oznur.cn abduheni
تۇز
مۇنبەر نازارەتچىسى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 3
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 655
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 346(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەسلى مەنبە :
http://news.sohu.com/20110921/n320034962.shtml سوخۇ تورى

ئازگال مېيىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ تەننەرقى ئاران 300 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ شاپاق نەرقى دېيشكە بولىدىكەن. نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرىچە، جۇڭگولۇقلار يەۋاتقان ھەر 10 قاچا تاماقنىڭ 1 قاچىسىدا ئازگال مېيى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ خىل ئەھۋال يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق چۆچۈتكەن.
ئالدىنقى ھەپتە، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىكىدە، يىغىش-سۈزۈش، يۈزە پىششىقلاپ ئىشلەش، ھايىنىغا سېتىش، يەنىمۇ پىششىقلاپ ئىشلەش، توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش قاتارلىق 6 چوڭ ھالقىنىڭ بىرى بولغان ئازگال مېيى قارا ئىشلەپچىقىرىش كەسىپ زەنجىرى سۇ يۈزىگە قايتا لەيلەپ چىقتى.
دۆلەتلىك يېمەكلىك مېيىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش كومىتېتىنىڭ ماي خام ئەشياسى ۋە ماي خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، ۋۇخەن سانائەت ئىنىستىتۇتى يېمەكلىك ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى خې دوڭپىڭ مۇنداق دەيدۇ: ھازىر دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى تاماق ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىدىغان ئازگال مېيى 2 مىليۇن توننىدىن 3 مىليۇن توننىغىچە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ بىر يىلدا ئىستېمال قىلىدىغان ھايۋانات-ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ ئىستېمال مىقدارى 22.5 مىليۇن توننا. مۇشۇ نىسبەت بويىچە ھېسابلىغاندا، بىز يەۋاتقان ھەر 10 قاچا تاماقنىڭ 1 قاچىسىدا ئازگال مېيى بولۇشى مۇمكىن.


ئازگال مېيىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىنى كۆزەتسەك، ئۇنىڭ خام ماتېرىيالى يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكىلەر تاشلىۋەتكەن قالدۇق تاماقتىن كەلگەن بولۇپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۇ خىل تاشلاندۇق تاماقنى يىغىپ كېلىپ، قايتا پىششىقلاپ ئىشلەپ يەنە تاماق ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كەلگەن.

ئۇنداقتا، ئازگال مېيىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى: يىغىۋېلىش پرىنسىپلىرىنى كونكرېتلاشتۇرۇشى كېرەك
مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، ھازىر ئاشخانا ئەخلەتلىرى ۋە كېرەكسىز تاماق مېيى قاتارلىقلارنىڭ يۆتكىلىش ئەھۋاللىرىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى ئاساسەن يوق دېيەرلىك ھالەتتە ئىكەن. «ئازگال ژۈندىلىرىنى ئادەتتە باشقىلار ئاكتىپلىق بىلەن كېلىپ يىغىپ كېتىدۇ، بىز ژۈندە يىغىۋېلىش ھەققى ئالىمىز. ئۇلار ژۈندىلەرنى ئېلىپ كېتىپ چوشقا، توخۇ باقىدۇ.» مانا بۇ 2 يەردە گۇاڭدۇڭچە قورۇما مەيخانىسى ئاچقان نوپۇزلۇق يېمەك-ئىچمەك كەسپىي بىلەن شۇغۇللانغۇچى ۋۇ لىمىن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ مۇخبىرغا ئېيتقان سۆزى. ئۇ مۇخبىرغا گۇاڭدۇڭدىكى كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى مەيخانا-رېستۇرانلارنىڭلارنىڭ ژۈندىسىنىڭ ھەممىسى شەخسلەر تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىدۇ، دەپ بىلدۈردى. ئەمما 10 غا يېقىن ئوتتۇرا تىپتىكى تېز تاماقخانىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان گۇڭجۇلۇق لى مىڭچۈەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مۇخبىرغا راستچىللىق بىلەن مۇنداق دەيدۇ: تاماقخانىمىزنىڭ كېرەكسىز ژۈندىلىرىنىڭ بىر قىسىمى مۇھىت ئاسىراش ئىشخانىسىنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنغاندىن باشقا قالغان قىسمىنى شەخسى ژۈندە يىغىۋالغۇچىلار يىغىۋالىدۇ.  


  -ئاي كىرگەندىن بېرى، «گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئاشخانا ئەخلەت-چىقىرىندىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى باشقۇرۇش چارىسى (پىكىر ئېلىش ھۆججىتى)»، «گۇاڭجۇ شەھەرلىك تاشلاندۇق يېمەكلىك مېيىنى باشقۇرۇش چارىسى (پىكىر ئېلىش ھۆججىتى)» قاتارلىق ئىككى پارچە باشقۇرۇش چارىسى ئاقىمۇ-ئارقا ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئاممىنىڭ پىكىرى قوبۇل قىلىندى.
ناھايىتى ئېنىقكى، نازارەت قىلىش ئورۇنلىرى مۇكەممەل بولغان تاشلاندۇق يېمەكلىك مېيىنى يىغىۋېلىش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق پۈتكۈل ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئازگال مېيىنىڭ قايتىدىن تاماق ئۈستىلىگە چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، كۆپ ساندىكى يېمەكلىك ساھەسىدىكى كىشىلەر بۇنداق مۇكەممەل باشقۇرۇش چارىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئۈنۈمىدىن ئەنسىرىمەكتە.
گۇاڭجۇدىكى  يەنە بىر نوپۇزلۇق زەنجىرسىمان تېز تاماقخانىنىڭ مەسئۇلى  يې جى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ: زەنجىرلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تۈزۈمى (四联单制度)  يېمەكلىك ژۈندە مېيىنىڭ قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قايتا پىششىقلاپ ئىشلىنىشىنىڭ  ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالالمايدۇ.يېمەكلىك ژۈندە مېيىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى نازارەت قىلىپ بېكىتىش بۇ قىيىن مەسىلە، ئەگەر تاماقخانىدا 4 تۇڭ يېمەكلىك ژۈندە مېيى بولسا، ئەمما تاماقخانا مەسئۇللىرى زەنجىرلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش جەدۋىلىگە 2 تۇڭ دەپ ئېلان قىلسا، قالغان 2 تۇڭ يېمەكلىك ژۈندە ماينى ئوخشاشلا قانۇنسىز ئۇنسۇرلارغا سېتىپ بەرسە، بۇ خىل ئەھۋالنى بايقاش تەس بولغاچقا، بۇ خىل باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ يەنىلا ھەقىقىي ئۈنۈم بېرىشى ناتايىن.  


مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار مۇنداق دەيدۇ: يىغىۋېلىش خىزمىتىنى ھۆكۈمەت باش بولۇپ نازارەت قىلىپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىر قانچە نوپۇزلۇق كارخانىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ يىغىۋالسا ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، تاماق ژۈندىسى، كېرەكسىز تاماق مېيىنىڭ قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى، مەنپەئەتنىڭ كۈچىدىن بولغان. ھازىر كۆپ ساندىكى يېمەك-ئىچمەك ئورۇنلىرىنىڭ ژۈندە ماي تۇڭلىرى مەخسۇس كىشىلەر تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىدىغان بولسىمۇ، ئەمما يىغىۋالغۇچى يېمەك-ئىچمەك ئورۇنلىرىغا مەلۇم مىقداردا ھەق تۆلەيدۇ. قىسمەن يېمەك-ئىچمەك ئورۇنلىرىنىڭ كېرەكسىز ژۈندىلەرنى سېتىپ قىلغان كىرىمىمۇ نەچچە 10 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. ئىشقىلىپ، نورمال ئىش پرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرگەندە، ھەر قايسى جايلاردىكى نازارەت تارماقلىرىنىڭ قوللىنىدىغىنى «كىم ئىشلەپچىقارغان بولسا، شۇ ھەق تاپشۇرۇشقا مەسئۇل» بولغانلىقتىن، بۇنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ. ۋۇ لىمىن مۇنداق بىلدۈردى: يىغىۋېلىشتا ئەگەر يېمەك-ئىچمەك ئورۇنلىرى قايتا ھەق تاپشۇرۇشقا توغرا كەلسە، بۇ خىل تۈزۈمنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ئاجىزلىشىشى مۇمكىن. ئەمما كەسپىي خادىملار تاشلاندۇق ماينىڭ زادى ئەخلەتمۇ ياكى بايلىقمۇ؟ بۇ ھەقتە قايتا بېكىتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك دەپ تەكىتلەيدۇ.

مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى


چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-27 10:51 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( تۇز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

خوشامەت
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3224
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1215
شۆھرىتى: 12420 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 12630 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 1362 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 337(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

شۇڭا مەن بازاردىن ماي يىمەيمەن
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-27 14:49 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( خوشامەت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ھۇزۇر
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2254
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 680
شۆھرىتى: 6860 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7060 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 713 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 217(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئۇيىڭىزدىلا قۇيدىغان ئۇخشىمامسىز.قۇرۇق مىيىدا.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-27 14:59 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ھۇزۇر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

Ali_Telak

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1325
شۆھرىتى: 13935 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 22938 دوللار
تۆھپە: 16 ھەسسە
ياخشى باھا: 1409 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 279(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

گال پاك دىل پاك.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-27 20:35 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( Ali_Telak ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مېراسخورئاشپەز
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 3703
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 272
شۆھرىتى: 2720 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2720 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 300 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كۆڭلىگە ئىنساپ  بەرسۇن . بۇ نائەھلىلەرنىڭ
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-28 01:57 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مېراسخورئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئىپپارخان
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2733
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 314
شۆھرىتى: 3210 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3441 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 334 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھۆ...ھۆ....
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-28 13:05 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئىپپارخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

parokjan
دەرىجىسى : يېڭى ئوگەنگۇچى


UID نۇمۇرى : 4266
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرىتى: 70 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 70 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 7 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ  ماي     سالايۈ  شۇمۇ     
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-03 01:15 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( parokjan ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئابلەت
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 3959
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 196
شۆھرىتى: 1980 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1980 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 214 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نىمە دىگەن قورقۇنۇچلۇق ھېېېېي
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-09 02:42 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئابلەت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئەڭ يېڭى خەۋەر-ئۇچۇرلار
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا