رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، خۇنەن جۇجۇۋدا بىر جۈپ ياش توي قىلدى، گەرچە ياشلارنىڭ توي قىلىشى يېڭىلىق بولمىغان بىلەن بۇ تويدىكى بىر ئىش كىشىلەرگە يېڭىلىق تويۇلدى. يەنى توي قىلغان يىگىت سەككىز دانە چوڭ تىپتىكى يۈك توشۇش ماشىنىسى بىلەن كېلىنچەكنى ئېلىپ توي بولغان مەرىكە زالىغا كەلدى. ماشىنا ئەتىرىتى زال ئالدىغا يېتىپ كەلگەندە كېلىنچەك قولىغا گۈل ئېلىپ، يىگىتنىڭ ياردىمىدە يۈك ماشىنىسىدىن ئاستا چۈشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەخىتنىڭ قىرغىقىغا يېتىپ كەلدى. قىز كۆچۈرۈش ئەتىرىتى جۇجۇۋ شەھەرلىك ئاقۇ گۈللۈكىدىن يولغا چىقتى، نۇرغۇنلىرىمىز ھەر خىل ئېسىل ماشىنىلار بىلەن توي كۆچۈرگەننى كۆرگەن بولىشىمىز مۇمكىن، تورىمىز ئۆتكەندە 35 دانە ئوخشاش رەڭلىك ئېسىل ماشىنىدا توي كۆچۈرگەن بىر خەۋەرنى چىقارغان. لېكىن بۇ سەككىز دانە يۈك توشۇش ماشىنىسى ئۇ ئېسىل ماشىنىلارغا ھەرگىز ئۇتتۇرۇپ قويمايدۇ، ئۇلارمۇ ناھايتى ھەيۋەت، ناھايتى قالتىس. سەككىز دانە چوڭ يۈك ماشىنىسىدا كېلىنچەكنى كۆچۈرۈش تەلىپىنى كېلىنچەك ئالدىنقى يىلى يىگىت بىلەن تويلىشىشقا پۈتۈشكەندە قويغان تەلەپلەرنىڭ بىرى. كېلىنچەكنىڭ ئائىلىسى مەخسۇس يۈك توشۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىندىغان شىركەت ئاچقان بولۇپ، يىگىت كېلىنچەككە توي تەكلىپى قويغاندا، كېلىنچە:« بىز توي قىلغان كۈنى، سىز سەككىز دانە قىزىل رەڭلىك چوڭ تىپتىكى يۈك ماشىنىسى ھەيدەپ مېنى ئالغىلى كېلەلەمسىز؟» دېگەن. تويدىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى يىگىت ماشىنىلارنى ئۇقۇشۇپ قويغان ۋە يۇيۇپ تازلاپ، خۇشاللىق، مەڭگۇ ئىناق-ئىجىل ئۆتىمىز، مەڭگۇ بەخىتلىك بولىمىز دېگەن خەتلەرنى چاپلاتقۇزۇپ تەييار قىلىپ قويغان.
مەنبە: نۇر تورى
|