oznur.cn abduheni
خوشامەت
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3224
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1231
شۆھرىتى: 12790 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 13000 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 1405 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 373(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تونۇشتۇرۇش: زىيارەت قىلىنغۇچى ئامېرىكىدا دوكتۇر.
تۆۋەندىكىسى باشقىلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت. سۆھبەتتە بۇ ھەمشىرىمىز بالىلارنى شۇ مۇسۇلمانسىز مۇھىتىدا، ئۇيغۇرسىز مۇھىتتا ئېتىقادلىق ھەم ئانا تىلىنى بىلىپ چوڭ قىلىشتا قانداق قىلغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.  
ھەممىڭلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھەدە. بۈگۈن سىزدىن بىر نەچچە مەسىلە توغرىسىدا پىكىرلىشەي، دېگەن ئىدىم. بىلگەن، ئۆگەنگەنلىرىڭىز ۋە تۇرمۇش تەجرىبىلىرىڭىزدىن سوئاللىرىمغا جاۋاب تېپىشنى ئارزۇ قىلىمەن.  
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بارىكەتۇھۇ، پەقەت ئاللاھلا خاتالىق ۋە نۇقسانلاردىن پاكتۇر. مەن بىلگىنىم بويىچە، ئامال بار ياخشى جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمەن. بىز باشقىلارغا ئۈلگە بولالمايمىز. ئۈلگە بولۇشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابىلەر يېتەرلىكتۇر. بىز پەقەت شۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىۋاتقان ۋە شۇلاردىن ئۆگىنىۋاتقانلارمىز.  
سوئال: ئىككى ئوغلىڭىز باركەن. ئوغۇللىرىڭىزنىڭ بىلىم ئىگىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بەرسىڭىز. يەنى پەننى ۋە دىنىي جەھەتلەردە قانداقراق بىلىم ئىگىلەۋاتىدۇ؟
جاۋاب: مېنىڭ چوڭ ئوغلۇم(يەتتە ياش) ئىسلامى مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇلار مەكتەپتە سەككىز خىل دەرس ئوقۇيدۇ: قۇرئان، ئەرەب تىلى، ئىسلام بىلىملىرى، ئېنگلىز تىلى ئەدەبىياتى، ماتېماتىكا، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن ۋە تەنتەربىيە.  
ئوغلۇم ھازىر قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرىنى تۈگىتىپ رەسمى قۇرئان ئوقۇشنى باشلىدى. ئوقۇتقۇچىسى ھازىرچە يادلاشنى ئەمەس، مۇسھەفكە قاراپ توغرا ۋە راۋان ئوقۇشنى تەلەپ قىلغاچقا، بىزمۇ ئۆيدە شۇنىڭغا ياردەم قىلىۋاتىمىز. ئەرەپ تىلىدا يېزىش ۋە ئوقۇش باسقۇچىدىن ئوتۇپ، ھازىر ئاددى گرامماتىكا ۋە سۆزلۈكلەرنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئىسلام بىلىملىرى دېگەن دەرسىدە ئاللاھ سۇبھانا ۋە تائالانىڭ ئىسىملىرىنى مەنىسى بىلەن ئۆگىنىدۇ؛ سۈرىلەرنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىدۇ. ئىسلام ئەقىدىلىرىنى ۋە دۇئالارنى ئىنگلىزچە مەنىسى بىلەن تەپسىلىي ئۆگىنىدۇ. باشقا پەننى دەرسلەرنى مۇشۇ دۆلەتتىكى باشقا پەننى مەكتەپلەرگە ئوخشاش ئۆگىنىدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ ئۆگىنىدىغان نەرسىسى كۆپ بولغاچقا مەكتەپتە كۈنىگە بىرەر سائەت ئۇزۇنراق ئوقۇيدۇ ۋە تاپشۇرۇقنى كۆپرەك ئىشلەيدۇ. چوڭ ئوغلىمىز ھەممە نەرسىلەرگە قىزىقىدۇ. كىچىك ۋاقتىدا ھايۋانلارغا قىزىقاتتى. شۇ قىزىقىشى سەۋەبىدىن ئىنگلىزچە كىتاپلارنى كۆرۈپ بىلمىسە كىتاپنى ئەكىلىپ، بىزگە ئوقۇتۇپ دېگەندەك، 3-4 ياش ۋاقىتلىرىدا نۇرغۇن بىز بىلمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ ئىسىملىرى، خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ياشاش مۇھىتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىققان ئىدى. كېيىن ھەر خىل قاتناش ۋاستىلىرىغا قىزىقتى، كېيىن ھەرخىل ئايروپىلانلارغا قىزىقتى، كېيىن ياغاچچىلىق قىلىشقىمۇ قىزىقتى.
نۆۋەتتە ئاسمان جىسىملىرىغا ۋە تاشلارغا قىزىقىۋاتىدۇ. نېمىگە قىزىقسا بىز ئامال بار شۇ توغرىلىق كىتاپلارنى تېپىپ بېرىشكە تىرىشتۇق ۋە شۇنىڭغا ئائىت مۇھىت بىلەن ئۇچراشتۇرۇشقا تىرىشتۇق. ئەمما پەرزەنتلىرىمىزدە بىلىم بولۇپ، ئىمان ۋە ئەدەپ-ئەخلاق بولمىسا بىلىمنى توغرا ئىشلىتەلمەيدۇ، دەپ بىلىمىز. بىز يەنە بالىلارنى ۋاقتىنى پىلانلىق ئىشلىتىش ۋە تۇرمۇشتا رەتلىك-تەرتىپلىك بولۇش جەھەتتىن تەربىيىلەشكە تىرىشىۋاتىمىز.  
سوئال: سىز ئوغۇللىرىڭىزنى يەسلىگە بەرمەي ئوزىڭىز تەربىيىلەپسىز، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
جاۋاب: ھەر خىل سەۋەپلەر بولدى. بالىلار كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسىغا مۇھتاج. ئۇنىڭدىن باشقا بىز ئىككىلىمىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاچقا، ياخشىراق يەسلىگە بېرىشكە ئىقتىسادىمىزمۇ يار بەرمەيتتى.  
سوئال: بالىلىرىڭىز ئۆيدە پۇتۇنلەي ئۇيغۇر تىلىدا سوزلىشىدىكەن، سىز بۇنىڭ كېيىن مەكتەپكە كىرگەندە توسالغۇ بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمىدىڭىزمۇ؟
جاۋاب: ھەر خىل كىشىلەر ھەر خىل مەسلىھەت بەردى. بىزمۇ بەزىدە ئەنسىرىدۇق، بەزىدە مەيلى دىدۇق. ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى پەقەت ئۇيغۇرچە سوزلىمەيدۇ ياكى سوزلەشنىمۇ بىلمەيدۇ. بىز ئەگەر بىز چىڭ تۇرمىساق ۋە پەرزەنتلىرىمىزنى يېتەكلىمىسەك ئۇلارنىڭمۇ تەبىئىيلا شۇنداق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. بىزنىڭ ھەقىقەتەن بالىلىرمىىزغا ئانا تىلىمىزنى ئۆگىتىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. ئەڭ ئاددىيسى ئەگەر ئۇيغۇرچە بىلمىسە بالىلىرىمىز ئاتا-ئانىلىرىمىز بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ؟ بىزنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىز بىلەنچۇ؟ بىزنىڭ خەلقىمىز بىلەنچۇ؟ بىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ يولىدا ئىلىم ئېلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز، بولۇپمۇ بىزنىڭ خەلقىمىزگە كېرەكلىك ئاللاھنىڭ ئىلمىنى ئېلىشىنى بەكرەك ئارزۇ قىلىمىز. ئىنشائاللاھ ئاللاھ رەھمەت قىلىپ شۇ ئىلىملارنى ئالغان چاغدا بىزگە، خەلقىمىزگە يەتكۇزۇش ئۇچۇن ئانا تىلىمىزنى ياخشى بىلمىسە بولمايدۇ. لېكىن بىز بۇنىڭلىق بىلەن ئىنگلىزچىگە ئېتىۋار بەرمەيمۇ قويمىدۇق. ئۆيدە ئىنگلىزچە سوزلەشمىسەكمۇ، بالىلىرىمىزغا ئىنگلىزچە ئېلىپبەنى ۋە سۆزلۈكلەرنى بالدۇرلا ئۆگەتتۇق. چوڭ ئوغلۇم مەكتەپكە(بالىلار باغچىسى kindergarten) كىرگەندە ئىنگلىزچە سۆزلىشەلمەيتتى. لېكىن ھەممە ھەرپلەرنى ئوقۇشنى ۋە يېزىشنى بىلەتتى. ئىنگلىزچە رەڭلەرنىڭ، ھەر ھىل گىئومىتىرىيىلىك شەكىللەرنىڭ، پەسىللەرنىڭ، ئايلارنىڭ، ھەپتە كۈنلىرىنىڭ ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئىسمى ۋە يېزىلىشىنى بىلەتتى. ئىنگلىزچە 100 گىچە سانىيالايتتى. مەكتەپتە دەسلەپتە بىر ئاز قىينالدى، لېكىن يېرىم يىلدىن كېيىن سىنىپنىڭ ئالدى بولۇپ ئوقۇشقا باشلىدى.  
مەكتەپكە كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆيدە ئىنگلىزچە سۆزلەيدىغان بولىۋالدى. بىز دەسلەپتە يول قويدۇق. يەنە ئۇيغۇرچە سۆزلەشتە چىڭ تۇرىۋالساق بالىغا تازا ياخشى بولمايدىغانلىغىنى ھىس قىلدۇق. مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ ئوغلىمىز مەكتەپكە كۆنۈپ كەتكەندىن كېيىن بىز ئۆيدە قەتئىي ئۇيغۇرچە سۆزلەش تۈزۈمىنى تۇرغۇزدۇق. ئۇنىڭدىن ئاۋال بىزمۇ بەزىدە كەسپىمىز توغرىلىق ياكى ئۆزىمىزنىڭ مەكتىپىدىكى ئىشلار توغرىلىق سوزلەشسەك ئىنگلىزچە سۆزلەشكە چۇشۇپ كېتەتتۇق. بۇ تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش باشلانغاندىن كېيىن بەزىدە چوڭ ئوغلىمىز بىزنى تەنقىتلەپ قويىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ بارا-بارا ئوغلىمىز ئۆيدە تەبىئىيلا ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان، سىرتتا دادىل ئىنگلىزچە سۆزلەيدىغان بولدى. شۇنداقتىمۇ، داۋاملىق دىققەت قىلمىساق، بىزنىڭ مۇھىتىمىز ياخشى ئەمەس. باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغانلار ناھايىتى ئاز، ھەتتا يوق دېيەرلىك. بىز دائىم «ئۇيغۇرغا ئۇيغۇرچە سۆزلەيسىلەر» دېسەك، چوڭ بالام «ئاپا، ئۇلارغا ئۇيغۇرچە گەپ قىلسام چۇشەنمەيدىكەن» - دەيدۇ. «چۈشەنمىسە ئۆگىتىپ قويۇڭ، ئۇلار ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئۇيغۇرچە سۆزلىشى كېرەك» - دەپ، بالامغا ئۆزىنىڭ قىلغىنىنىڭ توغرا ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇرۇپ تۇرىمىز. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە زورلايدۇ، بەزىلىرىنىڭ كارى يوق. قىسقىسى، بۇ مۇھىت بالىلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۇچۇن ياخشى ئەمەس. ئاللاھ خالىسا، بىز تەتىللەردە بالىلارنى ۋەتەنگە ئەۋەتىش، دائىم ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇرۇق- تۇققانلار بىلەن پاراڭلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرچە كۆپ كىتاپ ئوقۇش، يېزىش ئارقىلىق بالىلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى بېيىتىشنى ئويلاۋاتىمىز.  
داۋامى بار
قۇتيار تورى
تېما تەستىقلىغۇچى : ئاشپەز
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-22, 13:55

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( خوشامەت )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-22 20:32 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( خوشامەت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

لەييان
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 4088
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 251
شۆھرىتى: 2570 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2570 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 302 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 93(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ  تىمىنى بۇرۇن مۇ ئوقىغان، بۇ ئايال ھەقىقەتەن بىزنىڭ ياخشى ئۇلگىمىز!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-23 10:02 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( لەييان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

Ali_Telak

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1325
شۆھرىتى: 14045 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 23048 دوللار
تۆھپە: 16 ھەسسە
ياخشى باھا: 1420 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 280(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بالا  تەربىيىسىنىڭ ئاچقۇچى ئانىدۇر.
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-23 11:10 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( Ali_Telak ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مەمەتجان
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 3034
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 377
شۆھرىتى: 3890 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3970 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 419 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇتىما راستىنلا بالا تەربىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-23 22:40 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مەمەتجان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

يىگىت
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2429
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 99
شۆھرىتى: 1060 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1090 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 110 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئانا --ئانا --ئانا--
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-28 11:18 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يىگىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تىل ئوگۇنۇش بىلىملىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/