
شاپتۇل سالامەتلىكنى ياخشىلاشقا،ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇشقا،قان ئايلىنىشنى ياخشىلاشقا ،ۋە ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق.قەۋزىيەت بولغانلار،ۋە ھەيز كۆرمىگەنلەر ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.
شاپتۇلنىڭ تەركىۋىدە كالىي كۆپ،ناترى ئاز بولغاچقا،شاپتۇل سۇلۇق ئىشىق بىلەن ئاغىرغان كېسەللەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا تازا باپ كىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا شاپتۇل مېغىزنىڭ زەھەر ماددىسى بولسىمۇ،لېكىن ئۇ قان قېتىش،ۋە جىگەر كېسىلنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە.
ئۇ يەنە تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ.شۇڭا ئۇ ھەيز توختاپ قالغان،ياكى ھەيز ئاغىرتىپ كىلدىغانلار ئۈچۈن پايدىلىق.
بۇنىڭدىن باشقا،شاپتۇلنىڭ يىلىمى بىلەن خىلوس سىيىش،شېكەر سىيىش،ۋە ئىدارا يوللىرىدا تاش تۇرۇپ قېلىش كېسىلىنى داۋالىغىلى بۇلىدۇ.
شاپتۇل يىلىمى ھەر قېتىمدا 10-20گىرام قاينىتىلىپ ئىچىلسە بۇلىدۇ.
شاپتۇلنىڭ يۇپۇرمىقى بىلەن ھاشارەتنى ئۆلتۈرگىلى بۇلىدۇ.شاپتۇلنىڭ قۇرۇق يۇپۇرمىقىدا جىنسى يولنى تازلاش سۇيۇقلىقى ئىشلەپ،تامچە قۇرۇتلۇق جىنسى يول ياللۇغىنى داۋالىغىلى بۇلىدۇ.
بۇخىل تازلاش سۇيۇقلىقىنى ئىشلەش ئۇسۇلى:30گىرام شاپتۇل يۇپۇرمىقى ،1000مىللىلىتىر سۇ بىلەن قاينىتىلسا بۇلىدۇ.
<تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى جەۋھەرلىرى دىگەن كىتاپتىن كۈچۈرۈلدى>
[ بۇ يازمامەمەتجان88تەرپىدىن2011-09-20 21:57دە قايتا ]