مۇنبىرىمىزگە تۆھپە قوشىۋاتقان ، ئىشتىراك بولىۋاتقان مىھنەتكەش باغۋەنلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن ! بىزگە ئاشپەزلىكتىن دەرىس بېرىۋاتقان مۇنبەردىكى قولى گۈل ئۇستاملار سىلەر ھەم ماڭا ، بىزگە ئۇستاز ، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !

تۆت يىل مۇقەددەم دەل مۇشۇ بايرام كۈنى يۈكسەك ئارزۇ - ئىستەكلەرنى دىلىمغا پۈكۈپ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمنى باشلىغانىدىم ، ھېلى ھەم شۇ نۇرلۇق نىشاننى كۆزلەپ كېتىۋاتماقتىمەن ، ئۇ كۈندىكى ھاياجىنىمنى دىمەيلا قۇياي ، ھەر يىلى بۇ بايرامنى ئۆتكۈزگەندە يۈرىكىم يەنە شۇنداق ھاياجان ھەم پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ ، ئۇستازلىرىم ، كەسىپداشلىرىم بايرام مۇبارەك ! ئېزىز تىنىڭلار سالامەت بولغاي ، ئەۋلات ئۈچۈن كۆيىۋاتقان يۈرىكىڭلار شاتلىققا تولغاي ، مىھنەت تۇلپارىڭلار ھارمىغاي!
قېنى ھەممىمىز بىرلىكتە تۆۋەندىكى كۈيلەردىن ھوزۇرلىنايلى !
مىھنەتكەش باغۋەنلىرىمىزنى قانچە مەدھىيلىسەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ ، تۆۋەندىكى شېئىزدىنمۇ بەھىرلىنەيلى !
دۇنيادا ھەممىدىن مۇئەللىم ئۇلۇغ .
مېھرى نۇر ئوخشايدۇ قۇياشقا تولۇق ،
كۈلسە گەر قىزىرار ھەتتاكى ئۇپۇق .
بولغاچ ئۇ ئادەملەر قازىنار ئۇتۇق ،
مېھرىدىن قاراڭغۇ دىللارمۇ يۇرۇق .
دۇنيادا ھەممىدىن مۇئەللىم ئۇلۇغ .

كۈچ ئالار ئەجرىدىن نىمجان - مەجرۇھلار ،
نۇرلىنار يۈرەكتە ئارزۇ -ئارمانلار .
سۆيگۈگە قانار ھەم تەشنا بۇ دىللار ،
مەدھىيلەپ سايرايدۇ ھەتتا بولبۇللار .
دۇنيادا ھەممىدىن مۇئەللىم ئۇلۇغ .

ئۇ بولغاچ غەپلەتتىن ئويغانغان ئاۋام ،
ئوچۇق كۆز ئەمالار ساقىيار تامام .
ئاڭا زەپ لايىق " شام " دېگەن بۈيۈك نام ،
بېرىمىز ئون قەدەم نېرىدىن سالام ،
دۇنيادا ھەممىدىن مۇئەللىم ئۇلۇغ .

مەرىپەت بېغىدا ئۆستۈرۈپ كۈچەت ،
ھەر دەقىق تۆكتى كۆپ ئالەمچە مېھنەت ،
ئەۋلاد دەپ چەكسىمۇ كۈلپەت - مۇشەققەت .
شۇندىمۇ قىلمايدۇ زەررىچە مېننەت ،
دۇنيادا ھەممىدىن مۇئەللىم ئۇلۇغ .

ئۇ بولغاچ ئېچىلار ئالەم سىرلىرى ،
كۆمۈلمەس گۈل ئۈنگەن قەدەم ئىزلىرى ،
ئۇنىڭسىز پارلىماس ئىلىم نۇرلىرى .
لەيلىدەر ھەر دىلدا ھۆرمەت تۇغلىرى ،
دۇنيادا ھەممىدىن مۇئەللىم ئۇلۇغ .

بار ئۇندا بىر يۈكسەك مەسئۇلىيەت ، دىت ،
نۇرلىنار سەبىيلەر قەلبىدە ئۈمىد ،
باغدا گۈل - چېچەكلەر چاچىدۇ خۇش ھىد .
سالام دەپ ئېگىلەر ھەتتا پرېزدېنىت ،
دۇنيادا ھەممىدىن مۇئەللىم ئۇلۇغ .

بولغاچ ئۇ قۇياشقا تەڭداش خۇش چىراي ،
بۈركۈتلەر ئۇچۇرۇم بولدى كۆپ - تالاي .
قەلبى نۇر ، پەزىلەت تولغان بىر ساراي ،
گۈزەللىك جاراڭلار مىسالى بىر ئاي ،
دۇنيادا ھەممىدىن مۇئەللىم ئۇلۇغ .

يۈرىكى بىر ئاتەش لاۋۇلدار ۋۇجۇت ،
گۆرىگە تىقىلار زىمىستانى - جۇت .
قوينى زەپ ئىللىق بىر نەۋ باھارۇ - ھۇت .
تاڭ سۆيۈپ باقىدۇ جىلىمىيىپ ھەم قۇت ،
دۇنيادا ھەممىدىن مۇئەللىم ئۇلۇغ .

قان بەردى ھاياتقا ، جان بەردى ھەردەم ،
چاقىغان دىللارغا تۆكۈپ كۆپ زەمزەم .
ئەجرىدىن ئادەمدۇر جىمىكى ئادەم ،
كۈچ ئېلىپ باستى ئەل بەختكە قەدەم ،
دۇنيادا ھەممىدىن مۇئەللىم ئۇلۇغ!
