
تۈنۈگۈن ، بىيجىڭ شەھەرلىك يىمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ كونترۇل قىلىش مەركىزىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا ، خىزمەتچى خادىملار تەكشۈرۈشكە ئەكەلگەن ماي تۇڭىنى ئالماقتا.Ec7ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ج خ مىنىستىرلىقى جېجىياڭ ئۆلكىسى ، شەندوڭ ئۆلكىسى قاتارلىق رايونلاردا كۆپ مىقداردىكى گۇمانلىق "يېمەكلىك ماي"ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى ، ھازىر بېيجىڭ شەھەرلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ كونترول قىلىش مەركىزىگە تەكشۈرۈشكە ئىلىپ بېرىلماقتا . تۈنۈگۈن ، مۇخبىرىمىز شەھەرلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ كونترول قىلىش مەركىزىگە بېرىپ ، يەر ئاستىدا ياسالغان ماينىڭ تەكشۈرۈلۈش جەريانىنى ئۇقۇشتى . Ec7ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بىر تەرەپ قىلىش ئۆيىدە ، تېخنىك خادىملار تۈرلۈك مايلاردىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى قېتىم ئەۋرىشكە ئىلىپ ، ئوخشاش بولغان نومۇر قويدى ." ھەر بىرخىل مايدىن ئوخشاش ۋاقىتتا چوقۇم ئىككى قېتىم ئەۋرىشكە ئىلىپ ، ئىككى قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىنلا نەتىجىسى ئىشەنچلىك بولىدۇ "دېدى شەھەرلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ ۋېي مەن.Ec7ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مىڭلىغان ماي ئەۋرىشكىسى پروبىركىسى ئىچىدىن ، يەر ئاستىدا ياسالغان ماي ئىزىنى بايقاشتا ، "تۆت چوڭ تۈردىكى يادرولۇق كۆرسەتكۈچنى تەكشۈرۈش ئەڭ مۇھىم"، بۇ تۆت تۈرلۈك يادرولۇق كۆرسەتكۈچ بولسا ئايرىم - ئايرىم ھالدا بولى ھالقىلىق ئاروماتىك گىدروكاربونلار ، خولېستېرىن ، توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى ۋە ئالاھىدە گېندىن تەركىب تاپىدۇ ،ئەگەر تۆت تەرەپتىن "جاھاننامە"بىلەن كۆزەتسەك ، ئوخشاش بولمىغان تەجرىبە گۇرۇپپىلىرى ئوخشاش ۋاقىتتا خىزمەت قىلىپ ، ھەر قانداق بىر كۆرسەتكۈچ تۈرىدە بىنورماللىق بولسا ، " يەر ئاستى ماينىڭ خەتىرىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ "، يەنە بىر قانچە ئورۇن دەرىجە بويلاپ قايتا دەلىللەش ئۆتكىلىدىن ئۆتكەندىن كىيىن بېكىتىلىپ ، ئەڭ ئاخىرىسىدا يەر ئاستىدا ياسالغان مايغا قاچىدىغان تۆشۈك قالمايدۇ دەپ چۈشەندۈردى .Ec7ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
خولېستېرىننى جاھاننامىدىن ئۆتكۈزۈش :Ec7ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مۇخبىر بىر تەجرىبىخانىدا ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇيۇقلۇق خروماتوگرامما ماسسا سىپىكتىر ئاپپاراتىدا بىر تەرەپ قىلىپ بولغان ئون نەچچە ماي ئەۋرىشكىسىگە قارىتا خولېستېرىننى تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى .پەن-تەتقىقات خادىملىرى ئاپپارات بىلەن ئۇلانغان كومپيۇتېر ئېكرانى ئارقىلىق ، ھەر بىر پروبىركىدىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈپ ، "ھەقىقىي يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيىدا خولېستېرىن بولمايدۇ ياكى مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ ، ئەگەر مەلۇم بىر ماي ئەۋرىشكىسىدىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارى بەلگىلەنگەن نورمالىنى دائىرىدىن يۇقىرى بولسا ، بۇ مايدا يەر ئاستىدا ئىشلەنگەن ماي تەركىبى بار دەپ گۇمان قىلىشقا بولىدۇ ." دېدىEc7ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
توك ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى جاھاننامىدىن ئۆتكۈزۈش :Ec7ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
توك ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشنىڭ پرىنسىپىمۇ ئوخشايدۇ . پەن-تەتقىقات خادىملىرى تونۇشتۇرۇپ ، نورمالىنى ماي توك ئۆتكۈزمەيدۇ ، ئەمما ماي ئىچىپ قالغاندىن كىيىن ھاسىل بولغان تۈرلۈك قۇتۇپلۇق ماددىلار مايدا توك ئۆتكۈزىدۇ . يەر ئاستىدا ياسالغان ماي قايتا - قايتا چۆچۈتىلگەن ، تەركىبى مۇرەككەپ ، زور مىقداردا مېتال قالدۇق ئىئونى بولغاچقا ، توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ .Ec7ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بولى ھالقىلىق ئاروماتىك گىدروكاربونلارنى جاھاننامىدىن ئۆتكۈزۈش :Ec7ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
راك پەيدا قىلغۇچى بولى ھالقىلىق ئاروماتىك گىدروكاربونلار بولسا يەر ئاستىدا ياسالغان ماينىڭ بىخەتەرلىك خەتىرى ئىچىدىكى خەتىرى ئەڭ زور زىيانلىق تەركىب .جاڭ ۋېي مىن مۇنداق دېدى . " بولى ھالقىلىق ئاروماتىك گىدروكاربونلار "تىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تەكشۈرۈلىدىغان كۆرسەتكۈچ بولۇپ ، يەر ئاستى ماينى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى ئورنىتىش جەريانىدا ، پەن-تېخنىكا خادىملىرى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرگەندىن كىيىن ، يەر ئاستى ماينى ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ۋە خەتىرىنى تەقلىدى تەسۋىرلەش ئارقىلىق بېكىتىلىدىغان بولۇپ ، 16تۈرلۈك كونكرېت تەكشۈرۈش تۈرى بولىدۇ .ئەمما بېيجىڭ رايونىدىكى يېمەكلىك ماي خەتىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە بۇ كۆرسەتكۈچلەر تەكشۈرۈپ چىقالمىغاچقا ، تەتقىقات ئۆمىكى بۇ كۆرسەتكۈچلەرنى بېكىتىشنىڭ ئەھمىيىتىدىن گۇمانلىنىپ ، "بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ئاندىن، بىز ج خ Ec7ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈشكە ئەكەلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى قارا ئۇۋىدىن قولغا چۈشۈرگەن ماي ئەۋرىشكىسىدىن يەر ئاستىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ماي تەركىبى ۋە بولى ھالقىلىق ئاروماتىك گىدروكاربونلارنى تەكشۈرۈپ چىقىپ ، ئۇلارنىڭ خەتىرىنى ئىسپاتلىدۇق دېدى .Ec7ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئالاھىدە گېننى جاھاننامىدىن ئۆتكۈزۈش :Ec7ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بۇ تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئەڭ قىزىقارلىق تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى بولۇپ ، گۇمانلىق "يېمەكلىك ماي " ئەۋرىشكىسى ئىچىدىكى " ئالاھىدە گېن گۇرۇپپىسى " نى تېپىپ چىقىدۇ . جاڭ ۋېي مەن تونۇشتۇرۇپ ، يەر ئاستىدا ياسالغان ماي كۆپ خىل مەنبەلەردىن كەلگەن كېرەكسىز مايلارنىڭ ئارىلىشىشىدىن شەكىللىنىدىغان بولۇپ ، تەركىبىدە ھايۋانات مايلىرى بولىدۇ .شۇڭلاشقا ، پەن-تەتقىقات خادىملىرى مولېكۇلا بىئولوگىيىسىدىكى گېننى بېكىتىش پرىنسىپىغا ئاساسەن ، نۇرغۇنلىغان ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ، ئەۋرىشكە ئىچىدە ھايۋانات گىنىنىڭ بار يوقلۇقىنى ئىزدەپ ، تېپىلغان گېن بۆلەكلىرىنى رەتكە تىزىپ ، يېمەكلىك مايدا ھايۋاناتنى مەنبە قىلغان تەركىبلەرنىڭ بار يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ . ج خ مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈشكە ئىلىپ كەلگەن كۆپلىگەن ئەۋرىشكىلەر ئىچىدە ، بىز چوشقىنى مەنبە قىلغان گېن بارلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق دېدى .Ec7ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
پەردە ئارقىسىدا Ec7ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
پەن-تەتقىقات خادىملىرى قازان ئېسىپ ئەسلىدىكى يەر ئاستىدا ياسالغان ماي ئىشلەپچىقىرىشنى تەقلىدى قىلدى .Ec7ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
جاڭ ۋېي مەن ئەسلەپ ، ئۇدا " يەر ئاستىدا ياسالغان ماي " ئەۋرىشكىسىنى تاپالمىغاچقا ، پەن-تەتقىقات خادىملىرى تەجرىبىخانا سىرتىغا قازان ئېسىپ ، بازاردىن ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى ، مايلىرىنى سېتىۋېلىپ ئەكېلىپ ، پىلتا قۇيماق ، ياڭيۇ پارچىسى بىلەن بىرلىكتە خاسىڭ مېيى ، دادۇر مېيى قاتارلىق ئادەتتىكى ئۆسۈملۈك مېيى بار قازانغا سېلىپ ،قايتا -قايتا قورۇپ ، مايدىن ئېچىق پۇراق چىققۇچە قويۇپ قويدى .ھەم سۇ بىلەن ماينى ئايرىپ ، ئىشقارلىق بور روپىسى قاتارلىق سۈمۈرۈپ يېپىشتۇرغۇچى (ئادسوربسىيە)خۇرۇچ ئارقىلىق قالدۇق ماددىلىرىنى سۈمۈرۈپ،ئاكتىپ كاربون ئارقىلىق پۇرىقىنى يوقىتىپ ، "يەر ئاستىدا ياسالغان ماي"نى يىغىش ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بارلىق جەريانىنى تەقلىدى قىلدى دېدى.Ec7ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مۇشۇنداق قايتا -قايتا تەقلىدى جەريان ئارقىلىق ، پەن-تەتقىقات خادىملىرى قايتا -قايتا تەكشۈرۈپ ، دەلىللەپ ، ئەڭ ئاخىردا ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ دۆلەتنىڭ تازىلىق ئۆلچىمىدىن سىرت ،تۆت چوڭ تۈردىكى 20دىن ئارتۇق ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇپ ، "يەر ئاستى ماي "نىڭ ئىز دېرىكىنى قىلدى .Ec7ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بىر قاتارلىغان چەككىلەش ئارقىلىق ، تېخنىك خادىملار ھەقىقەتەن ئاز بولمىغان مەسىلىلەرنى بايقىدى .بىرىنچىدىن ، " يەر ئاستىدا ياسالغان ماي "نى بىر قانچە قېتىم بىر تەرەپ قىلىپ، يېمەكلىك ماينىڭ دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، كۆرسەتكۈچتە ھەقىقەتەنمۇ "لاياقەتلىك مەھسۇلات " ئىكەنلىكى بېكىتىلدى .ئىككىنچىدىن ، ئادسوربسىيە خۇرۇچلىرى قاتارلىق ماتېرىياللار نىسبەتەن ئەرزان بولغاچقا ، "يەر ئاستىدا ياسالغان ماي"نى چەككىلەشتە ،ھەقىقەتنىمۇ ھەددىدىن ئارتۇق پايدا ئىلىش قىلمىشى بارلىقى بېكىتىلدى .
مەنبە:
http://www.izbasar.com/news/kizzik/2011/09-15/b791a7cd86278e11e1bde209a7b5888e.htmhttp://www.izbasar.com/news/kizzik/2011/09-15/b791a7cd86278e11e1bde209a7b5888e.htm