oznur.cn vip
لەييان
بىر مىللەت ئۇرۇشتا ئەمەس،سۈكۇتتە قىرىلىپ تۇگەيد ..
دەرىجىسى : VIP ئەزا


UID نۇمۇرى : 4088
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 273
شۆھرىتى: 2810 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2810 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 333 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 110(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەسىھەت ۋە تەۋسىيە

بىر ئانىنىڭ ياتلىق بولۇش ئالدىدىكى قىزىغا قىلغان ئون تۇرلۇك نەسىھەت ۋە تەۋسىيەسى:
قىزىم:
-كەل،ئەمدى،بەزى نەسىھەتلەرنى بېرەي،ئۇلارنى ياخشى ئۆگۇنۇپ،چىرايلىق ئەمەل قىلساڭ،ئۆمۈر بويى راھەتتە ياشايسەن.ئۆمۈر يولدىشىڭ بىلەن ھېچقانداق ئاراڭلار بۇزۇلمايدۇ.بۇ دۇنيادا بەختلىك ھايات كەچۈرگىنىڭگە ئوخشاش،ئاخىرەتتە ھەم ئەبەدىي سائادەتكە ئېرشىسەن.
1،قانائەتلىك بول!يەنى،ئۆمۈر يولدىشىڭ كەلتۇرگەن ئوزۇق-ئوقەت،كىيىم-كېچەكنىڭ ھەممىسىنى مەمنۇنىيەت بىلەن قۇبۇل قىل،چۇنكى،قانائەت قەلىبكە ھۇزۇر-ھالاۋەت بىغىشلايدۇ.
2،ئېيتىلىۋاتقان گەپلەرنى دائىما دىققەت بىلەن ئاڭلا ۋە ھەمىشە ئىتائەتتە بول،ئۆمۈر يولدىشىڭغا ئېتىراز بىلدۇرمە،ئۇنىڭ بىلەن ھەمپىكىر ۋە بىر نىيەتتە بولۇشقا ھەركەت قىل،بۇنداق ھەركەتلىرىڭ بىلەن جانابىي ھەقنىڭ رازىلىقىغا ھەم يېتىشىسەن.
3،يولدىشىڭنىڭ كۆزى چۈشۈشى مۇمكىن بولغان ھەممە جايغا ئېتىبار بەر،شۇنداق قىلغىنكى،ئۇنىڭ كۆزى زىنھار قالايمىقان ھالەتلەرگە چۈشمىسۇن.
4،يامان ھىد(پۇراق)چىقىش ئېھتىمالى بولغان نەرسە ۋە يەرلەرگە دىققەت قىل،ئۇلارنى تېپىپ تازلا،ئۆيۈڭدىن ھەر دائىم خۇشبۇي ھىدلار تارىلىپ تۇرسۇن.
5،شۇنى ياخشى بىل ،تازلىق ۋە لاتاپەت سۇغا باغلىق،ھەر قانداق نەرسە سۇ بىلەن پاكىز ،ئۆيدە سۇلارنىڭ پاكىز تۇرىشىغا ئەھمىيەت بەر.
6،ئېرىڭنىڭ تاماقلىنىش سائىتى بىلەن ئۇيقۇ ۋاقتىغا دىققەت قىل ،تاماقنى ھەمىشە ئۇنىڭ ئادىتى بويىچە تەييارلا،ۋاقتىدا ئۇخلاش ئۇچۇن ئشلىرىڭنى تۈگەت،چۇنكى،ئاچلىق كىشىنى بىئارام قىلىدۇ،ئۇيقۇسىزلىق بولسا-خاپىلىققا سەۋەپ بولىدۇ.
7،ئۆيۈڭدىكى مال-مۈلۈك ۋە جاھازىلارنى ئېھتىيات قىل،بۇ نەرسە،سېنىڭ تېجەشمەنلىكىڭنى كۆرسىتىدۇ.
8،ئېرىڭنىڭ يېقىنلىرىغا چىرايلىق مۇئامىلىدە بول،بۇ نەرسە،سېنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىڭنى بىلدۇرىدۇ.
9،ئېرىڭنىڭ سىرلىرىنى زىنھار بىراۋغا ئېيتما،ئەگەر سىرلىرىنى ئەتراپىغا يايىدىغان بولساڭ رەنجىيدۇ،بىۋاپالىق يولىغا كىرىپ كېتىشى ھەم مۇمكىن.
10،ئېرىڭنى ھۆرمەت قىل ،بۇيرۇقلىرىنى بېجىر،گەپ قايتۇرۇپ،ئۇنىڭغا قارشى چىقما،ئەگەر قارشى تۇرۇپ ئىسيان كۆتۈرسەڭ،ئاچچىقى كېلىپ ،رەنجىشىگە،ھەتتا دۈشمەن كەبى ھەركەت قىلىشىغا سەۋەپ بولىسەن.ئېرىڭ غەمكىن ۋە خاپا بولغان ۋاقتىدا ئۆزۈڭنى خۇرسەن تۇتما،ئۇنىڭ غەم-تەشۋىشىگە شېرىك بول،ئۇ خۇرسەن بولسا،سەن ھەم شۇنداق كەيپىياتتا بولۇشقا ھەركەت قىل.
قىسقىسى،قىزىم!ئېرىڭگە قانچىلىك ھۆرمەت ۋە ئىتائەت قىلساڭ،شۇنچىلىك سۆيۈملۈك بولىسەن،قانچىلىك رازى قىلساڭ،شۇنچىلىك مۇھەببەت كۆرىسەن،شۇنى ھەم تەكىتلەپ ئۆتۈشۈم لازىمكى،بۇ ئېيتقانلىرىمنى پەقەت ئۇنىڭ ئارزۇلىرنى،ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭدىن،ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئۆز ئارزۇلىرىڭدىن ئۈستۈن قويۇش بىلەنلا ئورۇندىيالايسەن.

شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى نەشىر قىلغان«سوۋغات»دىگەن كېتاپتىن ئېلىندى.
تېما تەستىقلىغۇچى : ئاشپەز
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-29, 13:14

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( لەييان )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-29 17:47 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( لەييان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

mukam88
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 4093
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 89
شۆھرىتى: 900 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 900 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 92 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ زاماننڭ قىزلىرى چىڭ كورسە بولغىدەك تىماكەن بۇ ياخشى يۇللاپسىز
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-30 01:39 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( mukam88 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئونۋېرسال ئەدەبىيات سالونى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/