oznur.cn vip
ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 73
يازما سانى : 1895
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1398(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەسىم:
ياش تالانتلىق ناخشىچىمز «ئابدۇغەنى ئابلىكىم » تور بېكىتىمىزگە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى 
 ھەم ئوزىنىڭ ئىجادى يېڭى ناخشىسىنى  ئاشپەز تورىدىكى تورداشلارنىڭ ھوزىرىغا سۇندى
ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى ئىجادى ناخشىسى «ئانىسىز ئوي»



ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىماھالى

ئۈمىدلىك مۇزىكانت، ياش كومپۇزىتور، تالانتلىق ناخشىچى1981- يىلى 4- ئاينىڭ 8 - كۈنى قەدىمىي شەھەر قەشقەردە سەنئەتكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دادىسىنىڭ تەسىرى بىلەن كىچىكىدىنلا سەنئەتكە ئىشتىياق باغلاپ چوڭ بولغان.

ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئۆسمۈرلۇك چاغلىرى ياكى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بالىلىق چاغلىرىدىلا بولمىسۇن، دەرستىن سىرتقى چاغلىرىدا ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئېلېكتىرونلۇق رويالنى چىلىپ، ناخشا ئېيتىشنى دائىملىق ئادەتكە ئايلاندۇرغان. ئۇ شۇ ئارزۇسى بىلەن 1997 - يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا ئىمتىھان بىرىپ ئۆتۈپ 2000 - يىلغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا نەي كەسپىدە ئوقۇپ ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرگەن. ئۇ 2000 - يىلدىن ھازىرغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسۇل تىياتىر ئۆمىكىدە ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈش بىلەن بىللە كەسىپداشلىرى ۋە ئۇستازلىرىنىڭ ياردىمى ھەم دادىسىنىڭ بىۋاستە يىتەكلەش نەتىجىسىدە ناخشا ئېيتىش ۋە مۇزىكا ئىجادىيەت جەھەتتە كۆپ تىرىشىپ «سىنى دەيمۇ»، «ياشلىق مەۋسۇمى»، «ئۇيغۇر قىزى»، «سەن بولمىساڭ»، «سېغىنىش»، «ئاشىىقلار سۆيگۈسى»، « سۆيەمسەن دېگىن » قاتارلىق ناخشا-مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىپ ھەم «رەنجىمەيمەن»، «مۇھەببەت»، «يۇرتۇم»، «ھەسرەت» قاتارلىق ئىجادىي ناخشىلارنى ئۆزگىچە ئۇسلۇپ بىلەن سەھنە، تېلىۋىزور، رادىئولاردا ئورۇنلاپ كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئىرىشىش بىلەن بىرگە 2003 - يىلى 10 - ئايدا قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «قەشقەرنى مەدھىيەلەش» ئىجادىي ناخشا مۇسابىقىسىدە ئۆزى ئىجاد قىلغان «ياشلىق مەۋسۇمى» ناملىق ناخشىنى ئورۇنلاپ مۇنەۋۋەر ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

2004- يىلى  2- ئاينىڭ  27- كۈنى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ مىللىي چالغۇ ئورۇنلاش مۇسابىقىسىدە يالغۇز نەي بىلەن «يايلاقتىكى باھار يامغۇرى» ناملىق مۇزىكىنى ئورۇنلاپ، كەسپىي گۇرۇپپىلار بويىچە مۇنەۋۋەر ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2004- يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك يىڭى ئادەم، يىڭى ئەسەر، يىڭى ناخشا مۇسابىقىسىدە «رەنجىمەيمەن» ناملىق ناخشىنى ئورۇنلاپ، ئاممىباب ناخشا ئېيتىش بويىچە مۇنەۋۋەر ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

ئابدۇغەنى ئابلىكىم يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۆز ئىقتىدارىنى تولۇق نامايەن قىلىپ «مىنى چۈشەن» ناملىقMTV ,DVD ,VCD  پىلاستىنكىسىنى نەشر قىلدۇرۇپ تارقاتقاندىن كېيىن، سەنئەت سۆيەر خەلقىمىزنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ ئىجادىيەتتىكى ئۆزگىچىلىكى، ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبىدىكى خاسلىقى بىلەن داۋاملىق تىرىشىپ، تېخىمۇ نادىر ناخشىلارنى خەلقىمىزگە سوۋغا قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. بىز بۇ كۆپ قىرلىق سەنئەتكارنىڭ، ئەجدادلىرىمىز ناخشىچىلىقىغا بىقىنغان ئاساستا ئۆزى ئاشىق بولۇپ، كۆيگەن ھەم سۆيگەن كەسپىدە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ھاياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشۇشنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-17 18:03 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

پاتىمە
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 4171
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرىتى: 60 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 60 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 6 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەسسالاممۇ ئەلايكۇم  !!!!!!!!!      ئابدۇغېنى مۇشۇ كەسىپتە تېخىمۇ رۇنا ق تېپىشىڭىزغا چىن قەلبىمدىن تىلەكدا شمەن!!!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-21 13:18 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( پاتىمە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » مۇنبەر پائالىيەتلىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/