىم كەلدى،بۇ جەميەتتە راسلا ئوقۇتقۇچى بولماق تەسكەن.
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-30 18:17 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( لەييان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

نائىلە

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3090
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 598
شۆھرىتى: 6290 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7161 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 736 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-30 19:33 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( نائىلە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

abdul
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 720
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 232
شۆھرىتى: 2375 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2530 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 260 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 95(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ماڭا ئوخشاش 3-ئەۋلات ئوقۇتقۇچى سىلىدەكلەرنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىدۇ، مەن يەنە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى مېنىڭ نۇرغۇن غورۇرلۇق، ئىنساپلىق، ئېتىقاتلىق، مىللەتنى، خەلقنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان ۋىجدان ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا ئىشىنىمەن.
مېنىڭ ئاناممۇ سىلىگە ئوخشاش نۇرغۇن جاپالارنى تارتىۋاتىدۇ، ئۆمرۈمدە بىر ئىش ھەرگىز ئېسىمدىن چىقمايدۇ، 200--يىلى يازدا موقۇملۇق باھانىسى بىلەن ئاناملار ئىشلەۋاتقان باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپتە گاڭدا تۇردى، بىراق ئۇلارغا گاڭ بىلەن قوشۇپ ئەسلى قۇرۇلۇش شىركەتلىرى بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك بولغان، بىراق تاشلىنىپ قالغان خىشلارنى توشۇش ۋەزىپىسى چۈشۈپ بىر كۈنى كېچىچە كېسەك توشۇپتۇ، توختىماي ئىشلىگەن ۋاقتى 20سائەتتىن ئاشقان بولۇپ 2008-يىلى يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىدىغان ۋاقىتتىن باشلاپ مەكتەپكە چىقىپ خىزمەتكە چىقالمىدى، مانا ئەمدى كېسەللىك پېنسىيىسىنى ئىلتىماس قىلىۋاتقىلى 3يىل بولۇپ قالدى، تېخىچە بىر سادا يوق، شۇ ناھايىتى مۇئاشىدىن تۇتىۋاتىدۇ، ئانامنى بولسا توختىماي داۋالىتىۋاتىمىز، كېسەللىكىدە ياخشىلىنىش يوق دىيەرلىك. ئانامنىڭ خىزمەت سىتاجى 30يىلدىن ئاشتى، قانداق قىلىمىز، بۇ ۋەتەندە جىنايى ئىشلار قانۇنىدىن باشقىسىنى يۈرگۈزۈپ نازارەت قىلىدىغانلارنىڭ تايىنى يوق تۇرسا...
لەۋلىرىنى چىشلەپ تۇرسىلا، ئاللاھ سىلىدىن ئامانەتنى ئېلىپ كېتىپ قالسىمۇ سىلى تەربىيىلىگەن ئوقۇغۇچىلاردىن تۇپراقلىرىنى يوقلايدىغانلار چوقۇم چىقىدۇ..........
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-01 14:02 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( abdul ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

خوشامەت
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3224
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1215
شۆھرىتى: 12420 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 12630 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 1362 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 337(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

..............................................
[ بۇ يازماخوشامەتتەرپىدىن2011-10-03 18:04دە قايتا تە ]
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-01 17:02 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( خوشامەت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئىنتىزار0998
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 3876
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 154
شۆھرىتى: 1560 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1620 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 169 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

سۇ بىشىدىن لاي تۇرسا ........ ئۇلارنى ئەرىز قىلسىڭىز ، خۇددى بالىسىنى دادىسىغا چاققاندەكلا بىر ئىش . بۇنداق كىشىلىرىمىز ... پۇقنىڭ قۇرتىدەك پۈتۈن ساھەدە بار .
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-02 09:11 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئىنتىزار0998 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 69
يازما سانى : 1829
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1285(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھەقىقىەت ئىگىلەر سۇنماس ،قانۇن ئادىل ،پەقەت بۇنداق مەسلىگە كوڭۇل بۇلدىغان ساپ دىيانەتلىك ،كادىرنىڭ كەمچىللىكىدە
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-02 14:46 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

archa
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 435
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 796
شۆھرىتى: 8485 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9575 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 874 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 198(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

سۇنماس ھەقىقەتنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن ياڭسانجىدەك قاتلاممۇ قاتلام يۇقۇرىغا ئەرز قىلسا ئاندىن نەتىجە چىقارمىكىن...... بولمىسا؛

«ئىشلىدىم جان كۆيدۈرۈپ خىزمەتنى مەن» دەپ جۆيلىمەڭ،
يەتمىسە شوجاڭغا نەپ، بۇ بىر قۇرۇق گەپ، جۆيلىمەڭ،
تاغنى تالقان قىلسىڭىزمۇ سىزگە يوق نەپ، جۆيلىمەڭ،
جۆيلىمەيمەن مەنمۇ ئەمدى بولدىلا«خەپ!» جۆيلىمەڭ،
ئولتۇرۇپ ئىشخانىدا غەيۋەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.

دېگەندەك ئىش بولىدۇ.
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-02 15:45 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( archa ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

جالالىدىن

دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 49
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 181
شۆھرىتى: 2145 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2428 دوللار
تۆھپە: 103 ھەسسە
ياخشى باھا: 223 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھەي  كىم ياردەم  قىلا  بۇ مۇئەللىمگە ؟
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-03 17:07 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( جالالىدىن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۈلقەنىت
كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ كۈڭۈل ھەرجايغا باشلايدۇ ..

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 737
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 2292
شۆھرىتى: 24785 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 36150 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2544 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 873(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

توۋۋھا
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-03 20:20 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۈلقەنىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئەڭ يېڭى خەۋەر-ئۇچۇرلار
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا