كالا گۈش تەملىك پۇرچاق قىزىلمۇچ  مۇرابباسىدا قورۇلغان لەمپۇڭ 
ماتىرىيالى : 
لەمپۇڭ 400 گىرام ، كۆكمۇچ 1 تال ، قىزىل مۇچ يېرىم تال ، سامساق ، زەنجىۋىل ، غولپىياز مۇۋاپىق مىقداردا . 
خۇرۇچلىرى : 
تۇز ،كالا گۈش تەملىك پۇرچاق قىزىلمۇچ  مۇرابباسى،  توخۇ تەملىك تېتىتقۇ ، شېكەر ، جىياڭيو ، ھۆل كىراخمال . 
تەييارلاش جەريانى : 
1. لەمپۇڭنى قەنىتتەك توغرىۋالىمىز . مۇچ ، سۇڭپىياز ، زەنجىۋىل سامساقلارنى تەييار قىلىۋالىمىز .  

2. مۇچ ، سۇڭپىياز ، زەنجىۋىل ،  سامساقلارنى ئۇششاق توغرىۋالىمىز .   

3.قازىننى ئېسىپ . قىزىتىپ ، ماي قويۇپ ،  سۇڭپىياز ، زەنجىۋىل ،  سامساقلارنى مەزىلىك پۇراق چىققۇچە قورۇيمىز .  

4. كالا گۈش تەملىك پۇرچاق قىزىلمۇچ  مۇرابباسىدىن بىر قوشۇق سېلىپ ، ئوتنى پەسەيتىپ  مەزىلىك پۇراق ۋە قىزىل مېيى چىققۇچە قورۇيمىز .

5. لەمپۈڭنى سېلىپ . كۈچلۈك ئوتتا قورۇيمىز .  

6.جىياڭيو ، شىكەر ، تۇزلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇپ ، ئازراق سۇ قويۇپ بىر ئاز قاينىتىۋالىمىز . 
  7.لەمپۇڭ ئازراق سۈزۈلگەندە ، كۆك ، قىزىق مۇچلارنى سېلىپ قورۇيمىز .  

8. ئازراق ھۆل كىراخمال بىلەن توخۇ تەم تېتىتقۇسى سېلىپ بىر ئېلەشتۈرۈپ ئالىمىز ، تامام .  

ئالاھىيدىلىكى:  ئاچچىق - چۈچۈك ھەم مىزىلىك كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ . تەييارلاشمۇ بەك  ئاسان . 
( نائىلە تەرجىمىسى  

 )