
مېھمان ئۇزىتىشتىكى قىزىقارلىق ئادەتلەر
سول قول ئىشلىتىشنىڭ مەنسى: ھىندىستان، بېرما ۋە گامبىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە، ئادەتتە، مېھمانغا تائام سۇنۇش، نەرسە – كېرەكلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە مېھماننى ئۇزىتىشلاردا سول قولنى ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن. ساھىبخانا قارشى ئېلىنمايدىغان مېھماننى سول قول ئىشارىسى بىلەن ئۇزىتىدىكەن.
ئاياغ كىيىم سوۋغا قىلىش ئادىتى. نېپالنىڭ تاغلىق رايونىدىكى مىللەتلەر يىراقتىن كەلگەن مېھمانغا ئاۋۋال نېپالچە باش كىيىم سوۋغا قىلىپ قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن، مېھماننى ئۇزىتىدىغاندا مېھمان ئەر بولسا قارا رەڭلىك ئاياغ كىيىم، ئايال بولسا قىزىل رەڭلىك ئاياغ كىيىم سوۋغا قىلىپ، مېھماننىڭ قايتىش سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، كەلگۈسىنىڭ پارلاق بولۇشىنى تىلەيدىكەن.
لاي سۈركەش ئادىتى. يېڭى گۋىنېيىلىكلەر مېھمانلارنى ئۇزاتقاندا ئۈنلۈك توۋلاپ، مېھماننىڭ ئۈستىبېشىغا لاي سۈركەپ قويىدىكەن. بۇنىڭ مەنىسى ‹‹تۇپراق قەلبىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ›› دېگەنلىك بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق مېھمانغا بولغان سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەيدىكەن.
كۈنلۈك يىغىش ئادىتى. تايلاندنىڭ شىمالىدىكى يېزىلاردىكى بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەردە مېھمان كەلسە كۈنلۈك ئېچىپ قارشى ئالىدىغان ئادەت بار ئىكەن. ئەگەر ساھىبخانا كۈنلۈكنى يىغسا، مېھماننى ئۇزىتىشقا تەرەددۇتلانغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.
ئاق رەڭ ئاق تىلەك ئادىتى. ۋېنگرىيىلىكلەر بەكمۇ مېھماندوست بولۇپ، مېھمان قۇرۇق قول كەلسىمۇ، ئۇزايدىغان چاغدا ساھىبخانا مېھمانغا ئاق رەڭلىك سوۋغا سۇنۇپ، ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھەمىشە ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيدىكەن.
«شىنجىياڭ گېزىتى»دىن ئىلىندى
======
دۇنيا بۇيىچە ئەڭ قىسقا ھېكايىلەر
1.دۇنيا بۇيىچە ئەڭ قىسقا مۇھەببەت ھېكايىسى :
__ماڭا ئەمدى ياتلىق بۇلدىغانسىز ؟
__ ياق.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە بەخىتلىك تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.
2.دۇنيا بۇيىچە ئەڭ قىسقا فانتازىيلىك ھېكايە:
يەر شارىدا قالغان ئەڭ ئاخىرقى ئادەم ئۆيىدە ئولتۇرسا ، ئىشىكى تۇيۇقسىز چېكىلىپتۇ.
3.دۇنيا بۇيىچە ئەڭ قىسقا بىمەنە ھېكايە:
بىر بولكا كوچىدا كىتىۋېتىپ ، قورسىقى ئېچىپ كىتىپ ئۆزىنى يەۋېتىپتۇ .
4.دۇنيا بۇيىچە ئەڭ قىسقا رازىۋېتكا ھېكايىسى :
ئۇ ئۆلدى ،دىمەك ئۇ بۇرۇن ياشىغان .
5.دۇنيا بۇيىچە كىشىنى روھلاندۇرىدىغان ئەڭ قىسقا ھېكايە :
ھېلىقى قوتۇر ئىت ئاخىرى ئامىركا زۇڭتۇڭى بوپتۇ!
6.دۇنيا بۇيىچە ئەڭ قىسقا ۋەھىمىلىك ھېكايە :
ئۇ چۆچۈپ ئويغىنىپ ، يېنىدا ئۆزىنىڭ جەسىتىنى كۆرۈپتۇ .
7. دۇنيا بۇيىچە ئەڭ قىسقا مەسەل:
چۈمۈلە چارچاپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ ، خوتۇنى يەنىلا سېمىز ئىكەن .
8.مەنمۇ ئۇيغۇرغۇ؟
يازنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ، ئەتىگەندە ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ مەلۇم بىر پائالىيتى ئۈچۈن چوڭ مەيدانغا يىغىلدى . ئوقۇغۇچىلار چىرايلىق ،بىر-بىرىدىن ئېسىل ، مودا كىيىملىرىنى كىيگىنىچە غادىيشىپ تۇرۇشتى . ئارىدا بېشىغا مارقان قىزىل چىمەن دوپپا كىيگەن ، ئۇچىسىغا چىرايلىق ئەتلەس كىيگەن بىر قىز سەپكە كەلدى ، ھەممەيلەن ئۇنى كۆرۈپ ھەيران بولدى ،ئارىدىن ئىككى قىز ئۇنى تارتىپ چەتكە ئاپاردى ،
__ئاداش،بۈگۈن ئۇسسۇل ئوينىمايمىز ،يىغىن باركەن!
__ئۇنداق بولسا نىمە بۇپتۇ ؟ئەجەپلىنىپ سورىدى ئەتلەس كىيگەن قىز .
__ئەمىسە... نېمىشقا بۇنداق كىيىنىۋالدىڭ ؟ باشقا يەردە ئۇسۇل ئوينامدىكەنسەن -يە ؟ ھەيران بۇلۇپ سورىدى دوستى .
__ياق ، بۇنداق كىيىنسەم نېمە بۇپتۇ ؟مەنمۇ ئۇيغۇرغۇ؟
==============
ياپونىيەدە بالىلارنى قائىدە–يوسۇنلۇق قىلىپ تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ
يەن شېڭخې
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ياپونىيەنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. كۆپلىگەن ياش – ئۆسمۈرلەردە ئاتا – ئانىلىرىدىن بىزار بولۇش ۋە ياكى كۈنبويى مەكتەپتىن قېچىپ، ئۆيلىرىدە ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئويناش ھەم كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشنى خالىماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن ياپونىيە جەمئىيىتى ئائىلە تەربىيەسىگە يېڭىباشتىن ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى.
ياپونىيەنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدە بالىنى قائىدە – يوسۇنلۇق قىلىپ تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، ياپونلار بالىلارغا بېرىلىدىغان بىلىم تەربىيەسى بىلەن زېھنىنى ئېچىش تەربىيەسىگە جۇڭگولۇقلاردەك قىزغىن ئەمەس. ياپونىيەلىك بالىلار ياۋاشراق كېلىدۇ، تىرامۋايغا ئولتۇرغاندا قالايمىقان ماڭمايدۇ، رېستۇرانلاردا تاماقلانغاندا كەپسىزلىك قىلمايدۇ. بالىلار باغچىلاردا ئويناۋاتقاندا، باشقا بالىلار ئويۇنچۇقىنى تارتىۋالغانلىقى تۈپەيلىدىن تالاش – تارتىش يۈز بەرسە، ئاتا – ئانىلىرى دەرھال بېرىپ قارشى تەرەپكە ناماقۇل بولىدۇ.
ياپونىيەنىڭ بالا تەربىيەلەش ئورنى ئاتا – ئانىلاردىن ھەر كۈنى بالىلىرى بىلەن ئەتىگەنلىك ناشتىدا بىللە بولۇشنى، ھەپتە ئاخىرى ۋە بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ۋاقىت چىقىرىپ بالىلىرى بىلەن بىللە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھەرقانچە ياخشى مەكتەپ تەربىيەسىمۇ ئائىلە باشلىقىنىڭ بالىلارغا بولغان ئىجابىي تەسىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدىكەن.
ياپونىيەدە ‹‹قېلىپلاشقان مائارىپ›› ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى. ئائىلە تەربىيەسىدە بالىلاردا قائىدە – يوسۇنلۇق بولۇش، ئىجتىمائىي قائىدىلەرگە رېئايە قىلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرگەندىلا، جەمئىيەتكە قەدەم قويغان ھەر بىر بالا ئەدەپ – قائىدىلىك جەمئىيەت ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ. قائىدىلىك ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىلا ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ. ياپونىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە تەربىيەسىنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل ياپونىيە بەرپا قىلىش ئۈچۈن، مائارىپ ئورگانلىرى ھەم ئائىلە تەربىيەسى جەمئىيىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئائىلە تەربىيەسى ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاتا – ئانىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بالىلارنى ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىنى ئۆگىنىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلماقتا.
ئابدۇرېھىم توختى تەرجىمىسىكىلىش مەنبەسى : نىفت بىلوگى