红烧鱼   قىزارتىلغان بېلىق 
مېتېريالى :    بېلىق ، كەرەپشى ، سامساق كۆكى ،  سامساق ، قىزىلمۇچ ، زەنجىۋىل ، تۇز ، ئاقمۇچ ، كۈنجۈت يېغى  ، جاڭيۇ ، شېكەر ، ئاچچىقسۇ ، پۇرچاق قىزىلمۇچ  مۇرابباسى ( 豆瓣 ) 
1.   بېلىق پاكىز  تازلانغاندىن كېيىن  ئىككى تەرىپىگە  پىچاقنى يانتۇ قىلىپ  ئىز چىقىرىلىدۇ . ئاندىن ئىچى تېشىغا تۇز ، ئاقمۇچ ، كۈنجۈت يېغى  سۈركەپ تەم كىرگۈزۈپ قويۇلىدۇ . 
2.  كۆكتاتلار  ئۇششاق چانىلىدۇ . 
           3.   تاۋىنى قىززىتىپ  ياغ قۇيۇپ قىززىغاندا  بېلىقنى سېلىپ   تەككۈزۈپ ئىككى تەرىپىنى  قاتۇرۇپ  ئېلىۋالىمىز . 
4.  قازانغا ئاز ياغ قۇيۇپ  توغرالغان كۆكتاتلارنى قورۇپ  خۇشپۇراق چىقىرىۋالىمىز . 
 5.  پۇرچاق قىزىلمۇچ مۇرابباسى  سېلىپ  قورۇپ قىزارتىسىز . 
   6.   شورپا ياكى قايناقسۇ قۇيۇپ  جاڭيۇ ، شېكەر ، ئاچچىقسۇ ، تېتىتقۇ  قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەيسىز.
  7.   بېلىقنى  سېلىپ  پەس ئوتتا  15 مىنۇت قاينىتىسىز . 
  。
8.  بېلىقنىڭ  شورپىسى  قويۇقلاشقاندا  ئازراق ھۆلكراخمال سېلىپ  تەخسىگە ئالىسىز
  
  ئالاھىدىلىكى  :  رەڭگى قىزىل  ، پارقىراق ،  تەمى ئاچچىق چۈچۈك ،  تاتلىق ، مەززىلىك ،    شورپىسى قويۇق  ، ئوزۇقلۇقى مول  بولىدۇ .