بىمەنىلىك
ئەتراپمىزدا ئاجايىپ ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ،بەزى ئىشلارنى كۆرگەندە نېمە دېيىشنى بىلمەي قالىمىز،ھەتتا بەزى بىمەنىلىكلەرگە كۆنۈپمۇ قالىمىز.
شىركەت خادىمى ئىشخانىغا تاماكا چەكلەش ئەسكەرتمىسىنى چاپلىماقتا،تاماكا چىشلەكلىك.
توي خاتىرە كۈننى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەن كىشىلەر ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش بىلەن ئالدىراش.
پىكىر ساندۇقى ئاللىبۇرۇن داتلىشىپ كەتكەن ،ئۇنى ئاچىدىغان .ئادەم يوق.
خالىسانە قان تەقدىم قىلىش ئاپتوموبىلىدا ئولتۇرغان سېسترانىڭ قان تەقدىم قىلغىنىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
يېقىننى كۆرەلمەسلىك ئوپراتسىيەنى قىلىۋاتقان دوختۇر يەنىلا كۆزئەينەك تاقاقلىق.
«خەلق ئۈچۇن خىزمەت قىلايلى»دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان ھۆكۈمەت ئورگىنىغا پۈقرالارنىڭ كىرىپ-چىقىشى ناھايىتى تەس.
ۋېلىسىپىتلىق كېتىۋاتقان كىشى «ئۆي قۇلى» غا ئايلىنىپ قالدى،داڭلىق ماركىلىق پىكاپ ھەيدىگەن كىشى ئەرزان-قولاي ئۆيگە كىرمەكتە.
داڭلىق مەھسۇلاتلارنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان چولپانلارنىڭ ئۆزى داڭلاۋاتقان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
ئېسىل خۇرۇم كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەن چولپانلارنىڭ ھايۋانات قوغداش توغرىسىدىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى دائىم كۆرگىلى بولىدۇ.
ئوغرى نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېردىغان خىزمەتچى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى توسمايدۇ،تېخى ئۆزىمۇ ئوغرى نەشىر بۇيۇملىرىنى سېتىۋالىدۇ.......
شىنجاڭ قانۇنچلىق گېزىتىدىن ئېلىندى