پىدىگەننىڭ رولى كۈزدە ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا ، كىشىلەردە ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ . بۇنداق ئەھۋاللاردا پىدىگەن يېگەندە ، ئىسسىق ئېشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . پىدىگەننىڭ تەبىئىتى سوغۇق ، ئىسسىقنى ھەيدەش ، قان توختىتىش رولى بولۇپ ، بەدەندىكى ئىسسىقنى ھەيدەشكە پايدىلىق . پىدىگەن تەركىبىدە ۋىتامىن p بىلەن مىكرو ئېلېمېنتلارمول بولغاچقا يۈرەك قان ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ ، يۇقىرى قان بېسىم، قان تومۇر قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا پايدىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا پىدىگەننىڭ ئاشقازاندىكى قالدۇق ماددىلارنى تازىلاپ ، ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغىمۇ سەل قارىغىلى بولمايد ۇ. پىدىگەن يېيىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش كېرەك . بەزىلەر پىدىگەننى قورۇپ يېيىشكە ئامراق، لېكىن بۇنداق قىلغاندا پىدىگەن تەركىبىدىكى پايدىلىق ماددىلار يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا پىدىگەننى قورۇغاندا ماينى كۆپ قۇيماسلىق ھەمدە باشقا كۆكتاتلار بىلەن كۆپ ئارىلاشتۇرۇپ يېمەسلىك كېرەك. بۇنداق بولغاندا پىدىگەننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىگە تەسىر يېتىدۇ .
|