oznur.cn vip
ئەنگەر
http://angar0995.blogbus.com

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 746
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 659
شۆھرىتى: 6965 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7640 دوللار
تۆھپە: 13 ھەسسە
ياخشى باھا: 810 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 394(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئۇ ئەمەسمۇ چوڭ شوجاڭ



ساتىرا

(بىر خوشامەتچى ئاغزىدىن)


قىلسۇن ئۆزى بىلگەننى بولماپتۇنى دەپ قويماڭ ،
يۇمشاق دىسە كىرپىنى ئۇنداق ئەمەس دەپ قوپماڭ،
لاتا قوزۇق قاق دىسە قانداق بولار دەپ تۇرماڭ،
رۇخسەت ئالماي ئۇنىڭدىن دورا –ئوكۇل يەپ قويماڭ ،
سىزگە بېرەي بىر ساۋات، ئۇ ئەمەسمۇ چوڭ شوجاڭ.

خاتىرجەملىك يار ساڭا شۇم ئاغزىڭنى چىڭ قىلساڭ،
بىر كۆزۇڭنى قىسىۋاپ ،يالغاننىمۇ جىڭ قىلساڭ،
پاشا بولغىن دەپ قالسا زۇۋان سۈرمەي غىڭ قىلساڭ،
ماختاپ كۆككە ئۈچۈرۈپ خوشامەتنى مىڭ قىلساڭ،
قىلار ساڭا ئىلتىپات ،ئۇ ئەمەسمۇ چوڭ شوجاڭ.

راسلاپ سورۇن -داستىخان،پات-پات مېھمان قىلىۋال،
ئىچەلمىسە ھۆ قىلىپ ،رومكىسىنى ئېلىۋال،
رەھبەر دىگەن قىزلارغا ئامراق كېلەر بىلىۋال،
ناز كۆرسىتىپ دالدىدا كۆڭلىنىمۇ ئۇتىۋال،
شەرەپ بېرەر قاتمۇ-قات ،ئۇ ئەمەسمۇ چوڭ شوجاڭ.

تەكشۇرۈشكە كەپ قالسا ياخشى باشلىق دەۋەرگىن،
يىگىن دىسە تاشنىمۇ مەززە قىلىپ يەۋەرگىن.
تەخسىكەشلىك دېپىنى قاملاشتۇرۇپ چەۋەرگىن،
نۇمۇس ئىش دەپ قارىساڭ بىر ئىزدىلا قەۋەرگىن،
ئۆتكەن ئىشقا سالىۋات ،ئۇ ئەمەسمۇ چوڭ شوجاڭ.

ئائىلەم دەپ بالام دەپ ياش ئاققۇزما ئالدىدا،
غەيۋىتىنى باشلىقنىڭ قىپ يۈرمىگىن ئارقىدا،
ساقلا دىسە چوغنىمۇ ساقلاۋەرگىن پاختىدا،
ئولتۇرىسەن بىر كۈنى سەنمۇ ئالتۇن تاختىدا،
بېرەلەيدۇ قەن-ناۋات ،ئۇ ئەمەسمۇ چوڭ شوجاڭ.

يۇقىرىغا دەرت ئېيتساڭ سەن باشلىقنى چاققىنىڭ،
پىلىكىگە بومبىنىڭ سەن ئوتلارنى ياققىنىڭ،
تويغۇزىدۇ قىلغانغا سەن بالانى تاپقىنىڭ،
ئازلىق قىلار گاھىدا سولاقتىمۇ ياتقىنىڭ،
تېنىچ كۈنلەر ساڭا يات،ئۇ ئەمەسمۇ چوڭ شوجاڭ.

مەكتەپلەرنىڭ خاقانى شوجاڭ دىگەن بىلىۋال،
ئەۋلىيا دەپ بىلىپ ھەم قوللىرىغا سۆيىۋال،
ئاداشتۇرماي باشقىغا ئۇنى ئوبدان تۇنىۋال،
كەلسە ئەگەر ئۆيۈڭگە كالا –قوينى سويىۋال،
شۇندا بېرەر مۇكاپات ،ئۇ ئەمەسمۇ چوڭ شوجاڭ.

تىگىپ قالساڭ چىشىغا باپلايدىغان پەمى بار،
يېقىتىپلا داق يەرگە دەسسەيدىغان چەمى بار،
پالىنىسەن يىراققا يولنىڭ ئاچچىق تەمى بار،
جەرىيمانە يىغىشتا كەسكىن دىگەن نامى بار،
قىلىپ تۇرار سېنى مات،ئۇ ئەمەسمۇ چوڭ شوجاڭ.

كېرەك ئەمەس سەۋىيە،ئىتائەچچان بولساڭلا،
سىزىپ بەرگەن سىزىقتىن چىقىپ كەتمەي ماڭساڭلا،
ھېلى -مىكىر ،باپلاشتا مول بىلىمگە تولساڭلا،
پۇتلاش ئۈچۈن ياخشىنى پىيىدىلا يۇرسەڭلا،
ئاتا قىلار جۇپ قانات،ئۇ ئەمەسمۇ چوڭ شوجاڭ.


مېنى دىدى دىمەستىن ئەمەل قىلغىن سۆزۈمگە،
يول كۆرسەتكىن دەپ يەنە كىرىۋالما كۆزۈمگە،
ئارتۇق كەتسە گەپلىرىم قايتۇرۇپ بەر ئۆزۈمگە،
بىلىپ قالسا باشلىقىم مېنى بويرار ئۆلۈمگە،
ماڭا كېرەك بۇ ھايات ،ئۇ ئەمەسمۇ چوڭ شوجاڭ.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-28 23:16 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەنگەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

لەييان
بىر مىللەت ئۇرۇشتا ئەمەس،سۈكۇتتە قىرىلىپ تۇگەيد ..
دەرىجىسى : VIP ئەزا


UID نۇمۇرى : 4088
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 273
شۆھرىتى: 2810 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2810 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 333 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 109(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

پاھ جەمئيەتتىكى ناچار ئىللەتلەرنى شۇنداق ياخشى قامچىلاپ سىز ،تىمىڭىزغا كوپ رەخمەت    
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-29 14:23 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( لەييان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » شېئىرىيەت گۈلزارى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/