红烧鱼 قىزارتىلغان بېلىق
مېتېريالى : بېلىق ، كەرەپشى ، سامساق كۆكى ، سامساق ، قىزىلمۇچ ، زەنجىۋىل ، تۇز ، ئاقمۇچ ، كۈنجۈت يېغى ، جاڭيۇ ، شېكەر ، ئاچچىقسۇ ، پۇرچاق قىزىلمۇچ مۇرابباسى ( 豆瓣 )
1. بېلىق پاكىز تازلانغاندىن كېيىن ئىككى تەرىپىگە پىچاقنى يانتۇ قىلىپ ئىز چىقىرىلىدۇ . ئاندىن ئىچى تېشىغا تۇز ، ئاقمۇچ ، كۈنجۈت يېغى سۈركەپ تەم كىرگۈزۈپ قويۇلىدۇ .
2. كۆكتاتلار ئۇششاق چانىلىدۇ .
3. تاۋىنى قىززىتىپ ياغ قۇيۇپ قىززىغاندا بېلىقنى سېلىپ تەككۈزۈپ ئىككى تەرىپىنى قاتۇرۇپ ئېلىۋالىمىز .
4. قازانغا ئاز ياغ قۇيۇپ توغرالغان كۆكتاتلارنى قورۇپ خۇشپۇراق چىقىرىۋالىمىز .
5. پۇرچاق قىزىلمۇچ مۇرابباسى سېلىپ قورۇپ قىزارتىسىز .
6. شورپا ياكى قايناقسۇ قۇيۇپ جاڭيۇ ، شېكەر ، ئاچچىقسۇ ، تېتىتقۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەيسىز.
7. بېلىقنى سېلىپ پەس ئوتتا 15 مىنۇت قاينىتىسىز .
。
8. بېلىقنىڭ شورپىسى قويۇقلاشقاندا ئازراق ھۆلكراخمال سېلىپ تەخسىگە ئالىسىز
ئالاھىدىلىكى : رەڭگى قىزىل ، پارقىراق ، تەمى ئاچچىق چۈچۈك ، تاتلىق ، مەززىلىك ، شورپىسى قويۇق ، ئوزۇقلۇقى مول بولىدۇ .