تۇخۇملۇق قازان تۈگىرىسى
ماتىريالى :
گۆشلۈك كۈدە قىيمىسى ، ئۇن ، تۇخۇم ، سۇ ماي ، تۇز ، قارا كۈنجۈت ، سۇڭپىياز كۆكى ، قىزىل مۇچ
تەييارلاش ئۇسولى :
1. ئالدى بىلەن كۈدە قىيمىسىنى تەييارلىۋالىمىز .

2.بوش چىڭلىقىنى مۇۋاپىق قىلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ ، 15 مېنوت تىندۇرىۋالىمىز .
3.تۈگرىنى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك تۈگىمىز .
4.بىر جۈپ تۈگرىنى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك جۈپلەپ ، قازاننىڭ ئوتتۇرىسىغا قوتۇش ئۈچۈن تەييارلىۋالىمىز .
5.قازاننى قىزىتىپ ، ئازراق ماي قۇيۇپ ، بوشراق قىزىتىمىز .
6.تۈگرىلەرنى قازانغا رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك تىزىپ ، بوش ئوتتا تېگى قاتقۇچە پىشۇرىۋالىمىز .
7.قازانغا تۈگرىنىڭ يېرىمىغا كەلگۈدەك سۇ قويۇپ ، تۇۋاقنى يېپىپ سۇ تارتىلغۇچە دۈملەيمىز .

8.ئىككى تال تۇخۇمنى چېقىپ ئېلەشتۈرىۋالغاندىن كىيىن ، قازانننىڭ چۆرىسىنى ياقىلىتىپ قويۇپ ، تەكشى يېيىتىۋالىمىز .ئاندىن غولپىياز كۆكى بىلەن قارا كۈنجۈتنى سېپىپ زىننەتلەيمىز .

9.تۇخۇم پىشقاندىن كىيىن ، ئۇششاق توغرالغان قىزىلمۇچنى سېپىپ ، تەخسىگە ئالساق بولىدۇ .
مەززىلىك ، قۇۋۋەتلىك ھەم كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان تۈگرە قاتلمىسى تەييار بولدى ، قېنى مەرھەمەت !