oznur.cn abduheni
خسلەتلىك تىۋىپ
ساغلام تەندە ساپ ئەقىل
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 563
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 155
شۆھرىتى: 1645 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1939 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 194 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بەدەندىكى زەھەرنى چىقىرۋىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى
ئادەم بەدىندىكى زەھەرلىك ماددىلار ئىككى خىل يول بىلەن كېلىدۇ . بىر خىلى ئاتموسفىراۋە سۇ مەنبەسىدىكى بۇلغىما ماددىلار  نەپەس يولى ۋە تاماق ئارقىلىق بەدەنگە كىرىدۇ .مەسىلەن ، قوغۇشۇن ، ئاليومىن ، سىماب قاتارلىقلار . يەنە بىر خىلى ، يېمەكلىكلەر بەدەندە ماددا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن پەيدا بولغان كېرەكسىز ماددىلار ، مەسىلەن ، ئەركىن رادىكال ، ئىندول ، ھىدرو سولفىد قاتارلىقلار .
بەدەندىكى زەھەرنى چىقىرىش ئۇسۇللىرى :
ئۆزلىكىدىن يۆتىلىش : تەبىئەت دۇنياسىدىكى چاڭ – توزانلار، مېتال زەرىچىلىرى ۋە كېرەكسىز گازلاردىكى زەھەرلىك ماددا قاتارلىقلار نەپەس يولى ئارقىلىق ئۆپكىگە كىرىپ ئۆپكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ ھەم قان ئارقىلىق پۈتۈن بەدەننى زەھەرلەيدۇ . ئۆزلىكىدىن يۆتەلگەندە ئۆپكىنى تازلىغىلى بولىدۇ . ھەر كۈنى سىرتتىكى ساپ ھاۋانى سۈمۈرۈش ھەركىتىنى ئىشلەپ ھاۋانى چوڭقۇر سۈمۈرۈپ ئىككى بىلەكنى ئاستا كۆتۈرۈپ ئاندىن يۆتەلسە ، ھاۋا ئېغىزدىن كىرىپ بۇرۇندىن چىقىپ كېتىدۇ ھەمدە بەلغەم بوشايدۇ .
سۇ ئىچىپ تازلاش :
ھەر كۈنى قەرەللىك تەرەت قىلغاندا ، چىرىندىلەرنىڭ ئۈچەي يولىدا توختاپ قېلىش ۋاقتىنى قىسقارتقىلى بولىدۇ . ئەگەر ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئاچ قورساققا بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسە ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ ، زەھەرنى كىچىك تەرەت بىلەن ھەيدەپ چىقىرۋىتىشكە پايدىسى بولىدۇ .
ھەرىكەت ئارقىلىق تەرلەش :
ئادەتتە تېرىنىڭمۇ زەھەر چىقىرىۋېتىش رولى بولىدۇ ھەرىكەت ئارقىلىق تەرلىگەندە تەر زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېيەلەيدۇ .
يېمەكلىكلەردىن پايدىلىنىش ئۇسۇلى :
1. يېڭى مېۋە ، يېڭى كۆكتاتلار بەدەندىكى زەھەرنى تازلىغۇچى دورا ، ئۇلار بەدەنگە توپلىشىپ قالغان زەھەر ۋە كېرەكسىز ماددىلارنى ھەيدەيدۇ .
2. لامىنارىيىنىڭ رادىئو ئاكتىپ ماددىلارغا نىسبەتەن ئالاھىدە بىرىكىش كۈچى بار . لامىنارىيە تەركىبىدىكى لامىنارىيە يىلىمى بەدەندىكى رادىئو ئاكتىپ ماددىلارنى چوڭ تەرەت ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا ئوڭايلا چىقىرىۋېتەلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن رادىئو ئاكتىپ ماددىلارنىڭ بەدەندە يىغىلىۋىلىپ ، رادىئو ئاكتىپلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىش نىسبىتىنى ئازايتىدۇ .
3. زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى ئىستېمال قىلىش . قارا مور ، گۈمبە مەدەك ( موگو ) قاتارلىقلارنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ ، قاننى تازلاپ زەھەرنى چىقىرىۋىتىدۇ . دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرسە ، بەدەندىكى بولغۇما ماددىلارنى تازلايدۇ .  
4.چىش ئاغرىقى بەدەننىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت سالىدۇ
چىش كېسەللىرى مۇتەخخەسىسى مۇنداق دېدى :<< چىش كېسىلى قارىماققا كىچىك كېسەلدەك كۆرۈنگىنى بىلەن چىش ئاغرىقى چىشنىڭ ئۆزىگە زىيان سېلىپلا قالماستىن ،يۈرەك ، مېڭە ، ئۆپكە قاتارلىق مۇھىم ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ ، نۇرغۇن كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ . چىش كېسىلىنى داۋالاتمىسا يۈرەك ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى  دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تىببىي تەتقىقاتلاردا دەلىللەنگەن >> . يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا ، ياشانغانلاردىكى ئۆپكە ياللۇغى تۈرلۈك چىش كېسەللىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن . بۇنىڭدىن باشقا ،  ھامىلىدار ئاياللاردا ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بولسا باكتېرىيىلەر قانغا كېرىپ ، بالا ھەمرىيى ئارقىلىق ھامىلىنى يۇقۇملاندۇرۇپ ، بالدۇر تۇغۇپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .    
شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، چىشنى پاكىز تۇتۇش ،چىش ساغلاملىقىنى كۈچەيتىش ساغلام ھاياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى .  
                                          ئاتا – ئانىلار سەمىگە  _  
                            يازدا بوۋىقىڭىزنى بەك قېلىن كىيۈندۈرمەڭ
مۇتەخخەسىسلەرنىڭ دېيىشىچە ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ نەپەس يولىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ، لېكىن شامالداپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم ئىكەن .ئۇنىڭدىن باشقا ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرسىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان ئاساسىي نېرۋا سىستېمىسى تولۇق يېتىلمىگەنلىكتىن ، ئۇلارنى بەك قېلىن يۆگىۋەتسە ،سۇ سىراپ كېتىدىكەن . شۇڭا بوۋاقلارغا پاختا رەختلىك يېلىڭ كىيىملەرنى كىيىندۈزۈش ، يازدا بوۋاقلارغا قىزىل چىقىشتىن ساقلىنىش بىلەن بىللە ، ئاسان تەرلەيدىغان قۇلاق كەينى ، قولتۇق ، تېقىم قاتارلىق جايلىرىنى كۈندە بىر قېتىم يۇيۇپ ، ئۇپا سۈرتۈپ بېرىش كېرەك ئىكەن .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+30(axtuzi) پايدىلىق ساۋ ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-19 12:33 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( خسلەتلىك تىۋىپ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    نۇقۇت
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 819
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 153
    شۆھرىتى: 1575 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1670 دوللار
    تۆھپە: 3 ھەسسە
    ياخشى باھا: 168 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    بەك ياخشىكەن ، رھمەت ، مەن ئۆگىنىۋالدىم...........
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-20 20:50 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( نۇقۇت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ساغلاملىق بىلىملىرى
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


    '; ShowAd(); /**/