oznur.cn abduheni
halmurat
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2842
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 77
شۆھرىتى: 790 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1110 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 93 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 96(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

جىگەردىكى زەھەرنى تازىلايدىغان يېمەكلىكلەر

سەۋزە:سىمابنى ئۈنۈملۈك تازىلايدىغان يېمەكلىك. سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى مول مىقدارلىق مېۋە يېلىمى سىماب بىلەن بىرىكىپ،قاندىكى سىماب ئىيونىنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ.كۈندە ئازراق سەۋزە ئىستىمال قىلىنسا،ئاشقازاندىكى قان ئايلىنىشىنى غىدىقلاپ،ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ،كېسەل پەيدا قىلىدىغان قېرىتقۇچى ئەركىن رادىكاللارغا قارشى تۇرغىلى بولىدۇ.
سامساق:سامساقتىكى ئالاھىدە تەركىب بەدەندىكى قوغۇشۇننىڭ مىقدارىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ.
ئۈزۈم:جىگەر،ئۈچەي،ئاشقازاننڭ بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە قاننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى كۈچەيتىدۇ.
ئەنجۈر:تەركىبىدە ئورگانىك كىسلاتا ۋە كۆپ خىل ئېنزىم بولۇپ،جىگەرنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ،ئاشقازاندىكى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

                                           بۆرەكنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان يېمەكلىكلەر

تەرخەمەك: ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ  ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ.ئۇنىڭ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بولۇپ، سۈيدۈك يولىنى تازىلاپ، بۆرەكنىڭ سۈيدۈك يولىدىكى زەھەرنى تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كاۋا ماددىسى،تەرخەمەك كىسلاتاسى ئۆپكە،ئاشقازان،جىگەر قاتارلىقلارنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
گىلاس:ئەڭ قىممەتلىك دورىلىق يېمەكلىك بولۇپ، بۆرەكنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ئالاھىدە ياردەم بېرىدۇ.ئۇنىڭ يەنە تەرەت راۋانلاشتۇرۇش رولى بار.

                                           ئاشقازاننى سىلىقلاپ،زەھەر تازىلايدىغان يېمەكلىكلەر

قارا قېرىنقۇلاق:ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئۆسۈملۈك يېلىمىنىڭ بىر قەدەر كۈچلۈك يېپىشتۇرۇش رولى بولۇپ،ھەزىم قىلىش يولىدا تۇرۇپ قالغان چاڭ-توزان ئارىلاشما ماددىلىرىنى ئۆزىگە يېپىشتۇرۇۋېلىپ،بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىپ،ئاشقازاندىكى زەھەرنى تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ.
لامنارىيە:ئۇنىڭ تەركىبىدىكى يودلار ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلگەندىن كىيىن كېسەللىك باكتېرىيەسى ۋە ياللۇغلىنىشتىن پەيدا بولغان ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنىلىتىدۇ،ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،زىيانىلىق ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ،لامنارىيەنىڭ تەركىبىدىكى كۆپ قەنتلىك سولفات كىسلاتا قاندىكى خولېستېرىننى سۈمۈرۈۋېلىپ، بەدەننىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاپ، قاندىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ.
ئالما:ئالمىنىڭ تەركىبىدىكى گالاكتۇرونىك كىسلاتا زەھەر تازىلاشقا پايدىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى يېمەكلىكنىڭ ئاشقازان يولىدا چىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بۆلجۈرگەن: تەركىبىدە مول ئورگانىك كىسلاتا،مېۋە يېلىمى ۋە مىنېرال ماددا بولۇپ،ئاشقازاننى تازىلاپ،جىگەرنى قۇۋەتلەيدۇ.
ھەسەل:ھەسەلنىڭ ئاساسلىق تەركىبى گىلۇكوزا،مېۋە كىسلاتاسى بولۇپ،ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ.ھەسەلنى كۆپ يېسە  زەھەرنى تازىلاپ، ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
يىرىك گۈرۈچ:ئۇنىڭ< چوڭ ئۈچەينى تازىلىغۇچى> دېگەن نامى بولۇپ،ئۈچەيدە يىغىلىپ قالغان ماددىلارنى سۈمۈرۈۋېلىپ،بەدەننىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ.

مەنبەسى:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


تېما تەستىقلىغۇچى : شاھ تائام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-27, 23:35

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( halmurat )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-08-28 06:17 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( halmurat ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئىنتىزار0998
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 3876
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 151
شۆھرىتى: 1560 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1620 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 169 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەنمۇ بىلىۋالدىم .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-28 11:39 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئىنتىزار0998 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ساغلام يىمەكلىك ساغلام ھايات
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/