ئاساسىي ماتىرىيالى :
لەمپۇڭ بىر بۆلەك ، سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسى 50 گىرام ، پالەك 2 مۇنچاق ، كەرەپشە ئاز مىقداردا ، قەلەمچە توغرالغان كالا گۆشى 50 گىرام ، قاقلانغان قىزىل دىڭىز يۈسۈنى يەنى زىسەي ( لاۋېر ) يىرىم كىسىك ، يېڭى قىزىلمۇچ ئىككى دانە ، پىشىق ئاقكۈنجۈت ئاز مىقداردا .

دۇرا - دەرمەك ماتىرىياللىرى :
كۈنجۈت مىيى ، شىڭچۇۋ ، خۇشبۇيلۇق ئاچچىقسۇ ، تۇز ، شېكەر ، چانالغان سامساق ، پىياز قەلەمچىسى قاتارلىقلار .
ئىتىش ئۇسۇلى :
1. لەمپۇڭنى بۆلەك قىلىپ كىسىپ قاچىغا سېلىپ تەييار قىلىپ قۇيۇيىمىز ، ئاندىن كالا گۆشى قەلەمچىسىنى كۈنجۈت مېيى بىلەن قۇرۇپ پۇشۇرۋالىمىز .
2. سېرىق پۇرچاق ئۈندىمىسى ، پالەك ، كەرەپشىنى ئايرىم ئايرىم ھالدا قايناقسۇغا بىسىپ پۇشۇرىمىز . ئاچچىق قىزىلمۇچنى قەلەمچە تۇغراپ تەييارلىۋالىمىز .
3. قىزىل دىڭىز يۈسۈننى ئۇششاق تۇغرايمىز . ئاخىردا بايا تەييارلىۋالغان لەمپۇڭنىڭ ئۈستىگە ، تەييار قىلىنغان دەرمەكلەرنى ئىلەشتۈرۈپ ، ئۈستىگە پىشىق كۈنجۈتنى سالساقلا بولىدۇ .
تەمى ياخشى ، يېيىشلىك ، رەڭگى كۆركەم ، << كورىيىچە راڭپىزى>> نى بىر يەپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ .
يۇل تاپالماي يۈرۋاتقانلار مۇشۇ تىجارەتنى قىلسا بولىدۇ . بەلكىم ئۆزگۈل راڭپىزىسىدەك يۇل تېپىپ كىتىشى مۇمكىن .
جوڭگۇدا ئىككى خىل راڭپىزا ئەڭ بازارلىق بولۋاتىدۇ ، بىرسى مۇشۇ << كورىيىچە ئىتىلگەن راڭپىزا >> ،
يەنە بىرىسى سىچۈەننىڭ << چۈەن بىي راڭپىزىسى >> .
