ئەرلەرگە پايدىلىق توققۇز تۈرلۈك يىمەكلىك 1 . پەمىدۇر پەمىدۇردىكى چۈچۈمەل تەم ئاشقازان كېسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئاقسىلنىڭ ھەزىم بۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، پەمىدۇر ، تەركىبىدە مول بولغان ۋېتامىن بولۇپ ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىش رولىغا ئىگە .
2 . سېرىق پۇرچاق دائىم سېرىق پۇرچاق يەيدىغان ئەرلەرنىڭ مەزى بېزىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ . ئۇنىڭدىن سىرت ، سېرىق پۇرچاق ئەرلەردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
3 . كاۋا ئۇرۇقى تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە ، مەزى بېزى يوغىناپ كەتكەن ئەرلەر كاۋا ئۇرۇقىنى كۆپ يەپ بەرسە ، سۈيدۈك قېتىم سانىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپلا قالماي ، باشقا كېسەللىكلەرنىڭمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
4 . سەۋزە سەۋزە ھەزىم قىلىنغاندىن كىيىن تەركىبىدىكى كاتورىن ۋىتامىن غا ئۆزگىرىپ ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، ھۈجەيرىلەردە يامانلىشىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشىنى تېزگىنلەپ ، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
5 . دېڭىز مەھسۇلاتلىرى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ .
6 . سامساق سامساقنىڭ كۈچلۈك باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار . ئۇنىڭدىن باشقا ، ۋېتامىن نىڭ سۈمۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ ، ھارغىنلىقىنى تۈگىتىدۇ .
7 . سۇ ئىنسانلار مېڭىسىنىڭ 75 % سۇ بولۇپ ، سۇ مىقدارى باك ئاز بولسا ئاسان چارچاش ھەمدە ئىنكاسى ئاستىلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .
8 . يېشىل چاي يېشىل چاي تەركىبىدە ۋېتامىن مول بولۇپ ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
9 . قىزىل ھاراق قىزىل ھاراق تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشتىن ساقلىغۇچى ماددىلار مول بولۇپ ، يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
|