مىڭ قاتلىق گۈش قاتلىمىسى 
كېرەكلىك ماتىرياللار : 
 تەييارلاش باسقۇچلىرى : 
1.ئۇننى ئىلمان سۇدا بوشراق يۇغىرىپ ، 30مىنوت ئەتراپىدا تىندۇرىمىز .
2. قوي گۈشى،  جىياڭيو ، تۇز ، سۇڭپىياز كۆكى ،خام زەنجىۋىل ، 5خىل تەملىك تېتىتقۇ ، گۈنجۈت يېغى ، قارىمۇچلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىۋالىمىز .
3.خېمىرنى يۇمىلاق يېيىۋالىمىز ، قىيمىنى ئۈستىگە تەكشى يېيىپ بولۇپ ، رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك . 8 پارچە قىلىپ توغرىۋالىمىز .  

4.بىر پارچە - بىر پارچىدىن قاتلاپ ، رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يۇمىلاق ھالەتكە ئەكىلىپ ، تەخمىنەن 5مىنوت تىندۇرىمىز . 
 5.تۈگۈر قىلىۋالغان خېمىزنى ئاستا - ئاستا يېيىپ ، قاتلىما شەكلىگە ئەكىلىۋالىمىز .
6.قازىننى قىزىتىپ ، ئازراق ياغ تورۇپ ، قاتلىمىنى سېلىپ ، تۇۋاقنى يېپىپ ، بوش ئوتتا تەخمىنەن 5 مېنوت دۈملەپ پىشۇرىۋالىمىز .
7.قاتلىمىنى ئۆرۈپ ، بوش ئوتتا يەنە 3،4 مىنوت دۈملەيمىز . مېزىلىك پۇراقنى پۇرىدىڭىزمۇ ، پىششىپ چىققان قاتلىمىڭىز چوقۇم مەزىلىك ھەم قات قات پىشىپ چىقىدۇ .  
 قېنى ئېلىشقايلا ، باققايلا !!! 
