1.ئۇئاچلىقتىن ئۆلگەن
كەنىت باشلىقى:كەنتىمىزنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل،ھاۋاسى ساپ،شۇڭا،يېقىنقى يىللاردىن بېرى كېسەل بولغان ياكى ئۆلگەنلەر يوق.
ساياھەتچى:ئۇنداق ئەمەستۇ؟مەن كەنىتكە كىرگەن ۋاقىتىمدا بىر دەپنە مۇراسىمىغا دۇچ كەلدىمغۇ ؟
كەنىت باشلىقى: ھە،ئۇ كەنتىمىزدىكى جەسەت ساندۇقى ياسايدىغان ئۇستىكار . يېقىندىن بىرى خېرىدارسىز قېلىپ ئاچلىقتىن ئۆلگەن.
2.ۋاقىتقا قاراپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش
خۇگېس بىلەن ئايالى ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ دالا سەيلىسىگە چىقىپتۇ . ئۇلار بىر كۆلنىڭ بويىغا يېتىپ كەلگەندە،بىر جۈپ ئاققۇنىڭ كۆلدە ئوينىشۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھاياجىنىنى باسالماي قاپتۇ:
- قاراڭ، ئۇلار نىمە دىگەن ئەركىن! بىزنىڭمۇ شۇنداق بولىشىمىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .
خۇگىس ئۈندىمەپتۇ.
كەچقۇرۇن ئۇلار قايتىپ يەنە كۆلنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ،خۇگېسنىڭ ئايالى ھېلىقى ئىككى ئاققۇنىڭ قىرغاقتا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ،ھاياجانلانغان ھالدا سۆزلەپتۇ:
- قاراڭ ئۇلارنىڭ بىللە تۇرغىنىغا، بىر—بىرىگە نەقەدەر ئامراق-ھە!
- خۇگېس كەيىپسىز ھالدا سۆز قېتىپتۇ:
- سەن ئېنىق كۆرمىدىڭمۇ؟ئاۋۇ چىشى ئاققۇ ئەتىگەنكى ئاققۇ ئەمەس.........
3.قورقماڭ
بىر كۈنى ساقچى كوچىدا ئۆزى يالغۇز يۈرگەن بىر قىزنى كۆرۈپتۇ.ئۇ ئاران تۆت ياشتا بولۇپ،ئالتۇن چاچ،كۆك كۆز،كىشىنى ئىنتايىن جەلپ قىلىدىكەن بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسىمىنى ۋە نەدە تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىرەلمەيدىكەن.ساقچى ئازراق يېپ ئۇچىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئامالسىزئۇنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇشقا باشلاپتۇ.كىچىك قىزچاق قارشىلىق كۆرسەتمەپتۇ، بىراق سەل ئاغىرىنغان ھالدا:قورقماڭ مەندە قۇرال يوق دەپتۇ.........
[ بۇ يازماخوشامەتتەرپىدىن2011-09-29 20:09دە قايتا تە ]