مىڭ قاتلىق گۈش قاتلىمىسى
كېرەكلىك ماتىرياللار :
تەييارلاش باسقۇچلىرى :
1.ئۇننى ئىلمان سۇدا بوشراق يۇغىرىپ ، 30مىنوت ئەتراپىدا تىندۇرىمىز .
2. قوي گۈشى، جىياڭيو ، تۇز ، سۇڭپىياز كۆكى ،خام زەنجىۋىل ، 5خىل تەملىك تېتىتقۇ ، گۈنجۈت يېغى ، قارىمۇچلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىۋالىمىز .
3.خېمىرنى يۇمىلاق يېيىۋالىمىز ، قىيمىنى ئۈستىگە تەكشى يېيىپ بولۇپ ، رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك . 8 پارچە قىلىپ توغرىۋالىمىز .

4.بىر پارچە - بىر پارچىدىن قاتلاپ ، رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يۇمىلاق ھالەتكە ئەكىلىپ ، تەخمىنەن 5مىنوت تىندۇرىمىز .
5.تۈگۈر قىلىۋالغان خېمىزنى ئاستا - ئاستا يېيىپ ، قاتلىما شەكلىگە ئەكىلىۋالىمىز .
6.قازىننى قىزىتىپ ، ئازراق ياغ تورۇپ ، قاتلىمىنى سېلىپ ، تۇۋاقنى يېپىپ ، بوش ئوتتا تەخمىنەن 5 مېنوت دۈملەپ پىشۇرىۋالىمىز .
7.قاتلىمىنى ئۆرۈپ ، بوش ئوتتا يەنە 3،4 مىنوت دۈملەيمىز . مېزىلىك پۇراقنى پۇرىدىڭىزمۇ ، پىششىپ چىققان قاتلىمىڭىز چوقۇم مەزىلىك ھەم قات قات پىشىپ چىقىدۇ .
قېنى ئېلىشقايلا ، باققايلا !!!
