
* توخۇ يۈرىكىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يۈرەك سوقۇشنىڭ تېزلىكىگە ، ئونۇتقاقلىققا ، ئۇيقۇ قېچىش، تىت–تىت بولۇش، ئالقان قىزىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
* بۇغىنىڭ يۈرەك قېنىنى قايناق سۇ بىلەن ئېزىپ ئىچىپ بەرسە، يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك كېسىلىگە شىپا قىلىدۇ.
* يىلان قېنىنى ئوتتۇرا چىنە قايناق سۇغا بىر تامچىدىن تېمىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك كېسىلىگە شىپا قىلىدۇ.
* ئاپتاپپەرەس يىلتىزىدىن ئۈچ گىرامدىن ئىچىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرسا، سوغۇق مىزاج كىشلەرنىڭ يۈرىكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
* ئادراسىمان ئۇرۇقىنى ئىچىپ بەرسە، يۈرەك قوزغىلىشىغا شىپا بولىدۇ.
* ئالتۇننى ئوتتا قىزىتىپ ئۇنى سۇغا چىلاپ سۈيىنى ئىچسە، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
* پالەك ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق يەپ بەرسە، يۈرەك ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
* ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا توخۇ توخۇمى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يۈرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مەنبە:خەلق تورى

[ بۇ يازماخوشامەتتەرپىدىن2011-10-04 13:00دە قايتا تە ]