oznur.cn abduheni
نائىلە

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3090
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 614
شۆھرىتى: 6570 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7441 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 775 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 211(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

قىز- يىگىتلەر تويدىن بۇرۇن ئورتاقلىشىپ بېقىشقا تېگىشلىك 50 مەسىلە


1. ئائىلىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنىشى.
2. ئەقلى ئىقتىدارى.
3. ئوقۇش تارىخى.
4. تىل قابىلىيىتى.
5. ئىككى تەرەپنىڭ تويدىن كېيىنكى نىكاھ مۇناسىۋىتىدە تۇتقان ئورنىغا بولغان تەلىپى.
6. ئائىلىدىكى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ تەقسىم قىلىنىشىغا بولغان قارىشى.
7. نەچچە بالىسى بولۇش ئارزۇسى.
8. تويدىن كېيىن قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن بالىلىق بولۇش ئارزۇسى.
9. بالىنى قانداق ئۇسۇلدا تەربىيىلەشكە بولغان قارىشى.
10. سىياسى ئىدىيىۋى كۆز قارىشى.
11. تاماكا، ھاراق ۋە زەھەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى.
12. ئەر- ئايالنىڭ ئائىلىدە تۇرۇش ۋاقتىغا بولغان كۆز قارىشى.
13. يۇمۇرىستىكىلىقى.
14. تەلەپچانلىقى.
15. تايىنىۋېلىشچانلىقى.
16. ئامراقلىقىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى.
17. جېدەللىشىپ قالغاندىكى ئىپادىسى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلى.
18. ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۇسۇلى.
19. يات جىنسلىق دوستلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى.
20. ئۆزىگە تەۋە شەخسى بوشلۇقنىڭ قانچىلىك بولۇش ئارزۇسى.
21. ئۇتۇق قازىنىشقا بولغان ئارزۇسى.
22. كىشىلىك تۇرمۇش نىشانى.
23. ئورۇق- سېمىزلىككە بولغان پوزىتسىيىسى.
24. دىنى ئېتىقادى.
25. دىنى پائالىيەت بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە شۇغۇللىنىش ئەھۋالى.
26. ئائىلىدىكىلەرنىڭ دىنى پائالىيەت بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە شۇغۇللىنىشىغا بولغان كۆز قارىشى.
27. قىزىقىشى.
28. ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا خىللىرى.
29. زېھنىي كۈچى ۋە تەن قۇۋۋىتى.
30. جىنسى ھەۋىسى ۋە جىنسى تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشى.(پەقەت پاراڭلىشىپ پىكىرىنى ئاڭلاپ بېقىش)
31. ئىقتىسادقا بولغان قارىشى.(ئامانەت قويۇش ۋە ئىستېمالغا سەرپ قىلىش نىسبىتى)
32. قايسى جەھەتلەرگە پۇل خەجلەشكە بولغان قارىشى.
33. ئىئانە، ئۆشرە- زاكاتنىڭ سانى ۋە كىملەرگە بېرىش توغرىسىدىكى قارىشى.
34. نېمىلەرگە مەبلەغ سېلىشقا بولغان قارىشى ، مەبلەغ سېلىشتىكى خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش قابىلىيىتى.
35. ئۆي،كىيىم-كېچەك، بەدەننىڭ تازىلىقىغا، پاكىزلىقىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى.
36. كېسەللىككە تۇتقان پوزىتسىيىسى.
37. ساغلاملىققا بولغان قارىشى. مەسىلەن: قانداق ئەھۋال ئاستىدا دوختۇرغا كۆرىنىش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش مەھسۇلاتلىرىنى قانچىلىك ئىشلىتىشكە بولغان قارىشى.
38. كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىقتىدارى.
39. ئىجتىمائىي پائالىيەت، ئادىمىگەرچىلىك، سورۇنلارغا قاتنىشىش قېتىمى ۋە خاراكتېرى.
40. قەيەردە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە بولغان قارىشى.
41. ئولتۇراق ئۆيىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ۋە زىننەتلىنىشگە بولغان قارىشى.
42. ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ ئۇسلۇبى.
43. ساياھەتكە چىقىش مەنزىلى، ئۇسۇلى ۋە قېتىم سانى.
44. ئارام ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى.
45. بايرامنى تەبرىكلەش ئۇسۇلى.
46. بىرگە بولغان ۋاقىتلىرىنى قانداق ئۆتكۈزۈش قارىشى.
47. قايسى چاغدا ئۇخلاش، قايسى چاغدا ئورۇندىن تۇرۇش ئادىتى.
48. ئۆينىڭ ئىسسىق- سوغۇقلىقىغا بولغان ماسلىشىشچانلىقى.
49. تاماق يېگەچ قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلىرى.(پاراڭلىشىش،تېلېۋىزور كۆرۈش قاتارلىقلار)
50. ياخشى كۆرىدىغان تېلېۋىزىيە پىروگىراممىلىرى.



ئەلۋەتتە، ئالدى بىلەن كۆڭۈل چۈشكەن ئاندىن 50 مەسىلىنىڭ ھەممىسىدە تامامەن ماس كېلىدىغان ھەمراھ تېپىش ھەقىقەتەن قىيىن، «تويدىن ئىلگىرى ئىككى كۆزۈڭنى چوڭ ئاچ، تويدىن كېيىن بىر كۆزۈڭنى يۇمىۋال!» دىگەن ھىكمەت بويىچە ئۆمۈرلۈك ئىشىغا قانچىكى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغاندا بەختلىك ئائىلە قۇرۇش ئىھتىماللىقى يوقىرى بولىدۇ، ماس كېلىدىغان تۈر قانچە كۆپ بولسا چىقىشىپ ئۆتۈش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئېنىق، شۇڭا تورداشلارنىڭ جانلىق، ئىجابىي پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


تېما تەستىقلىغۇچى : ئاشپەز
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-17, 13:39

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( نائىلە )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-17 20:09 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( نائىلە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

نىفىت
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 4131
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 146
شۆھرىتى: 1470 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1520 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 156 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كىچىكىپتىمەن !
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-20 13:02 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( نىفىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/