oznur.cn abduheni
halmurat
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2842
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 77
شۆھرىتى: 790 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1110 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 93 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 96(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

غىزالارنىڭ ئىستىمال تەرتىۋىنى بىلىپ قويۇڭ!
مىجەزىگە قاراپ ياقىدىغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش، قايسى ۋاقىتتا قانداق غىزالارنى قايسى خىل ئۇسۇلدا ئىستىمال قىلىش، كۆپ خىل غىزالارنى بىر ۋاقىتتا ئىستىمال قىلغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش قاتارلىقلار كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.
بىرلا ۋاقىتتا ، بىر كۈن ئىچىدە بىر-بىرىگە قارشى بولغان، بىر قانچە خىل يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئۇنىڭ ئاقۋېتى بايان قىلىنغان. يېقىندا بىرسىنىڭ مۇشۇ ئۇسۇلدا بىرسىگە تۇيدۇرماي دۈشمەنلىك قىلىشىدەك رەزىل قىلمىشى قۇلقىمغا چۈشۈپ قالدى.
ئىشنىڭ بايانى مۇنداق:
بىر يېگىت چىرايلىق بىر قىزغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. ئۇ قىزنى قوغلىشىپ يۈرۈپ ئاز -تولا تەسىرلەندۈرگەنمۇ ئوخشايدۇ. ئارىدا بىر -ئىككى يىللار ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ قىزنىڭ ئۆيىگە پۇلدار، يۈز-ئابرويلۇق بىر ئائىلىدىن ئەلچى كەپتۇ. قىز دەسلاپتا رازىلىقى يوقلىقىنى ئېيتىپ قارشىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى يىرالماپتۇ. (ئۆزىنىڭمۇ مەيلى بولسا كىرەك). قىزنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن ئىشنىڭ تولۇق ئەھۋالىنى سېزىپ قالغان يېگىت ئۇ قىزغا كۆپ يىلىنىپ ئۆزنىڭ ساپ مۇھەببىتىنى قايتا-قايتا ئىزھار قىلغان بولسىمۇ قىز ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى يىرالمايدىغانلىقىنى دەپ ئۇ يېگىت بىلەن ئايرىلىپ كېتىشنى تەلەپ قىپتۇ. ئۇ قىز بالىنىڭ بۇ قىلىقىدىن ئۆزىنى ئالدانغاندەك ھېس قىلىپ خورلۇق، ئەلەمگە چىدىماي (ئۆزىچە شۇنداق ھېس قىلغان چېغى) ئۇ قىزغا چاندۇرماي زىيانكەشلىك قىلىش ھەققىدە كۆپ ئويلىنىپتۇ. بىر كېشىنى قانداق قىلغاندا بەرەس (ئاق كېسەل) كېسىلى قېلىۋەتكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ماتېريال كۆرۈپتۇ، (ئىشقىلىپ ئىزدەنگەن ئوخشايدۇ، بولمىسا قاندا بىلىدۇ، بۇنداق مەخپى ئىلىمنى). ئاخىرى ئۇ قىزنى تۇيدۇرماي ئاق كېسەل قىلىۋەتكىلى بولىدىغان ناھايتى بىخەتەر بىر ئۇسۇلنى پىلانلاپتۇ. ئۇ قىزغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ بىر كۈن سېرتلاردا بازار ئايلانغاچ تاماقتا بىرگە بولۇشقا كۆندۈرۈپتۇ. ئاۋۋال باققالنىڭ ئالدىدىن 3-4 تالدىن ئەنجۈر يېيشىپتۇ، ئاندىن تاماقخانىغا كىرىپ قىز بالىغا بېلىق، كەپتەر باچكىسى، چارەكتىن گاڭپەن ( مۇشۇ گەپنى ساپ ئۇيغۇرچە نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلمەي يۈرۈيمەن مۇشۇ كۈنگىچە ) بۇيرۇتۇپتۇ.( زورلىغاندەك بىر ئىش بوپتۇ) . سامساقنى سويۇپ قويۇپ خام ھالەتتە تاماق بىلەن بىللە يېگۈزۈپتۇ. ئۆزى باشقا تاماق يېگەن ئوخشايدۇ. ئارقىدىن بىر پىيالىدىن قىتىق ئىچىپتۇ. كەچتا ئايرىلىش ئالدىدا يىگىت تونۇر كاۋېپى يەيمىز دەپ زورلاپ تۇرىۋېلىپ ئىشتاھانى ئاچىدۇ دەپ قىز بالىنى كاۋاپنى پىياز بىلەن يېيىشكە قىزىقتۇرۇپتۇ، ئىشقىلىپ ئىشلار ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن پۈتتۈرلۈپتۇ.>>
بۇ ئىشنى ناتونۇش بىر سەپەردىشىم خوتەندىن قايتاشىمدا مېنىڭ تېۋىپ ئىكەنلىكىمنى بىلگەندىن كىيىن ئېيتىپ بەردى. دوستىنىڭ ئېيتىشىچە ھىلىقى قىزتېرىسى شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش بولۇپ بىرەر ئايغا قالماي ئاقىرىپ كىپەكلىشىشكە قاراپ ماڭغان.
مەن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم پەقەت شۇ- ئىلگىركى بەزى كىتابلاردا شۇنداراق بىر بايانلار بولىدىغان دەپ دەپ قويدۇم، ئىچىمدە ھىلىقى قىزغا زىيانكەشلىك قىلغان ئىپلاس، تەلۋە -ساراڭنى مېڭنى تىللىدىم.
گەرچە بۇ ئىشلار مېنىڭ ئالدىمدىن ئۆتۈپ باقمىغان بولسىمۇ باشقىلارنى بىلىپ قالسۇن دەپ بايان قىلىۋاتىمەن. بىلىپ قالسىڭىز، يېمەك ئېچمەكتە دىققەت قىلسىڭىزلا بولدى. سىناپ باقىمەن دەپ ئۇرنۇپ يۈرمەڭ! باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش كويىدا بولماڭ! ياراتقۇچىنىڭ غەزىپىدىن قورقۇڭ!!!
غىزالارنىڭ تەرتېۋى ھەققىدە يەكەن سەئىدىيە خانلىق زامانىسىدا ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ھۆكۈما (تېۋىپ) سۇلتان ئەلى ھەزرەتنىڭ <<دەستۇرىل ئىلاج>> ناملىق كىتاپىدا شۇنداق بايان قىپتۇ:
ياغلىق تائاملار ئاشقازاننى زەئىپ ۋە ئېغىر قىلىپ ئىشتاھانى كېمەيتىدۇ؛ سوغۇق تائاملار بوشاڭلىق ، خامۇشلۇق پەيدا قىلىدۇ؛ ئاچچىق تائام تېز قىرتىدۇ؛ تۇزلۇق تائاملار كۆرۈش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. قېتىق ، غورا، گۈرۈچ، سىركە، كەپتەر باچكىسى، سامساق، پىياز، سۇزاپ ئۇرىقى، بېلىق، ئەنجۈر قاتارلىقلارنى بىر كۈندە، بىرلا ۋاقىتتا ئېستىمال قىلماسلىق لازىم. ئەگەر ئېستىمال قىلسا جوزام (ماخاۋ)، بەرەس (ئاق كېسەل) نى پەيدا قىلىدۇ. ھۆل مېۋىنىڭ ئارقىسىدن سۇ ئىچمەسلىك ، سامساق بىلەن پىيازنى بىللە يېمەسلىك ، تونۇر كاۋىپىنى تونۇردىن ئىلىپلا يۆگەپ قويغان بولسا يېمەسلىك، بىر ئاز ئوچۇق قويۇپ بۇسلىرىنى چىقىرۋېتىپ ئېستىمال قىلىشى كېرەك. پىيازنى كۆپ ئېستىمال قىلسا كەلەپ(داغ-سەبگۈن)، ۋە باش قېيىش پەيدا قىلىدۇ. شاراب بىلەن سۈت بىر كۈندە ئېچىلسە نېقرەس پەيدا قىلىدۇ. بېلىق، سۈت، توخۇ تۇخۇمى، قېتىق ۋە پىشلاقنى بىر كۈندە يېمەسلىق.
تېما تەستىقلىغۇچى : شاھ تائام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-29, 04:07

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( halmurat )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-08-29 07:01 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( halmurat ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مەرھابا323
دەرىجىسى : پىشقەدەم ئەزا


UID نۇمۇرى : 3833
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرىتى: 80 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 80 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 8 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەن دائىم سامساق بىلەن پىياز كۆپ سىلىنغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرەتتىم دىققەت قىلسام بولغىدەك.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-30 23:04 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مەرھابا323 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ساغلاملىق بىلىملىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/