خاتا كەتكەن قارغىش
ھىكايە
ئىشخانىدا يالغۇز قالغان ئالىم ئالدىكى بىر قانچە تىزىق تاپشۇرۇق دەپتەرلەرگە قارىغانسېرى جۇدىنى ئۆرلەپ ، ئىچىنى بىر نەرسە غاجىغانداك ئارامسىزلاندى. ھەپتىسىگە 16 سائەت دەرس ئۆتۈش، تاپشۇرۇق تەكشۇرۇش، تۈرلۈك خاتىرە يېزىش....... قاتارلىق بىر قاتار ئىشلار بىر يىل مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ بويرۇقۋازلىقنى خېلى ئوبدانلا ئۆگۈنۈپ قالغان ئالىمغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن ئادالەتسىزلىك قىلىنغاندەك بىلىنەتتى.
ئۇ ئالدىدىكى دەپتەرلەرنى ئاچچىق بىلەن بىر چەتكە ئىتىرىۋەتكەندىن كېيىن يانچۇقىدىن تاماكىسىنى چىقىرىپ تۇتاشتۇردى –دە ، كۈچەپ نەچچىنى تارتىۋەتكەندىن كېيىن ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئۆزىنى تاشلاپ چوڭقۇر خىيالغا پاتتى.
مەكتەپ مۇدرىنىڭ سۈيىدە ئىقىپ ، ئۇتىدا كۈيۈپ، قۇلىغا قول، پۇتىغا پۇت بولۇپ، يەرنى سۆيگۈدەك بولۇپ تەزىم قىلىپ ئاران دىگەندە رەھبەرلىك قاتلىمىغا چىققان ئىدىم، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى مەمەت دىگەن كىتاپ خالتىسىلا دائىم ئىشلىرىمدىن پۇتاق چىقىرىپ ، پۇتۇمنىڭ ئۇچىغىلا قاراپ يۈرەتتى، مۇدىرىم مىنى قوللاپ ،يىشىل چىراق يېقىپ بەرمىگەن بولسا ئىلمىي مۇدىرلىق رەھبەرلىك ئورنۇمدا بىر يىلمۇ تۇرالمىغان بولاتتىم.
-ئالىم مۇئەللىم،سىزنى قاسىم مۇدىر بىۋاستە تەۋسىيە قىلغان ،بىز سىزنى جاپاغا چىداپ ئىشلىيەلەيدۇ،يۇقىرىنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايدۇ دەپ ئىلمىي مۇدىرلىققا ئۈستۈرسەك مۇشۇنداق ئىنكاسلار چۈشسە قانداق بۇلىدۇ؟
-جۈيجاڭ مەن ياخشى ئىشلەۋاتاتتىم....مەن چۇقۇم ياخشى ئىشلەپ كىتەلەيمەن.
-تىخى مەكتەپكە تۇلىسى ھاراق ئىچىپ كەپسىز،بۇ نىمانچە ئەخلاقسىزلىق ،بولدى ئەمدى ئىلمىي مۇدىرلىق ۋەزىپىڭىزدىن قالدۇرۇلدىڭىز، شەھەر بويىچە ئومومىي ئۇقتۈرۈش قىلىنىپ تەنقىدلىنىسىز، باشقا مەسىلىلىرىڭىز داۋاملىق تەكشۈرۈلىدۇ.
-ھە؟؟؟ ئۇنداق قىلماڭ جۈيجاڭ ، مەن ئەمدى چۇقۇم ياخشى ئىشلەيمەن.
-بولمايدۇ، ھېلىمۇ بىر يىل ئىچىدىلا ئۈستىڭىزدىن نۇرغۇن پاش قىلىش خەتلىرى چۈشتى ، قالايمىقان ھەق يىغىش،ئىستىل مەسىلىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئىنكاس قىلدى.ھازىردىن باشلاپ بۇرۇنقى خىزمىتىڭىزنى ئىشلەپ تۇرۇڭ،ھېلىمۇ بۇ نۆۋەت قاسىم مۇدىرنىڭ يۇزىنى قىلىپ سىزگە كۆپ يول قويدۇق .
ئالىم بۇلارنى ئويلىغىنىدا كۆزلېرىدىن ئۆچمەنلىك ئۇتى چاقناپ كېتەتتى.- مېنى مۇشۇ كۈنگە قويغان ئاشۇ مەمەت دىگەن بىر نىمىغۇ!؟بىلىمى ،تەجىربىسى،ئىقتىدارى بولسا نىمە بوپتۇ!؟ناھايىتى بىر كىتاپ خالتىسىغۇ شۇ!ئاڭلىسام مەكتەپ مۇدىرىمىز مېنى ئىلمىي مۇدىرلىققا كۆرسەتكەندە يالغۇز ئاشۇلا كەسپىي ئىقتىدارى تۆۋەن ،مەسئوليەت تۇيغۇسى كامچىل دىگەندەك بىر قاتار چويلىغا چىقمايدىغان ئەيىپلىرىمنى چىشلەپ تارتىپ قارشى پىكىر بەرگەنمىش.ھېلىمۇ مۇدىرىمىزغا يىقىنچىلىق قىلىپ،كېچە-كۈندۈز دىگۈدەك خىزمىتىدە بولۇپ ، خوشامەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىۋاپتىكەنمەن. مۇدىرىمىز بىر پۇرسەت بېرىپ باقساق دەپ چىڭ تۇرىۋالمىغان بولسا شۇ چاغدىلا مەقسىدىگە يەتكەن بولاتتى ئۇ كۆرەلمەس. ئىلمىي مۇدىر دىگەن كىچىك بىر ئەمەلغۇ كىيىنچە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىر ،مەكتەپ مۇدىرى دىگەندەك ئەمەللەرگە قويسىمۇ بىر قوللۇق ئىشلەپ كېتىشكە ئىشەنچەم بارتى مېنىڭ. ئۇ مۇشۇلارنى ئويلىغانسېرى مەمەت مۇدىرغا بولغان ئۆچمەنلىكى ھەسسىلەپ ئېشىپ بېرىۋاتاتتى.بولسا ئۇنى شۇ تاپنىڭ ئۆزىدىلا «بىر تەرەپ »قىلىۋاتكۈسى ،كۆزدىن يوقاتقۇسى كېلىپ كېتىۋاتاتتى."ھاراق ئىچىپ كوچىدا باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقان،مەس ھالەتتە مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا يامان تەسىر بەرگەن،مەكتەپنىڭ ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر دەرىجىدە داغ چۈشۈردى»دىگەننى باھانە قىلىپ،ئوقۇتقۇچىلارنى كۈشكۈرتۈپ جامائەت پىكرى توپلاپ ئىلمىي مۇدىرلىقتىن قالدۇردى.مەكتەپ ئۈچۈن شۇنچىۋالا ئىشلارنى قىلىپ بەردىم،ئوقۇتقۇچىلارنى يىپتەك تۈزلىۋەتتىم.تۈرلۈك شەكىلدىكى جەرىيمانىلەرنى يولغا قويۇپ مەكتەپكە خېلى كۆپ ئىقتىسادىي قىممەت ياراتتىم.مۇشۇنداق تۆھپىلىرىم ئالدىدا ئۇ ئىش قانچىلىك ئىشتى.ھازىر ئىچمەيدىغان چەكمەيدىغان رەھبەرلەر بارمۇ؟!بىز دىگەن ياش تۇرساق .ياش بولغاندىكىن ئانچە –مۇنچە شاشلىق بولمىسىمۇ بولامدۇ؟ئۇنىڭ گېپىچە ماڭا نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى بەرگەنمىش.قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق پۇرسەتلەر. مەكتەپ مۇدىرىمىز ئىچكىرىگە ساياھەتكە كېتىپ قالمىغان بولسا مېنىڭ بىرتال مۇيىمغا تىگەلەيتتىمۇ ئۇ كىتاپ خالتىسى. مۇدىرىمىز يوق بولغاچقىلا مەقسىدىگە يەتتى.يا مېنىڭ مۇدىرىم قايتىپ كەلمىدى.ئۇ تاماكىنى يەنە بىرنى تۇتاشتۇرۇپ خيالىنى داۋام قىلىشقا باشلىدى. مەمەت مۇدىر كۆز ئالدىغا كەلسىلا چىشلىرى غۇچۇرلاپ ،مۇشتۇملىرى تۈگۈلۈپ كېتەتتى.«ئىسىت شۇ چاغدا باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقىچە شۇنىڭ بىلەنلا ئۇرۇشسامچۇ،ئاشۇ كۆرەلمەسلىكىدىن،چاپلاشقاقلىقىدىن ئۆتكەندە خىزمەت ئۈستىدىلا يېقىلىپ قېلىپ باللنىستتا يېتىپ چىقتى.يا شۇ چاغدىلا ئۈلۈپلا كەتمىدى.مەكتەپكە كۈندە پىيادە بىرىپ –كېتىپ يۈرىدۇ ،يا بىرەر ماشىنا چىقىپ ئۆلتۈرۈپلاۋەتمىدى!مۇنۇ كۆچا لۇكچەكلىرىمۇ نەدىكى بىر ئىشلار بىلەن باشقىلارنى بۆزەك ئېتىپ ئۇرۇپ چالا ئۈلۈك قىلىپ يۈرىشىدۇ .نەدىكى ئەرزىمەسلەرنى ئۇرغۇچە مۇشۇنىلا ئۇرسۈچۈ!ئۆلەسەن بىر كۈنى،ماشىنا بېسىپ ئۆلەسەن،تام بېسىپ ئۆلەسەن،زەھەرلىنىپ ئۆلەسەن،پىچاق يەپ ئۆلەسەن...
تۇيۇقسىز چېلىنغان قۇڭغۇراق ئاۋازى ئۇنىڭ خىياللىرىنى ئۈزۈپ قويدى.چۈشلۈك ئارامغا چىقىدىغان چاغ بولۇپ،ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئىچىنى ئۆيلىرىگە قايتىش ئۈچۈن چىققان ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاراڭ- چۇرۇڭى بىر ئالغان ئىدى.
ئالىممۇ ئالدىرىماي ئورنىدىن تۇرۇپ بايا چېچىۋەتكەن تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى ئانچە مۇنچە يىغىشتۇرۇپ قويۇپ ،ئىشخانىدىن چىقتى.كاللىسىدا يەنىلا بايىقى خياللىرىنىڭ داۋامى قۇترىماقتا."....ئۆلەسەن ،.......ئۆلەسەن ،.........ئۆلەسەن.............." ئۇ شۇ قارغىشلىق خىياللار بىلەن دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ قالغىنىنىمۇ سەزمەي قالغان ئىدى. ماشىنىڭ جىددىي تورمۇزلغان ئاۋازى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ" ۋاي بىرسىنى ماشىنا بېسىۋەتتى" دەپ ئەنسىز ۋاقىرىشىدىن ئېسىگە كەلگەن ئالىمنىڭ كاللىسىدا دەقىقە ئىچىدە "تىلىكىم ئەمەلگە ئاشتىمۇ نىمە؟"دىگەن ئوي كەچتى ھەم توپنىڭ ئىچىگە كىرىپ ماشىنا بېسىۋەتكۈچىنى كۆرۈشكە،بېسىلغۇچىنىڭ مەمەت مۇدىر بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇلاپ توپنىڭ ئىچىگە ئۆزىنى ئاتتى.ئۇ ئىتىرىپ سوقۇپ يۇرۇپ بىردەمدە توپنىڭ ئىچىگە كىردى، بۇ چاغدا باشقىلار ماشىنا بېسىۋەتكۈچىنى ماشىنا ئاستىدىن تارتىپ چىقىرىۋاتاتتى . ئۇ تېخىمۇ ئېنىق كۆرۇش ئۈچۇن ئالدىغا بېرىپ زۇڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ ماشىنا ئاستىغا قارىدى . قارىدىيۇ كۆزلىرى قاراڭغۇلۇشۇپ ، كەينىگە ئۇچۇپ كەتتى.باشقىلار ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزغاندا ئۇ بىرلا گەپنى تەكرارلايتتى:
-جېنىم ئوغلۇم!!!! جېنىم ئوغلۇم........
سەمىمىي ئىزاھات:مەن ئەزەلدىن ھىكايە يېزىپ باقمىغان (يازغىنىم ھىكايىمۇ ئەمەستۇ بەلكىم).بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم يېزىپ بېقىشىم.تورداشلارنىڭ تەكلىپ -پىكىرلىرىنى ئايىماي بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.