لۇغىتىمدە يوق
مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا كايىپ:
-ساۋاقداشلار ،چوقۇم نەتىجە قازىنىشىڭلار كېرەك،مېنىڭ لۇغىتىمدە«مەغلۇپ بولۇش»دېگەن سۆز يوق،-دېيىشىگە،بىر ئوقۇغۇچى:
-مۇئەللىم،مېنىڭ لۇغىتىمنى ئىشلىتىپ تۇرۇڭ،-دەپتۇ.
تونۇپ قېلىش
دوختۇر ئوپراتسىيەگە تەييارلىق قىلىپ بىمارنىڭ يېنىغا كېلىشىگە،بىمار ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كېتىپتۇ.باشقا دوختۇرلار:
-نېمىشقا قاچىسىز؟-دەپ سورىغانىكەن،ئۇ:
-بۇ دوختۇرنى ئالماشتۇرۇۋېتىڭلار،ئۇنىڭ ساختا دىپلومىنى مەن ياساپ بەرگەن،-دەپتۇ.
پو ئېتىش
بىرىنجى چاشقان:چاشقان دورىسى ماڭا ھازىر تەسىر قىلماسلا بولدى،ئۇنى ھەر كۇنى ساغلاملىق دورىسى ئورنىدا يەيمەن.بىر كۈن يىمىسەم خۇمارىم تۇتۇپ تىتىرەپ كېتىمەن.
ئىككىنجى چاشقان:ئۇ قانچىلىك ئىشتى؟ھەر كۇنى تاختىمۈشۈك بىلەن بەدەن چېنىقتۇرىمەن،بىر كۇن ئۇنىڭغا قىسىلمىسام بەدىنىم قىچىشىپ چىدىيالمايمەن.
بۇ چاغدا يولنىڭ قارشى تەرىپىدە بىر بوغاز مۈشۈك بىلەن قولتۇقلىشىپ كېتىۋاتقان بىر ئەركەك چاشقان ئۇلارغا قولىنى پۇلاڭلاتقىنىچە سالام قىپتۇ.