يالپۇز چۆچۈرىسى:
1.يالپۇز يوپۇرمىقى 250 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق ئۇن 500 گرام، ياغ لازا مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ يېغى ياكى چاۋا ياغ 70 گرام، سوققان كاۋاۋىچىن ئازراق. خېمىرى ۋە جىلتى چۆچۈرىنىڭكىدەك تەييارلىنىدۇ.
2. يالپۇزنىڭ يوپۇرماقلىرىنى چاناپ، پاكىز يۇغاندىن كېيىن سۇ يېغى ياكى چاۋا ياغ، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن ئارىلاشتۇرۇپ يالپۇز قىيمىسى تەييارلىنىدۇ.
3. تەييارلانغان جىلتقا يالپۇز قىيمىسىدىن ئېلىپ چۆچۈرە تۈگۈپ، قايناق سۇغا سېلىپ 5 ـ10 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. ياغ لازا ئايرىم كەلتۈرۈلىدۇ. ھەر كىم خالىغانچە سالسا بولىدۇ.
ماۋۇ يالپۇزنىڭ خۇسۇسىيتى ئىسىل بولىدىكەن، تىۋىپ قېشىغا بىرىپ يالپۇزنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە قەۋزىيەتنى راۋان قىلىدۇ، ئاشقازان ئۈچەيدىكى يەللەرنى ھەيدەيدۇ، بىر مەزگىل ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئورۇقلىتىدۇ دېگەن ئىدى. كىيىن كىتابتىن بۇ يالپۇز چۆچۈرىسى ئىتىشنى ئۈگىنىۋالدىم. بۇ جەھەتتىكى ئۈنۈمى ياخشى ئىكەن.
[ بۇ يازمائائىيشەتەرپىدىن2011-09-14 11:17دە قايتا تە ]