oznur.cn abduheni
نىفىت
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 4131
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 146
شۆھرىتى: 1470 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1520 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 156 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

قازان بېشىدىن يىراق - بەخىتتىن يىراق


نەۋرىزە


ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ھۆجەيرىسى، كۆڭۈللىك ئائىلە موھىتىنى يارىتىش، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ كاپالىتى. بازار ئىگىلىگى دەۋرىدە جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى، تۇرمۇشنىڭ رەڭدارلىقى بىلەن، نۇرغۇن قولايلىق شارائىتلارغا ئېرىشكەن بولساقمۇ، ھايات قاينىمىدا يەنە نۇرغۇن خىرىسلارغىمۇ ئۇچراۋاتىمىز. ئەلبەتتە ھەر قانداق ياخشى يامان ئىشنىڭ, بولۇپمۇ يامان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىگىنىمىز ناھايىتى ئاقىلانىلىكتۇر. ئۇنداقتا دېققىتىمىزنى ئۆزىمىزگە ئاغدۇرۇپ كۆرەيلى......
مۇشۇ كۈنلەردە بىر نەچچە ئادەم يىغىلغان سورۇنلارغا بارساق، جەمئىيەتتىكى قىززىق نوقتا پاراڭلىرى ئۈستىدە توختۇلۇپ قالمىز. بولۇپمۇ ھەممىمىزنىڭ دېققىتىنى قوزغايدىغان، ياشلار ئىچىدىكى ئاجرىشىش نىسپىتىنىڭ پەۋقۇلادا يوقۇرلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ھەتا ئون ئادەم توي قىلسا يەتتىسىنىڭ ئۆي بولالمىغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلىمىز ناھايىتى يېرىم بولىۋاتىدۇ. بەلكىم بۇنىڭغا تۈرتكە بولىدىغان نۇرغۇن سەۋەپلەر بولىشى مۇمكىن. ئەمما بەزى سەۋەپلەرگە ئۆزىمىزمۇ سەۋەپ بولۇپ قالىمىز ئەلبەتتە. ئەڭ ئاددى مىسال: ئائىلىدە تاماق ئەتمەسلىك.... مىسال ئاددى بولغىنى بىلەن مېنىڭچە بۇ ئاددى مەسىلە بولماي بەلكى ئائىلە مۇناسىۋېتىنىڭ بۇزۇلىشىدىكى موھىم ئامىللارنىڭ ئاساسى بولۇپ قېلشىمۇ مۇمكىن. ئۇيغۇر ئاياللىرى، يەنى ئەجداتلىرىمىز ئەزەلدىن تاماق ئېتىشكە ئالاھىدە ئېتىۋار بىلەن قاراپ كەلگەن، تاماققا ئۇستا ئاياللار ئالاھىدە تەرىپلەنگەن، ھەم شۇنداقلا «ئايال كىشى دەستىخاندىن ئىززەت تاپىدۇ» دېگەندەك ئېسىل ماقالە تەمسىللارنىمۇ بىزگە قالدۇرغان. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان دەستىخان ئاساسلىق مىھمانلارنى ئېسىل تائاملار، خۇش چىرايلار بىلەن كۈتۈشكە قارىتىلغان. شۇڭا تاماق ئېتىشكە ئۇستا بولۇشمۇ مۇكەممەل ئايال بولۇشتىكى موھىم شەرتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىناتاتتى. بۇ شەرتنىڭ ھازىرمۇ ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قېلىشى، جەمئىيەتنىڭ يوشۇرۇن تەققەزاسى. ئائىلىدە تاماق ئېتىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك موھىم ئەھمىيىتى بار. بىرىنچىدىن: ئائىلىدە تاماق ئەتكەندە، ئائىلە ئەزالىرى تاماق يىيىش مۇناسىۋېتى بىلەن، ئائىلىگە دېگەن قەرەلدە جەم بولىدۇ. ئائىلىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن: ئائىلىدە تاماق ئېتىش جەريانىدا، ئالدىراش بولغىنىمىز ئۈچۈن ئەر- ئايال ئىككى تەرەپ قول- قولچە ھەمكارلىشىپ، بىر- بىرىگە بولغان مىھرى- مۇھەببەت چوڭقۇرلىشىدۇ. چۈنكى مۇھەببەت باغلاش باغچىلاردا، كوچىلاردا، رېستىرانلاردا، ياكى تېز تاماقخانىلاردىلا، قەھۋەخانىلاردىلا بولماي، بەلكى ئاشخانا يەنى قازان بېشىدىمۇ ئاجايىپ چوڭقۇر مۇھەببەتلەر پەيدا بولىدۇ. مۇتەخەسسىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، مۇھەببەت ئاشخانىدىن باشلىنىدۇ. ئۆي ئىشلىرىنى تەڭ قىلىش نىكاھ ۋە ئائىلىگە نىسپەتەن جىنسى تۇرمۇشتىنمۇ موھىم. ئەر- ئايالنىڭ ئاشخانىدا بىللە تۇرغان ۋاقتى ھەرقانداق ۋاقتىدىنمۇ موھىم دەپ قارالغان. ئۈچۈنچىدىن: ئۆيدە تاماق ئەتسىڭىز، ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن سىرتتا باشقىلار بىلەن تاماق يىيىش پۇرسىتى ئاز بولىدۇ، ئەر- ئايالنىڭ ئۇچرۇشۇش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ. كۈندە ئۆيگە تاماق يىيىش ئۈچۈن كېلىشى تەكرارلانغانسېرى بۇ بىر قىلمىسا بولمايدىغان موھىم ئىشلار قاتارىدا ئادەتكە ئايلىنىدۇ. تۆتىنچىدىن: ئائىلىدە تاماق ئاتكەندە ئۆيدە بىر خىل ئىللىقلىق پەيدا بولىدۇ، تاماق ئەتمىگەن ئۆي، ھەرقانچە ئايۋان ساراي بولغان تەغدىردىمۇ، كىشىگە بوران چىققاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، تاماق ئېتىلمىگەن ئۆي يولدىشىڭىزغىمۇ ئىللىقلىق ئاتا قىلمايدۇ. چۈنكى ئەرلەر قۇرساققا ئامىراق بولىدۇ. بولۇپمۇ ياخشى كۆرگەن مەخپوبىسىنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن تامىغىدىن ئالەمچە سۈيىنىدۇ. تاماق ئەتمەيدىغان ئۆينىڭ بەركىتىمۇ بولمايدۇ. دېمەك ئۆيىڭىزدە تاماق ئەتمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنى سەل چاغلىماڭ. يېڭى توي قىلغان ۋاقتىڭىزدا مۇھەببەتنىڭ كۈچى، رومانتېك تۇيغۇ، بەزى بىر ئاجىزلىقلانى قوغداپ قالىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتىىشىگە ئەگىشىپ، رىياللىققا قايتىپ كېلىسىز، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىكى پائالىيەتلەر ئائىلىدە بولىدۇ. ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ موھىم ماددى تەلەپلەرنىڭ بىرسى ئائىلىسىدە ئاغزىغا تېتىغىدەك تاماق يېيىشتۇر. ئەلۋبەتتە بۇ ماددى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر، بۇ يەردە بولۇپمۇ بىز ئاياللارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئايال بولغان ئىكەنمىز، خىزمەت ئورنىمىزنىڭ قانچىلىك يوقىرى بولىشى ياكى خىزمىتىڭىزنىڭ قانچىلىك ئالدىراش بولىشىدىن قەتئىي نەزەر تاماق ئېتىشتە بىز چوقۇم باشلامچى بولۇشىمىز كېرەك. ئائىلىدە تاماق ئېتىش ئادەتكە ئايلانغاندىن كېيىن ئەگەر سىز خىزمەتتە پەۋقۇلادە ئالدىراش ۋاقىتلىرىڭىزدا بۇ ئادەتكە ئايلانغان زۆرىرىيەت يۈزىسىدىن، يولدىشىڭىزمۇ بۇ موھىم ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا تىرىشىدۇ. ئاياللارنىڭ موھىم ھوقوقى بولغان ئائىلىدە تاماق ئېتىشتىن شارايىت بار بولغان ئەھۋالدا ھەرگىز باش تارتماڭ، شۇ ئوخشىغان تاماقلارمۇ يولدىشىڭىزنى ئۆز ئۆيىگە مەھلىيا قىلىدۇ. ئائىلە تۇرمۇشىڭىزغا رەڭ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئائىلىڭىز ئۈچۈن بولمىسىڭىز بولمايدىغان ئەلمىساقتىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن موھىم ئەزالىق رولىڭىزنى ساقلاپ قالالايسىز، ئۇنداق بولمىغاندا ، سىزنىڭ ئۇ ئۆيدە بولۇش بولماسلىقىڭىز، ئۆزىنىڭ ئۆيگە ۋاقتىدا كېلىش- كەلمەسلىكى ئادەتتىكىلا ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ئەتكەن مېزىلىك تاماقلىرىڭىزنى يىيىش ئۈچۈن كۈندە ئۆيگە كېلىپ ئادەتلەنمىگەن كۆڭلىدە قالغىدەك مىزىلىك تاماقنى سىز ئۇنىڭغا ئىتىپ بېرەلمىگەن، ھە دىسىلا تېز تاماقخانىلاردا تاماق يېيىشكە كۆندۈرگەن، ئۇ ئويلاپ باقسا ئانىسىنىڭ ھېلىقى ئوخشىغان تاماقلىرى، كۈندە سەھەر تۇرۇپ قىلىۋاتقان ئىشلىرى، ئانىسىنىڭ ئاتىسىغا قىلىدىغان غەمخورلۇقلىرى، ئاتىسىنىڭ ئانىسىغا قىلىدىغان غەمخورلىقى، ئائىلە ئەزالىرىنى دەرقەمدە ئولتۇرۇپ، داستىخاننى سېلىپ چىرايلىق ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشلىرى بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆز ئالدىغا كىلىپ، سىزدىن ئاستا – ئاستا قۇسۇر ئزدەشكە باشلايدۇ، بۇ چاغ سىزنىڭ تولىمۇ كېچىككەن ۋاقتىڭىز بولىدۇ. چۈنكى ئۇ قۇسۇر ئىزدىگەندىن كېيىن سىزمۇ جىم تۇرمايسىز ئەلبەتتە، شۇنىڭ بىلەن ئائىلىدە كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان سوغاق ئۇرۇشنىڭ دەستىدىن، مۇزلىغان كۆڭۈللەرنى ئىللىتالماي، مۇھەببەتىڭىز كىردىسكە ئۇچراپ، ھېسياتتا پارچىلىنىش بولۇپ، سىزگە تارتىشقىدەك بىرەر تەرەپىڭىزنى تاپالمىغان ئېرىڭىزنىڭ سىزنى تاشلاپ كېتىشىتىكى بىمەنا سەۋەپلىرىنى كۈچەيتىشكە سەۋەپچى بولۇپ قالىسىز. «مۇزمۇ بىر كۈندە قاتمايدۇ».
سىلەر توي قىلىپلا سىرتتا تاماق يىيىشكە ياكى ھەرئىكىڭلار ئاتا- ئاناڭلارنىڭ ئۆيىدە تاماق يىيىشكە ئادەتلەندىڭلار يەنى ، يولدۇشىڭىزمۇ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يېيىشكە ئادەتلىنىدۇ، سىزمۇ ئانىڭىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يىيىشكە ئادەتلىنىسىز. ئەلبەتتە ئاش قالمايسىلەر، ئاتا- ئانا بولغۇچىمۇ سىلەرگە بىر قاچا تاماق بېرىشكە ھەرگىزمۇ قۇرسىغى ئاغرىمايدۇ. بىراق قېيىن ئاپىڭىز سىزنىڭ ئوغلىغا ئاش ئېتىپ بەرمەيدىغانلىغىڭىزدىن بىر كۈنلەرگە بېرىپ ئاغرىنىشى مۇمكىن، ئېرىڭىز دەسلىۋىدە سىزنى قوغدىغان بولسىمۇ ئەمەلىي پاكىت ئالدىدا ھامان ئاجىزلىق قىلىدۇ. بىزدە « لىدىن چىقما، خاندىن قورۇقما» دېگەن سۆز بار. ئايال بولغان ئىكەنمىز،ئۆزىمىزنىڭ ئاياللىق مەجبۇرىيىتىمىزنى ئۆتەشتىن باش تارتماسلىقىمىز تولىمۇ زۆرۈر. ھازىر ئائىلىدە ئاش ئەتمەسلىك، ياكى ئائىلە ئىشلىرىنى مۇكەممەل قىلمالماسلىقتەك ئەھۋاللارغا، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىر بولىشى، رىقابەتنىڭ كۈچلىك بولىشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈرتكە بولىشى مۇمكىن، بىراق ئۆز بەختىمىز ئۈچۈن يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، ئائىلىدە تاماق ئېتىشتىن ئىبارەت موھىم ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چوقۇم چىقالايسىز ھەمدە يولدىشىڭىزغا ئائىلىڭىزغا بولغان ساداقىتىڭىزنى ئەمەلىي ھەركىتىڭىز بىلەن نامايەن قىلالايسىز. تۇرمۇش رېتىمى تېزلىشىۋاتقان، خىزمەتتىكى رىقابەت كۈچۈيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەلبەتتە ئائىلىدە تاماق ئېتىش نوقۇل ھالدا ئاياللارنىڭلا ۋەزىپىسى بولماي زۆرۆر بولغاندا ئەرلەرنىڭمۇ قازان بېشىغا تەڭ ئۆتىشىگە توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ چىۋەر ئاياللىرىمىز شارائىت بارلا بولغان ئەھۋالدا، ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىسىن ئۆزى چىقالايدۇ. ئەقىللىق ئەرلىرىمىزنۇ، ئۆزىنىڭ قازان بېشىغا، ئۆي ئىشلىرىغا يېقىن كېلىشىنىڭ ئەرلىك جاسارىتىگە نۇخسان كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. دېمەك ئەر- ئايال بىر بىرىنى ھۆرمەت قىلسىلا، ئائىلە ئىشلىرىنى ناھايىتى چىرايلىق بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئائىلىدە تاماق ئېتىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۇنتۇپ قالمايلى!!!تاماق ئېتىش ئەمەلىيەتتىمۇ بىر كۆڭۈللىك ئىش، بولۇپمۇ ئاياللار ئۈچۈن تولىمۇ ھوزۇر بېغىلشلايدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىڭىز ئويلىمىغان خۇشھاللىقلارغا ئېرىشىش، بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ ئۆيدە تاماق ئەتمەيدۇ، قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ دېگەندەك بىر توقاي باھانە سەۋەپلەرنى كۆرسۈتۈپ، سىزدىن قۇسۇر ئىزدىشىگە شۇنداقلا، سىزنى تاشلاش ئۈچۈن سەۋەپ قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. شۇڭا تېز تاماقخانىلاردىن يىراق تۇرۇڭ، قازانبېشىغا يېقىن بولۇڭ، شۇندىلا ئۆزىڭىز ئېرىشمەكچى بولغان بەختىڭىزگە ئاساس سالالايسىز. يەنە بىر موھىم تەرىپى، ئائىلىدە تاماق ئېتىش ئارقىلىق، ئائىلە تائاملىرىنى ئەۋلاددىن- ئەۋلاتقا مىراس قالدۇرالايسىز. بۇ مېنىڭچە ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچىمىز بولسا كېرەك.

2008- يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى
ئۈرۈمچىدە يېزىلدى

تېما تەستىقلىغۇچى : ئاشپەز
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-21, 05:45

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( نىفىت )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-21 12:06 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( نىفىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۇلخان
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1288
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 461
شۆھرىتى: 4870 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5101 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 526 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 149(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تېمىڭىزغا رەھمەت  «ئايال كىشى دەستىخاندىن ئىززەت تاپىدۇ» بۇ ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپ،مەن بۇرۇنمۇ سەر خىل تاماقلارنى ئېتىشكە قىزىقاتتىم،ئاشپەز مۇنبىرىگە كىرگەندىن بۇيان تېخىمۇ شۇنداق ،ھەر قېتىم ئۆيۈمگە مېھمان چاقىرىشتىن بىر ئىككى كۈن بۇرۇن مۇنبەرنى ئارىلاپ ئېتىدىغان تاماقلىرىم ھەققىدەئىزدىنىمەن .ئۆيۈمگە كەلگەن مېھمانلار كۈندە بىر يېڭىلىق بار سېنىڭ ئۆيۈڭدە دىيىشىپ كېتىدۇ.ئايال كىشى تاماققا ئۇستا بولسا،ئاندىن ئىللىق چىراي بولسا كۈنسېرى ئىناۋەت تاپىدىكەن.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-21 18:03 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۇلخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مەمەتجان
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 3034
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 377
شۆھرىتى: 3890 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3970 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 419 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ تەۋسىيە قىلىشقا ئەرزىدىكەن .
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-21 21:07 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مەمەتجان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مەمەتۋاقى
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2256
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 754
شۆھرىتى: 7830 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7970 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 852 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 104(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تېمىڭىزغا رەھمەت
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-21 22:21 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مەمەتۋاقى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

زايىدە
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 3497
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 135
شۆھرىتى: 1380 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1280 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 146 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 141(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەنمۇ ھازىر ئۆيىگە مېھمان كىلدۇ دىسە تورغا كىرىدىغان بولدۇم .كۈنىدە تورغا كىرىشكە ئالىدىراپ كىتىمەن .بۈگۈن نىمە يىڭىلىقلار بارىدۇ،قانىداق تاماق تۈرلىرى چىقانىدۇ دەپ،تىخى روزىدا قىيىن ئاپام ،قىيىن ئاتامىلارىنى شىپىتا قىلدۇرغانىدىم.شۇ چاغىدا تۈرۈكىچە بىلىق ،ئاي كۆزلۈك تۇخۇم.راك،گۆش كاتىلىت.ئىچىمىلىك ئورنىغا تولدۇرۇلغان قوغۇن.شۇ لارىنى قىلغانىدىم .ئۇلار ھەيىران قالىدى .ھەتتا ئۆزۈمۇ  ھەيران قالىدىم .مەن توي قىلىپ كەلگەنىدە لەغىمەنى يۈرەكىلىك ئىتەلمەيىتىم.  ئۆزۈم قول سىلىپ بىر تاماق ئىتەلمەيىتىم.ئۆيىدە جىق تۇرمىغاچقا قازان بىشى ئىشلىرىدا سىڭىلىمغا يەتمەيىتىم.ھازىر ھەممەيلەن ماڭا ھەيىران قالىدۇ.مەن ئاشىپەز تورى كۆپ مىننەتتار. مەن ھازىر ئۆيۈمىگە مىھىمان كەلسىمۇ تەمىتىرمەيىدىغان بولىدۇم.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-21 22:52 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( زايىدە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

زايىدە
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 3497
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 135
شۆھرىتى: 1380 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1280 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 146 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 141(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاشىپەز تورغا كۆز تەگىمسۇن .ھەرگىز ئۈزۈلۈپ قالىمىسۇن.ياشا ئاشىپەز توربىتى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-21 22:55 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( زايىدە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كوسەن ئوغلى
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 3927
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 113
شۆھرىتى: 1140 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1140 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 115 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تېمڭزغا رەخمەت.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-22 02:42 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كوسەن ئوغلى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئائىيشە
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2273
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 364
شۆھرىتى: 3780 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3900 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 391 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

دىمىسىمۇ كۇندە بىر قېتىم ئاشپەز تورىغا كىرىپ يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بۇلالمىسام كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ قالىدۇ. يېڭىلىق تاماقنى ئەتكەن كۈنۈم يولدىشىم :<ئاشپەز تور بېكىتىدىن ئۆگەنلىمۇ؟ئوخشاپتۇ>.دىسەشۇنچە خوشال بۇلۇپ كىتىمەن.
كۈنسىرى گۈلەنسۇن ئاشپەز مۇنبىرى!!! يېڭى تاماق  تۈرلىرى ھەر گىزمۇ ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!!!
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-22 10:01 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئائىيشە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئىنتىزار0998
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 3876
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 151
شۆھرىتى: 1560 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1620 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 169 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تىمىسى كىشىنى بەك ئويلاندۇرىدىكەن . راسلا ئورۇنلۇق قويۇلۇپتۇ .
مەنمۇ بەك ئامراق بۇ مۇنبەرگە .  
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-22 10:32 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئىنتىزار0998 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تورداشلار ئىجادىي ئەسەرلىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/